زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى

زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى» 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国预备役军官法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó yù bèi yì jun1 guān fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2010–يىلى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى» زاپاس ئوفىتسېرلار تۈزۈمىنى ۋە دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنىغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (33-نومۇرلۇق)

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى» 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

1996-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا ماقۇللانغان. ھەمدە  ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

11– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى» غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 3-ماددا قىلىندى: «زاپاس ئوفىتسېرلار دۆلەت مۇداپىئە زاپاس كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇرۇش مەزگىلىدە رەسمىي ئوفىتسېرلارنى تولۇقلاشنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، مەسئۇلىيىتىگە لايىق مەرتىۋە ۋە شەرەپتىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە مۇناسىپ تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.»

2. 3-ماددا 4-ماددا قىلىنىپ، 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلار ۋەزىپىسىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ھەربىي ئوفىتسېر، سىياسىي ئوفىتسېر، ئارقا سەپ ئوفىتسېرى، قورال-جابدۇق ئوفىتسېرى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئوفىتسېرى، دەپ ئايرىلىدۇ.» مۇشۇ ماددىنىڭ تۈزىتىلىشى بىلەن ، 14-ماددىنىڭ 1-تارمىقى، 20-ماددىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ 1-تارماقچىسى، 21-ماددىنىڭ 2-تارمىقىمۇ مۇناسىپ تۈزىتىلدى.

3. 4-ماددا 5-ماددا قىلىنىپ، 2-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ھەربىي رايون، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) نىڭ سىياسىي بۇسى شۇ رايوندىكى زاپاس ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئارمىيە خېلى، ئەسكەر تۈرلىرىنىڭ سىياسىي بۇلىرى شۇ ئارمىيە خىلى، ئەسكەر تۈرىدىكى قىسىمنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىرىنى ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.»

4. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 7-ماددا قىلىندى:«خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سىياسىي بۇسى، ھەربىي رايوننىڭ سىياسىي بۇسى، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون) نىڭ سىياسىي بۇسى، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) نىڭ سىياسىي بۇسى ۋە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار، شۇ جايدىكى زاپاس قىسىم ۋە زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي قىسىمدىكىلەر قاتناشقان بىرلەشمە يىغىننى قەرەللىك ئېچىپ، زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. بەك زۆرۈر بولغاندا، يىغىننى قەرەلسىز ئاچسىمۇ بولىدۇ.

بىرلەشمە يىغىندا بېكىتىلگەن ئىشلارنى ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە قىلىشى كېرەك.»

5. 8-ماددا چىقىرىۋېتىلدى.

6. 9-ماددا 10-ماددا قىلىنىپ، 2-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەش ياكى مۇكاپاتلاش كېرەك.»

7. 2-بابنىڭ نامى:«زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ شەرتى، مەنبەسى ۋە تاللىنىشى» دەپ تۈزىتىلدى.

8. 10-ماددا 12-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلار تۆۋەندىكى كىشىلەردىن تاللىنىدۇ:

(1) رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلار ۋە مۈلكىي كادىرلار؛

(2) رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر؛

(3) مەخسۇس خەلق قوراللىق كادىرلىرى ۋە خەلق ئەسكىرىي كادىرلىرى؛

(4) ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛

(5) ھەربىي تارماقتىن باشقا تارماقتىكى كەسپىي، تېخنىكا خادىملار؛

(6) زاپاس ئوفىتسېرلىق ئاساسىي شەرتىگە توشىدىغان باشقا پۇقرالار.»

9. 13-ماددا 14-ماددا قىلىنىپ، 2-تارمىقىنىڭ 2-تارماقچىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسىنى تاللاشتا، ئالاقىدار زاپاس قىسىم ياكى رەسمىي قىسىم ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ نامزاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، 2-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسىنى تاللاشتا، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى تەكشۈرۈپ، نامزاتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش»؛

10. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 20-ماددا قىلىندى: «دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلار ئارىسىدا ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ دەرىجىسىنى پەرقلەندۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان نام، بەلگە ۋە دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلارغا بەرگەن شان-شەرەپتۇر».

11. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 24-ماددا قىلىندى: «زاپاس ئوفىتسېرلار ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان مەزگىلدە، ھەربىي ئۇنۋانى يۇقىرى زاپاس ئوفىتسېر ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەن زاپاس ئوفىتسېرنىڭ باشلىقى بولىدۇ؛ ھەربىي ئۇنۋانى يۇقىرى زاپاس ئوفىتسېر ۋەزىپە جەھەتتە ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەن زاپاس ئوفىتسېرغا قاراشلىق بولسا، ۋەزىپىسى يۇقىرى بولغىنى باشلىق بولىدۇ».

12. 22-ماددا 25-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلارغا ھەربىي ئۇنۋان باھالاش ۋە بېرىشتە، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى، ئىشلىگەن (ۋەزىپە ئۆتىگەن) يىل سانى، ئەخلاقى، قابىلىيىتى ۋە خىزمەت نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ».

13. 5-بابنىڭ نامى: « زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملاش» دەپ تۈزىتىلدى.

14. 32-ماددا 35-ماددا قىلىنىپ، 2-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلەر ئورۇنلاشتۇرغان جايغا بارغان كۈنىدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىگە بېرىپ، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىشى؛ باشقا كىشىلەر ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىشى كېرەك».

بىر تارماق قوشۇلۇپ، 4-تارماق قىلىندى: «ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىغان چاغدا، ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتى، تارىخى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يۈز تۇرا ئېنىقلىشى، ئالاقىدار ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملاش ئەھۋالىنى ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك».

 15. 33-ماددا 36-ماددا قىلىنىپ، بىر تارماق قوشۇپ 2-تارمىقى قىلىندى: «ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى 1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسىدىكىلەرنىڭ يۆتكىلىپ كېتىش، يۆتكىلىپ كېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندە، زاپاس ئوفىتسېرلار تۇرۇشلۇق قىسىمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك».

 16. 38-ماددا 40-ماددا قىلىنىپ، 2 تارماق قوشۇلۇپ، 2 –، 3-تارمىقى قىلىندى: «1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلار قوماندانلىق ۋەزىپىسى بىر دەرىجە ئۆسكەندە، مۇناسىپ تەربىيەلىنىپ، ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىگە لايىق تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان زاپاس ئوفىتسېرلار كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى كېرەك».

17. 40-ماددا 42-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە سىياسىي تەربىيە پىروگراممىسىنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سەنمۇبۇسى، باش سىياسىي بۇسى، باش ئارقا سەپ بۇسى، باش قورال-جابدۇق بۇسى تۈزىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى بار ئورۇنلار يولغا قويۇش پىلانىنى زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە سىياسىي تەربىيە پىروگراممىسى بويىچە، ئىش تەقسىماتىغا قاراپ تۈزىدۇ».

18. 41-ماددا 43-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنى تەربىيەلەشنى ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون) ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق قىسىم ئۇيۇشتۇرىدۇ؛ 2-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنى تەربىيەلەشنى ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) ۋە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرىدۇ. زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەشنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سەنمۇبۇسى، باش سىياسىي بۇسى ۋە ئارمىيە خىلى، ئەسكەر تۈرى، ھەربىي رايون ئېھتىياجغا قاراپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەدەت بېرىپ ۋە ياردەملىشىپ، تەربىيەلەش پىلانىنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەربىي مەكتەپلەر، زاپاس ئوفىتسېرلار مەشىق ئاپپاراتلىرى، رەسمىي قىسىملار، زاپاس قىسىملار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك».

19. «زاپاس ئوفىتسېرلىققا چاقىرىش» دېگەن بىر باب قوشۇلۇپ 7-باب قىلىندى.

20. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 44-ماددا قىلىندى: «ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) ۋە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئېھتىياجىغا قاراپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە زاپاس ئوفىتسېرلارنى چاقىرىش لايىھەسى تۈزۈشى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى، 1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنى چاقىرىش لايىھەسىنى زاپاس قىسىم ۋە رەسمىي قىسىم بىلەن بىرلىكتە تۈزۈشى كېرەك.

ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون)، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ۋە زاپاس قىسىم، زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي قىسىملار چاقىرىش مانېۋىرى تەشكىللىشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قوللىشى ۋە ياردەملىشىشى كېرەك».

21. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 45-ماددا قىلىندى: «دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، چاقىرىلغۇچى قىلىپ بېكىتىلگەن زاپاس ئوفىتسېرلارغا چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى دەرھال چۈشۈرۈشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، زاپاس قىسىم ۋە زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي قىسىملار ئۆزىگە قاراشلىق زاپاس ئوفىتسېرلاردىن چاقىرىلغۇچى قىلىپ بېكىتىلگەنلىرىگە چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى بىۋاسىتە چۈشۈرسە ھەمدە ئۇنىڭدىن زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىغان جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنى خەۋەرلەندۈرسىمۇ بولىدۇ».

22. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 47-ماددا قىلىندى: «دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، چاقىرىلمىغان زاپاس ئوفىتسېرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىم ياكى تىزىمغا ئالغان جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ تەستىقىسىز، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىغان جايدىن كېتىپ قالسا بولمايدۇ؛ كېتىپ بولغانلىرى چاقىرىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە دەرھال قايتىپ كېلىشى ياكى بېكىتىلگەن جايغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك».

23. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 48-ماددا قىلىندى: «چاقىرىلغان زاپاس ئوفىتسېرلاردىن رەسمىي ئوفىتسېر قىلىنغانلىرىغا تەيىنلەش بۇيرۇقى ئۇرۇش مەزگىلىدە رەسمىي ئوفىتسېرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بويىچە چۈشۈرۈلۈپ، رەسمىي ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلىدۇ، ئۇلار رەسمىي ئوفىتسېرلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ؛ رەسمىي ئوفىتسېر قىلىنمىغانلىرى مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى چۈشۈرگەن ۋەزىپىگە ئاساسەن ئادا قىلىدۇ ».

24. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 49-ماددا قىلىندى: «چاقىرىلغان زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا ياردەملىشىپ زاپاس ئوفىتسېرلىققا چاقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك».

25. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 50-ماددا قىلىندى: «دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى تەدبىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، رەسمىي ئوفىتسېرلىققا چاقىرىلغان زاپاس ئوفىتسېرلاردىن قىسىمنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، رەسمىي ئوفىتسېر بولۇۋېرىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى رەسمىي ئوفىتسېرلىقتىن چېكىنىشى كېرەك».

26. 42-ماددا 51-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن مەزگىلىدىكى خىزمەت نەتىجىسىنى ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۇلارنى باھالاش، ۋەزىپىسى ۋە مائاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئاساسىي قىلىشى؛ خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى شەرەپ نام بېرىلگەنلەرنى دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئوخشاش خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە ئېتىبارىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك».

27. 45-ماددا 54 ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «بەلگىلىمە بويىچە ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان زاپاس ئوفىتسېرلارغا ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ۋاقتى ۋە ۋەزىپە دەرىجىسىگە قاراپ ياردەم پۇل بېرىلىدۇ. ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابى، باش سىياسىي بۇسى، باش ئارقا سەپ بۇسى بېكىتىدۇ، خىراجىتىنى مەركەز مالىيەسى كاپالەتلەندۇرىدۇ».

28. 48-ماددا 57-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ھەربىي ئوفىتسېر، سىياسىي ئوفىتسېر، زاپاس ئارقا سەپ ئوفىتسېرى، قورال-جابدۇق ئوفىتسېرلىرىدىن ئادەتتە زاپاس ئوفىتسېر بولىدىغانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى يېشى مۇنداق بولىدۇ:

شى دەرىجىلىكلەر 55 ياش؛

تۇەن دەرىجىلىكلەر 50 ياش؛

يىڭ دەرىجىلىكلەر 45 ياش؛

ليەن دەرىجىلىكلەر 40 ياش؛

پەي دەرىجىلىكلەر 35 ياش.

1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنىڭ ئادەتتە زاپاس ئوفىتسېر بولۇش ئەڭ يۇقىرى يېشى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن، تەستىق ئارقىلىق مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن، 5 ياشتىن ئارتۇق ئۇزارتىلسا بولمايدۇ».

