مېڭە تۇبېركۇليوز پەردە ياللۇغى كېسىلى

مېڭە تۇبېركۇليوز پەردە ياللۇغى كېسىلى

تۇبېركۇليوز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى (TBM) تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېڭە پەردىسى ۋە ئومۇرتقا پەردىسى غەيرىي يىرىڭلاش، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى مېڭە تۇبېركۇليوز پەردە ياللۇغى كېسىلى
خەنزۇچە نامى 脑结核膜炎
چەتئەلچە نامى (tuberculous meningitis (TBM
كېسەللىك سەۋەبى تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش
كېسەللىك ئورنى چوڭ مېڭە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭە تۇبېركۇليوز پەردە ياللۇغى كېسىلىتۇبىركۇليوزى كېسەللىكىدە  تەخمىنەن %15 ~ %5 بىمارلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇبېركۇليوز خاراكتېرلىك مېڭە پەردە ياللۇغى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، نېرۋا سىستېمىسى تۇبېركۇليوزى تەخمىنەن % 70 نى ئىگىلەيدۇ،  ئېرىشمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تۇبېركۇليوزغا قارشى دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىدا قېلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى تەدرىجىي ئۆرلەۋاتدۇ.

بۇ خىل كېسەل تۇبېركۇليوز باكتېرىيىلىرىنىڭ مېڭە پەردىسىگە ھۇجۇم قىلىشى ئارقىلىق پەيدا بولغان مېڭە پەردە ياللۇغ كېسىلى بولۇپ، بالىلاردىكى تۇبېركۇليوز كېسىلىدىكى ئەڭ ئېغىر كېسەلنىڭ بىر تۈرى. بۇ خىل كېسەل دائىم ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى، لىمفا تۇبېركۇليوز كېسىلى، ئۈچەي تۇبېركۇليوز كېسىلى، ھەتتا ئۇستىخان تۇبېركۇليوز كېسىلى قاتارلىق تۇبېركۇليوز كېسىلى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. تۇبېركۇليوز باكتېرىيىلىرى قان ئارقىلىق مېڭىگە بارىدۇ ۋە مېڭە پەردىسىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ خىل كېسەل كۆپىنچە بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، يۇقۇملىنىش مەنبەسى كۆپىنچە ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان چوڭلار بولۇپ، نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقىدۇ. 

كېسەللىك يوشۇرۇن، سۇزۇلما كېسەل، ئۆتكۈر ياكى سۇس ئۆتكۈر خارەكتېردە قوزغىلىدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان تۇبېركۇليوز بىلەن ئۇچرىشىش  كېسەللىك تارىخى يېنىكلىك  دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس.

بۇ خىل كېسەللىك كۆپىنچە ئاستا-ئاستا قوزغىلىدۇ، دەسلەپكى ۋاقىتتا بىماردا بوشراق قىزىش، كېچىسى قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا قاتتىق تەرلەش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بىراق ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىدە يىرىڭلىق مېڭە پەردە ياللۇغىغا ئوخشاش ناھايىتى تېزلا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، ياندۇرۇش، تارتىشىش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بىمارنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن: ئەسلىدىكى شوخ، كەپسىز بالا تۇيۇقسىزلا روھسىز، ھارغىن، چۈشكۈن ياكى ئۇيقۇغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ شۇنداقلا روھىي جەھەتتە غىدىقلىنىپ، قاتتىق ۋەھىمە، قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا-ئاستا كېسەلنىڭ كەيپىياتى ئېغىرلىشىپ، بىماردا باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر، ئېغىر بولغاندا تارتىشىش، نەرسىلەرنى ئوچۇق كۆرەلمەسلىك، تەپەككۇر قىلالماسلىق، بوينى قاتتىق بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ھەتتا ھوشىدىن كېتىش، نەپەس تەرتىپسىز بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.

1. ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش

نۆۋەتتە، سەھىيە تارماقلىرى كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئارقىلىق پلانلىق ئاساسىدا ئىممۇنىتېتلاشنى يولغا قويدى ھەم كالمېت-گۋېرىن ۋاكسىنىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلىدى شۇنداقلا تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كالمىت-گۋېرىن ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئارقىلىق مېڭە تۇبېركۇلوز كېسىلى، لىمفا تۇبېركۇليوز كېسىلى، ئۈچەي تۇبېركۇليوز كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنە يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى كونترول قىلىپ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش كېرەك. بۇمۇ بالىلاردىكى مېڭە تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كونكرېت تەدبىر.

2.بالدۇر دىئاگنوز قويدۇرۇش

بالىلاردا بوشراق قىزىش، كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا تەرلەش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ياكى كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولسا، دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىش، بالدۇر دىئاگنوز قويغۇزۇش ۋە بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بېرىش، بىمارلارنى داۋالاش ۋە خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

1. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە

بىمارنى ئوزۇقلۇق مول، ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئاقسىل يۇقىرى، ۋىتامىن كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك. بالىلارغا كالا سۈتى، توخۇ تۇخۇمى، بېلىق شورپىسى، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بەرسە بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىراق، ئاز-ئازدىن بېرىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بولمىسا، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.

2. دورا ئىچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش

تۇبېركۇليوزغا قارشى تۇرغۇچى دورىلار ئارقىلىق كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش، كېسەللىكنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىشلەتمەسلىك، شۇنداقلا تۇبېركۇليوز كېسىلى ياكى مېڭە تۇبېركۇلوز پەردە ياللۇغىغا توغرا دىئاگنوز قويدۇرۇپ، ئىمكانقەدەر بالدۇرراق، ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش كېرەك.

بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورا بىلەن داۋالاشنى ئاز دېگەندىمۇ بىر يىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، شۇڭا ئاتا-ئانىلار دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە بالىغا توختىماستىن دورا بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، بولمىسا كېسەللىك قايتا قوزغىلىپ قالىدۇ.

3. دورا ئۆسۈملۈكىنىڭ قوشۇمچە رولىنى كۆزىتىش

 نۇرغۇنلىغان مېڭە تۇبېركۇليوزغا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنىڭ جىگەرگە زىيىنى بار، شۇڭا قەرەللىك ھالدا بالىنىڭ جىگىرىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، سترېپتومىتسىن بولسا قۇلاق ۋە بۆرەككە زىيىنى بار، بالىلاردا بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

4. كۈتىنىش جەھەتلەردە

ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق ۋە ئاستا-ئاستا سىرتقا چىقىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىش ۋە بەدەندە تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قالغان بىمارغا نىسبەتەن، ھەرقايسى فۇنكسىيىلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ، مۇسكۇللارنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇش كېرەك.

بۇ خىل كېسەلگە قارشى تۇرۇش دورىسى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 100% بولغان. ھازىر كاجيا ئىنسۇلىنى ئىشلىتىش ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى بۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى بارغانسېرى تۆۋەنلەتتى. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يەنە يۇقىرىلاپ كەتتى، ئەگەر ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇلماي، ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە كېسەللىك ئاسارىتى بۇرۇنقىدىن يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بالدۇرراق دىئاگنوز قويۇش ۋە ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#