ئەپلاتون

ئەپلاتون

گرېتسىيلىك ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئەپلاتون غەرب سىياسىي پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەخلاقىي قاراش ۋە مىتافىزىكا(دۇنيانىڭ تۈپ ئاساسىي توغرىسىدا) نىڭ ئاساس سالغۇچىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەپلاتون
باشقا نامى Plato
يۇرتى ئافىنا
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 347-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 柏拉图
دۆلەت تەۋەلىكى گرېتسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇن 427-يىلى
كەسپى پەيلاسوپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەپلاتون  گرېتسىيلىك ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئەپلاتون غەرب سىياسىي پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەخلاقىي قاراش ۋە مىتافىزىكا (دۇنيانىڭ تۈپ ئاساسىي توغرىسىدا) نىڭ ئاساس سالغۇچىسى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىدىيە ۋە ئۇقۇملىرى تەتقىق قىلىنىۋاتقىلى 2300 يىل بولدى، شۇڭلاشقا ئەپلاتون غەرب ئىدىيىسىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىلىدۇ. 

  ئەپلاتون مىلادىيىدىن ئىلگىركى 427-يىلى يۇناننىڭ ئافېنا شەھىرىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن بۇلۇپ ،ئۇلار ئەپلاتوننى شۇ دەۋردە ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيىلىنىش شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن .مول بايلىق ۋە يېتەرلىك ۋاقىت ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولدى . ئائىلىسىنىڭ تەربىيىسى تەسىرىدىن ئەپلاتون ياش مەزگىلىدىلا سىياسىغا قىزىقىپ قالغان ،يۇنناندىكى زەھەر دۆلەتلىرى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوبىكىتقا ئايلانغان . ئەپلاتون تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن يۇناندا پلوپوننېسوس ئۇرۇشى پارتلىغان .بۇ ئۇرۇش 30يىلچە داۋاملىشىپ ئافېنا ئىتتىپاقىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى . بۇ نەتىجە ئافېنا دېموكراتىك سىياسىسىنىڭ نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلىدى ،شۇنداقلا ئەپلاتوننى ئۈمىدسىزلەندۈردى ،شۇڭا ئەپلاتون ئافىنادا سىپارتاكنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سىياسىي تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ،دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنىڭ ئاز ساندىكى پاراسەتلىك ئىستېداتلىق ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە بۇلىشىنى ئۈمىد قىلدى .ئۇرۇشتىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي ئافىنادا دېموكراتىك تۈزۈم ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . يېڭى ھاكىمىيەتنى سىياسىي تەۋەككۈلچىلەر ،قايمۇقتۇرغۇچىلار ۋە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغانلار كونترول قىلىۋالدى .ئۇلار ئىلاھىي نەرسىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق جىنايىتى دېگەندەك كۈلكىلىك جىنايەت بىلەن سوقراتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى . بۇ ئىش ئەپلاتوننىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمگە بولغان ئاداۋىتىنى كۈچەيتىۋەتتى .

ياش مەزگىلىدە ئۇلۇغ پەيلاسوپ سوقرات بىلەن تونۇشىدۇ، كېيىن سوقرات ئەپلاتوننىڭ دوستى ھەم ئۇستازى بولۇپ قالىدۇ.ئەپلاتون 20 ياشتىن باشلاپ سوقراتنى ئۇستاز تۇتۇپ پەلسەپە ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان .ئەپلاتوننىڭ ئۇستازى ۋە دوستى بولغان سوقرات روھ ئۆلمەيدۇ دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلاتتى .ئاق كۆڭۈل ئادەم يامانلىق قىلمايدۇ دەپ قارايتتى ،بۇ ئىدىيلەر ئەپلاتونغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى .ئەپلاتون سوقراتنى ئۇلۇغلاپ ئۇنى ئۆز دەۋردىكى ئەڭ دۇرۇس ئەڭ پاراسەتلىك ئادەم دەپ قارىدى . 

