چوڭجىن شەھىرى

چوڭ جىن شەھىرى

چاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى، شىمالىي خامگيوڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، شەھەر ياپون دېڭىزى بويىغا جايلاشقان، سۈيى قىش پەسلىمۇ توڭلىمايدۇ، يىل بويى قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. 

نامى
چوڭ جىن شەھىرى
دۆلىتى چاۋ شىيەن
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
خەنزۇچە نامى 清津市
ئۆلكىسى خامگيوڭ ئۆلكىسى
نوپۇسى 700مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ جىن شەھىرىچاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى، شىمالىي خامگيوڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، شەھەر ياپون دېڭىزى بويىغا جايلاشقان، سۈيى قىش پەسلىمۇ توڭلىمايدۇ، يىل بويى قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. بۇ شەھەرگە 1960-يىلى پۇنىڭ، روناملار قوشۇلۇپ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولۇپ قۇرۇلدى. ئاھالىسى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. چوڭجىن ئەسلى بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى بولۇپ، 1908-يىلى سودا پورتى بولۇپ ئېچىلغان، ھازىر ئۇ شىمالىي چاۋشيەننىڭ ئەڭ چوڭ پولات سانائەت بازىسى، ئۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولات پۈتۈن چاۋشيەن بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان پولاتنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدۇ، شۇڭا بۇ شەھەر چاۋشيەننىڭ «پولات پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلدۇ. پولات سانائىتىدىن باشقا كېمىسازلىق، كان ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيىۋى تالا ئىشلەش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ئېلېكترلەشكەن تۆمۈريول ئارقىلىق شىمالدا روجىن شەھىرى بىلەن غەربىي جەنۇبتا پايتەخت—پىيوڭراڭ بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. دېڭىز ئارقىلىق چەت ئەللەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ، شەھەردە ھەرخىل تىپتىكى ئالىي مەتكەپلەر، سۇ مەھسۇلاتلرىنى تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#