29. بىر ماددا قوشۇلۇپ، 61-ماددا قىلىندى: «زاپاس ئوفىتسېرلار زاپاس ئوفىتسېرلىقتىن چېكىنگەندە، زاپاس ئوفىتسېر بولغان ۋاقتى ۋە تۆھپىسىگە قاراپ، مۇناسىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ».

30. 52-ماددا 62-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ». 

31. 53-ماددا 63-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەربىي مەجبۇرىيەتنى مەجبۇرىي ئۆتەتكۈزىدۇ؛ دۆلەت خادىمى بولغانلىرىغا، قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن باش تارتقانلار؛

(2) ھەربىي مەشىقنى، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن باش تارتقانلار؛

(3) چاقىرىقنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن باش تارتقانلار».

32. 54-ماددا 64-ماددا قىلىنىپ، مۇنداق تۈزىتىلدى: «زاپاس ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پارە ئالغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىگە ئېغىر زىيان سالغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەشىققە قاتنىشىشى، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياكى باشقا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ».

33. 15-ماددىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ 1-تارماقچىسى، 23-ماددىنىڭ 2-تارماقچىسى ۋە 26-ماددىنىڭ 2-تارماقچىسىدىكى «چوڭ ھەربىي رايون» دېگەن ئاتالغۇ «ھەربىي رايون» دەپ تۈزىتىلدى.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن زاپاس ئوفىتسېرلار تۈزۈمىنى ۋە دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زاپاس ئوفىتسېرلار خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ زاپاس خادىملىرىدىن ۋەزىپە دەرىجىسى پەي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ياكى كەسپىي تېخىنىكا دەرىجىسى تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتىلگەن، مۇناسىپ زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن ھەمدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنى تىزىملىغان خادىملاردۇر.

3-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار دۆلەت مۇداپىئە زاپاس كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇرۇش مەزگىلىدە رەسمىي ئوفىتسېرلارنى تولۇقلاشنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، مەسئۇلىيىتىگە لايىق مەرتىۋە ۋە شەرەپتىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە مۇناسىپ تەمىناتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

4-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار ۋەزىپىسىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ھەربىي ئوفىتسېر، سىياسىي ئوفىتسېر، ئارقا سەپ ئوفىتسېرى، قورال-جابدۇق ئوفىتسېرى ۋە كەسىپ-تېخنىكا ئوفىتسېرى، دەپ ئايرىلىدۇ.

ئوفىتسېرلار زاپىسى تىنچلىق مەزگىلدە باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە سەپەرۋەر قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇنداق ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: زاپاس قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە رەسمىي قىسىم ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن زاپاس ئوفىتسېرلار 1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولىدۇ؛ باشقا زاپاس ئوفىتسېرلار 2-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولىدۇ.

5-ماددا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سىياسىي بۇسى مەسئۇل بولىدۇ.

ھەربىي رايون، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) نىڭ سىياسىي بۇسى شۇ رايوندىكى زاپاس ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئارمىيە خىلى، ئەسكەر تۈرلىرىنىڭ سىياسىي بۇلىرى شۇ ئارمىيە خىلى، ئەسكەر تۈرىدىكى قىسىمنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىرىنى ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيەلىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قوراللىق بۆلۈمى (تۆۋەندە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى دېيىلىدۇ) شۇ مەمۇرىي رايوندىكى زاپاس ئوفىتسېرلارنى كونكرېت باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زاپاس ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە، مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

7-ماددا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سىياسىي بۇسى، ھەربىي رايوننىڭ سىياسىي بۇسى، ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون) نىڭ سىياسىي بۇسى، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) نىڭ سىياسىي بۇسى ۋە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار، شۇ جايدىكى زاپاس قىسىم ۋە زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي قىسىمدىكىلەر قاتناشقان بىرلەشمە يىغىننى قەرەللىك ئېچىپ، زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. بەك زۆرۈر بولغاندا، يىغىننى قەرەلسىز ئاچسىمۇ بولىدۇ.

بىرلەشمە يىغىندا بېكىتىلگەن ئىشلارنى ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە قىلىشى كېرەك.