ئەپلاتون سوقراتنى «ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ ئادىل، ئەڭ مەشھۇر ئادەم» دېگەنىدى. سوقراتنىڭ ئۆلۈمى ئەپلاتۇننىڭ دېموكراتىك ھاكىمىيەتكە بولغان غەزىپىنى قوزغايدۇ.مىلادىدىن 399 يىل بۇرۇن، سوقرات ئافىنا ياشلىرىنى چىرىتكەن دەپ ئەيپلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ 70 ياشتا ئىدى.ئەپلاتوننىڭ ئەسەرلىرى دىئالوگ خاتىرىسى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بۇلۇپ ئۇنىڭ كۆپ قىسمىغا سوقرات ئاساسىي سۆھبەتلەشكۈچى تەرەپ قىلىنغان ئىدى .سوقرات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپلاتون ئافېنادىن ئايرىلىپ باشقا جايلاردا 12 يىل ساياھەت قىلدى ،ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ كىچىك ئاسىيانىڭ دېڭىز ياقىسى مىسىر ،شىمالىي ئافرىقا ،ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ جايلارنىڭ تۈزۈم ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى تەكشۈردى ،ھەر قايسى يۇرت ئالىملىرى بىلەن ئۇچراشتى ،ئۇ ناھايىتى تېزلا داڭلىق پەيلاسوپقا ئايلاندى .ئەپلاتون ئۆمرىدە سراكۇزنى ئۈچ قېتىم ساياھەت قىلغان .ئەپلاتون 1-قېتىملىق ساياھىتىدە ئارچتا بىلەن تونۇشتى ،ئارچتا داھىيلىق بىلەن پەيلاسۇپلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنىدى ،ئەپلاتون ئۇنىڭ جىسىمدىن پەلسەپە پىرىنىڭ پروتوتىپىنى بايقىدى . ئەپلاتوننىڭ نەزىرىدكى غايىۋى دۆلەت نۇقۇل خام خىيال بولماستىن بەلكى يۇناننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرلۈك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدى .بەزى جەھەتلەردە سىپارتانىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۈلگە قىلىنغان ئىدى .گەرچە پەلسەپە پىرىنىڭ غايىۋى دۆلىتى ئاخىرقى ھېسابتا ئوتوپىيىگە بولسىمۇ لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ بايانلىرىدىن يەنە ئاز تولا ئىلھام ئالدى . مىلادىدىن تەخمىنەن 387 يىل بۇرۇن ئۇ ئافىناغا قايتىپ كېلىپ مەكتەپ قۇرىدۇ، بۇ ياۋرۇپا تارىخىدىكى تۇنجى مۇقىم مەكتەپ ئىدى، بۇ مەكتەپ 900 يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن، ئەپلاتون 40 يىللىق ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئافىنادا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئەڭ مەشھۇر ئوقۇغۇچى ئارېستوتىل، ئۇ 17 ياش ۋاقتىدا ئەپلاتون 60 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. ئەپلاتون مىلادىدىن 347 يىل بۇرۇن، 80 يېشىدا ۋاپات بولغان. 

ئۆمۈر بويى تەنھا ياشىغان 80 ياشلىق بۇ پەيلاسوپ بىر قېتىملىق توي زىياپىتىدە ساپ -ساق پېتى جان ئۈزگەن .ئەپلاتون سوقراتنىڭ ۋارىسى ئاكادېمىينىڭ قۇرغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى .ئىدىيە تارىخى ،پەلسەپە تارىخى سىياسەتشۇناسلىق ،جەمئىيەتشۇناسلىق شۇنداقلا تەبئىي پەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەپلاتوندىن ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ .گەرچە ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن .ئۇنىڭ سىياسىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇ . 

ئەپلاتونئەپلاتوننىڭ 36 پارچە ئەسىرى بار، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي، ئەخلاق قارىشى توغرىسىدا يېزىلغان، مېتافىزىكا(دۇنيانىڭ تۈپ ئاساسىي) ۋە تېئولوگىيە توغرىسىدا يېزىلغانلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئومۇمتۈزلۈك چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق، ئۇنىڭ «دۆلەت ھەققىدە» دېگەن كىتابىدىن ئۇنىڭ غايىلىك جەمئىيەت توغرىسىدىكى قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. 

ئەپلاتون ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت شەكلى ئاقسۆڭەكلەر دۆلىتى دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى ۋارسلىق ۋە پادىشاھلىق شەكلىدىكى دۆلەت بولماستىن، سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىغا تاينىدىغان ئاق سۆڭەكلەر شەكلىدىكى دۆلەت، يەنى ھاكىمىيەت ھوقۇقى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ مەشھۇر ئادەمنىڭ قولىدا بولۇش كېرەك؛ بۇ ئادەملەرنى ئاۋام ئاۋاز بېرىپ سايلىماستىن، مەلۇم تاللاش پرىنسىپى بويىچە تاللاش كېرەك؛ ھۆكۈمران قاتلام ئەزالىرى ياكى «قانۇنلۇق ھاكىميەت تۇتقۇچى» نىڭ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئاساسىدا لاياقەتلىك ئادەملەرنى ئۆز قاتلىمىغا كىرگۈزۈش كېرەك. 

