شەھدان

شەھدان ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تىك ئۆسىدىن سامان غوللۇق، شەھدانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى شەھدان
پارسچە نامى Trollius chinensis Bunge
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېگىز تاغ يايلاق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 金莲花
شەكلى غۇنچە شەكىللىك
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەھدانشەھدان ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق تىك ئۆسىدىن سامان غوللۇق، شەھدانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ. سىلىق، تۈكلىرى يوق؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۈۋىدىن ئۆسىدىغان يوپۇرمىقى بىر-ئىككى تال بولۇپ، ئۇزۇن سېپى بولىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى ئۈچ-تۆت تال بولۇپ، ئالىقانسىمان ئۈچ تەرەپكە چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە ياكى يانتۇ تۇخۇم شەكلىدە، گىرۋىكىدە كەمتۈكلىرى ۋە ئۆتكۈر ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ گۈلى يالغۇز غولىنىڭ ئۇچىدا بولىدۇ، رەڭگى ئالتۇن سېرىق رەڭدە؛ غۇنچە شەكىللىك مېۋىسىنىڭ ئۇچى تەرىپىدە سىرتقا ئېگىلىپ تۇرغان ئىلمىكى بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلغاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېگىز تاغ يايلاقلىرىدا ئۆسىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

شەھداندىن تۆت گرام ئېلىپ دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شەھداندىن 12 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن تۆت گرام، سەبدىگۈلدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، ئۆتكۈر قۇلاق پەردىسى ياللۇغى، ئۆتكۈر كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ۋە ئۆتكۈر لىمفا كانالچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شەھداندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سىرتقى تەسىردىن بولغان زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#