ئەپلاتون بارلىق ئادەملەر، ئۇنىڭ ئەر-ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھۆكۈمران قاتلامنىڭ ئەزاسى بولالىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىش پۈرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ(بۇنىڭدىن بىز ئەپلاتۇننىڭ ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان تۇنجى پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز) . پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەپلاتون دۆلەت بالىلارنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بالىلار ئالدى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەنتەربىيە مەشقى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بىراق مۇزىكا، ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ ھەمدە ھەر قايسى باسقۇچتا كەڭ دائىرىدە ئىمتىھان ئېلىپ تۇرۇش كېرەك. ئىمتىھان نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئىگىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قويۇش كېرەك. نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلار داۋاملىق ئوقۇپ، ئەپلاتون كۆرسەتكەن تىپىك مېتافىزىكا ئاساسلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك. 

35 ياشقىچە ئۆگىنىپ، بۇ نەزەرىيىلەرنى ھەقىقەتەن ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ چىققان ئادەملەرگە ئۈزلۈكسىز ھالدا 15 يىللىق قوشۇمچە چېنىقىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ «قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۇتقۇچى» قاتلىمىغا كىرىش-كىرەلمەسلىكى ئۇنىڭ ئۆگەنگەن نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكىگە، ياكى ئۇلارنىڭ بۆلىدىغانلىقى روشەن ئىپادىلەنگەن-ئىپادىلەنمىگەنلىكىگە باغلىق. 

قانۇنلۇق ھاكىميەت تۇتقۇچى قاتلىمىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ھەر بىر كىشى ھازىرلايدۇ. ئۇلارنىڭ بايلاردىن بولۇشى ھاجەتسىز، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز مۈلكى بولۇشقا يول قويۇلىدۇ. مۇقىم ئىش ھەققى بولسا بولىدۇ، بىراق سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئالتۇن-كۈمۈش ۋە مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشىغا بولمايدۇ، بىرگە تاماق يەيدىغان، ئورتاق خوتۇن، ئورتاق ئەر بولغان ئائىلىسى بولۇشقا بولمايدۇ. بۇ ھۆكۈمران قاتلىمىغا ماددىي مۇكاپات بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت مەنىۋى مۇكاپات بېرىلىشى كېرەك، ئۇلار جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا مەنىۋى ھوزۇر ئېلىشى كېرەك.

ئەپلاتون پەلسەپىسى چىنلىق بىلەن ھادىسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان .ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە دۇنيا ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ .بىرى ئىدىيىدىن تەشكىل تاپقان ئەقلى دۇنيا يەنە بىرى ئايرىم ھادىسىلەردىن تەشكىل تاپقان ھېسسىي دۇنيا .ئالدىنقىسى چىن مۇكەممەل مەڭگۈلۈك كېيىنكىسى ساختا كەمتۈك ۋە ئۆزگىرىشچان بولىدۇ .ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە ،ئىدىيە ماددىدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولىدۇ ،بىلىم ئادەمدە تۇغما بار بولىدۇ .كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش جەريانى ئەسلەش جەريانىدىن ئىبارەت خالاس . شۈبھىسىزكى ،بۇ باش -ئايىغى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن ئىدېئالىزمدۇر . 

دۆلەت ئەپلاتوننىڭ غايىۋى دۆلەت توغرىسىدىكى قىياسى مەركەزلىك ئەكىس ئەتكەن . ئەپلاتوننىڭ قەلبىدىكى غايىۋى دۆلەت ئۈچ سىنىپقا تەۋە ئادەملەردىن ،يەنى دۆلەتنى باشقۇرغۇچىلار دۆلەتنى قوغدىغۇچىلار ۋە ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن تەركىبلەنگەن .

دۆلەتنى باشقۇرغۇچىلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ،شۇڭا ئۇلاردا ئەقىل پاراسەت بۇلىشى لازىم ،دۆلەتنى قوغدىغۇچىلار تاشقى جەھەتتىن دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ئىچكى جەھەتتىن خەلقنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ . شۇڭا ئۇلاردا باتۇرلۇق پەزىلەت بۇلۇ ش لازىم .ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ،قۇللار پەقەت سۆزلىيەلەيدىغان قورال خالاس .بۇ ئۈچ سىنىپ ئۆز پەزىلىتىنى ساقلاپ ،مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالىسىلا دۆلەت ئىناق بولىدۇ .ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،ئەپلاتون پەيلاسوپ -ئاتالمىش پەلسەپە پىرىلىرنىڭ دۆلەت ھۆكۈمرانى بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى . چۈنكى ئۇ پەلسەپە پىرى ئەقىل پاراسەت ،ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ئاقىلانىلىككە ھەممىدىن باي كېلىدۇ دەپ قارايتى ،

ئەپلاتون سراكۇزنى تۇنجى قېتىم ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىنكېيىن ئاكادېمىيە بىلىم يۇرتى قۇردى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى 40 يىلنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ بىلىم يۇرتىدا ئۆتكۈزدى .بىلىم يۇرتىنىڭ قۇرلىشى ئەپلاتوننىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى شۇنداقلا ياۋروپا ئىلىم پەن تارىخىدا خاتىرىلەشكە تېگىشلىك ۋەقە ئىدى .كېيىنچە غەربتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاكادېمىيە دەپ ئاتالدى . ئەپلاتون ئاكادېمىيىسى ياۋروپا تارىخىدىكى تۇنجى ئۇنۋېرسال مەكتەپ بۇلۇپ ،ئۇنىڭدا بىلىم بېرىش ئىلمىي تەتقىقات ،سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ئالىم -ئۆلىمالار ۋە سىياسىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش بىر گەۋدىلەشكەن ئىدى .ئاكادېمىينىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇقۇش ھەققى تاپشۇرمايتى .لېكىن ئۇلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى بىلىشى شەرت ئىدى .ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يۇناندىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىن كەلگەن ئىدى .ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىز ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىناتتى .

ئاكادېمىيە ھېساب ،گېئومېترىيە ،ئاسترونومىيە دەرسلىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى . ئەپلاتون :ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرى گىئومېتىرينى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك ،بولمىسا ئۇلار سىرلىق پەلسەپە قەسرىگە قەدەم باسالمايدۇ دېگەننى كۆپ تەكىتلەيتتى .ئاكادېمىيە نۇرغۇن داڭلىق ئالىم ئۆلىمالارنى يېتىشتۈردى ،كاتا شۆھرەت قازانغان ئارىستوتېل ئۇلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى .ئەپلاتون دەۋرىدىكى ئاكادېمىيە ئەينى ۋاقىتتىكى بىلىمگە تەشنا ياشلار تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلانغان ئىدى .

ياۋروپادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئەپلاتوننىڭ پرىنسىپىنى يولغا قويالىغىنى يوق. بىراق، بۇ جەھەتتە بىز ئوتتۇرا ئەسىردىكى كاتولىك چېركاۋىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى، ئەينى ۋاقىتتا، كاتولىك چېركاۋدىكى دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى پەلسەپىۋى مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرگەن بىلىم ئىگىلىرى قاتلىمىدىن كەلگەن، ئەر خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ توي قىلىشى مەنئى قىلىنغان، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىدى.

ئەپلاتوننىڭ ئامېرىكىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بار. ئامېرىكا قانۇنىنىڭ مەلۇم ماددىلىرىدا: «دۆلەت ئامال قىلىپ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ھۈرمەت قىلىدىغانلارنى بايقىشى، ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ مەشھۇر ئادەملەرنى دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللاش كېرەك» دەپ بېكىتىلگەن. 

ئەپلاتوننىڭ تەسىرى ۋە نوپۇزى ئۇزاققىچە يوقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاق نەزەرىيىسى ۋە سىياسىي نەزەرىيىسى كېيىنكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارغا تەسىر كۆرسەتتى.

مېنىڭ ئەپلاتوننى ئارېستوتېلنىڭ كەينىگە تىزىشىمدىكى سەۋەب، ئارېستوتېل ئالدى بىلەن ئالىم ئاندىن پەيلاسوپ بولغانلىقىدا، مېنىڭ ئەپلاتوننى ۋولتېر ياكى لوكنىڭ ئالدىغا تىزىشىم، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئەسەرلىرى دۇنياغا ئىككى، ئۈچ ئەسىر تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئەپلاتوننىڭ تەسىرى 23 ئەسىر داۋاملاشقانلىقىدا.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#