8-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۇلارنىڭ ھەربىي مەشىققە قاتنىشىشى، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ۋە باشقا ھەربىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتىشىنى قوللىشى، ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

9-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارغا شۇنىڭدەك ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، ھەربىي مەشىققە ۋە ھەربىي ۋەزىپە ئىجىرا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، سىياسىي تەربىيە ئېلىپ، تەشكىللەش-قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە كەسىپ ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى لازىم.

10-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش جەريانىدا گەۋدىلىك تۆھپە ياراتسا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلەش، خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ خاتىرىلەش ياكى شەرەپ نام بېرىش كېرەك.

زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەش ياكى مۇكاپاتلاش كېرەك.

2-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ شەرتى، مەنبەسى ۋە تاللىنىشى

11-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:

(1) ۋەتەنگە سادىق بولۇش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىش؛

(2) بۇيرۇققا بويسۇنۇش، قوماندىغا ئىتائەت قىلىش؛

(3) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوفىتسېرلار زاپىسى بولۇش يېشىغا توشۇش؛

(4) رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ياكى ھەربىي كەسپىي تەلىم ئالغان ھەمدە باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان، ۋەزىپىسىگە لايىق پەن-مەدەنىيەت بىلىمى، تەشكىللەش-قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى ياكى كەسىپ ماھارىتى بولۇش؛

(5) تېنى ساغلام بولۇش.

12-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار تۆۋەندىكى كىشىلەردىن تاللىنىدۇ:

(1) رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلار ۋە مۈلكىي كادىرلار؛

(2) رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر؛

(3) مەخسۇس خەلق قوراللىق كادىرلىرى ۋە خەلق ئەسكىرى كادىرلىرى؛

(4) ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛

(5) ھەربىي تارماقتىن باشقا تارماقتىكى كەسىپ-تېخنىكا خادىملار؛

(6) زاپاس ئوفىتسېرلىق ئاساسىي شەرتىگە توشىدىغان باشقا پۇقرالار.

13-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنى تاللاش پىلانىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېكىتىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سىياسىي بۇسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يولغا قويىدۇ.

14-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئوفىتسېرلار ۋە مۈلكىي كادىرلاردىن تاللانغان زاپاس ئوفىتسېرلار قىسىمدىكى تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ سىياسىي ئورگىنىنىڭ ئۇلارنى ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىش ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىشى بىلەن، ئورۇنلىشىدىغان جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىگە زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا كىشىلەر زاپاس ئوفىتسېرلىققا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تاللىنىدۇ:

(1) ئاساسىي قاتلام خەلق قوراللىق بۆلۈمى ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى يۇقىرىنىڭ پىلانى ۋە بەلگىلەنگەن شەرت بويىچە كۆرسىتىش؛

(2) 1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسىنى تاللاشتا، ئالاقىدار زاپاس قىسىم ياكى رەسمىي قىسىم ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ نامزاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، 2-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسىنى تاللاشتا، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى تەكشۈرۈپ، نامزاتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛

(3) تەربىيەلىگۈچى ئورۇن تەربىيەلەش؛

(4) بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاش؛

(5) ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملاش.

3-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە ۋەزىپىسى

15-ماددا ھەربىي، سىياسىي، ئارقا سەپ قورال-جابدۇق زاپاس ئوفىتسېرلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى مۇنداق بولىدۇ: شى دەرىجىلىك، مۇئاۋىن شى دەرىجىلىك، تۇەن دەرىجىلىك، مۇئاۋىن تۇەن دەرىجىلىك، يىڭ دەرىجىلىك، مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىك، ليەن دەرىجىلىك، مۇئاۋىن ليەن دەرىجىلىك، پەي دەرىجىلىك.

كەسىپ-تېخنىكا زاپاس ئوفىتسېرلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى مۇنداق بولىدۇ: يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسى، تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسى.

16-ماددا ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلەرگە ۋەزىپە دەرىجىسىنى بېكىتىپ بېرىش كېرەك.

رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەردىن ئوفىتسېرلار زاپىسى بولىدىغانلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرلارنى مۇناسىپ ۋەزىپە دەرىجىسىگە تەيىنلەش–قالدۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن ئوفىتسېرلار زاپىسى بولىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى تۆۋەندە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىنىپ بېكىتىلىدۇ:

(1) شى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ئوفىتسېرلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ھەربىي رايون دەرىجىلىك ئورۇن باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن بېكىتىلىدۇ؛

(2) تۇەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ئوفىتسېرلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بولغان جۈن دەرىجىلىك ئورۇن باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن بېكىتىلىدۇ؛

(3) يىڭ دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ئوفىتسېرلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بولغان شى دەرىجىلىك ئورۇن باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن بېكىتىلىدۇ.

17-ماددا زاپاس قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ۋە رەسمىي قىسىم ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلۈپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ۋەزىپە دەرىجىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 16–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەنلىرىدىن باشقىلىرى تۆۋەندە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەيىنلىنىدۇ، قالدۇرۇلىدۇ:

(1) يىڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپىدىكى ئوفىتسېرلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ئوفىتسېرلىرىنى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛

(2) ليەن دەرىجىلىك، مۇئاۋىن ليەن دەرىجىلىك، پەي دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بار تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقى تەيىنلەيدۇ، قالدۇرىدۇ.

18-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنى باھالاش لازىم. باھالاش خىزمىتىنى زاپاس ئوفىتسېرلار تۇرۇشلۇق قىسىم ياكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنى يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، مەسئۇلىيىتى بويىچە بىرلىكتە ئىشلەيدۇ. باھالاش نەتىجىسى زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.

19-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسىنى بېكىتىش ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.

4-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى

20-ماددا دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلار ئارىسىدا ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ دەرىجىسىنى پەرقلەندۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان نام، بەلگە ۋە دۆلەت زاپاس ئوفىتسېرلارغا بەرگەن شان-شەرەپتۇر.

21-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەندىكى ئۈچ بالداق، سەككىز دەرىجە بويىچە بولىدۇ:

(1) يۇقىرى دەرىجىلىك زاپاس ئوفىتسېرلار: زاپاس شاۋجياڭ؛

(2) ئوتتۇرا دەرىجىلىك زاپاس ئوفىتسېرلار: زاپاس داشياۋ، شاڭشياۋ، جۇڭشياۋ، شاۋشياۋ؛

(3) تۆۋەن دەرىجىلىك زاپاس ئوفىتسېرلار: زاپاس شاڭۋېي، جۇڭۋېي، شاۋۋېي.

22-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى:

(1) زاپاس ھەربىي ئوفىتسېر، سىياسىي ئوفىتسېر، ئارقا سەپ ئوفىتسېرى، قورال-جابدۇق ئوفىتسېرى: زاپاس شاۋجياڭ، داشياۋ، شاڭشياۋ، جۇڭشياۋ، شاۋشياۋ، شاڭۋېي، جۇڭۋېي، شاۋۋېي؛

(2) زاپاس كەسىپ-تېخنىكا ئوفىتسېرى: زاپاس كەسىپ-تېخنىكا شاۋجياڭى، داشياۋى، شاڭشياۋى، جۇڭشياۋى، شاۋشياۋى، شاڭۋېيى، جۇڭۋېيى، شاۋۋېيى؛

دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى زاپاس ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى ئالدىغا «دېڭىز ئارمىيەسى»، «ھاۋا ئارمىيەسى» دېگەن سۆز قوشۇلىدۇ.

23-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارغا ۋەزىپە دەرىجە ئىشتاتى بويىچە ھەربىي ئۇنۋان بېرىلىدۇ.

زاپاس ھەربىي ئوفىتسېر، سىياسىي ئوفىتسېر، ئارقا سەپ ئوفىتسېرى، قورال-جابدۇق ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەندىكى ۋەزىپە دەرىجە ئىشتاتى بويىچە بېرىلىدۇ:

شى دەرىجىلىكلەر: زاپاس داشياۋ، شاۋجياڭ؛

مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكلەر: زاپاس شياڭشياۋ، داشياۋ؛

تۇەن دەرىجىلىكلەر: زاپاس شاڭشاۋ، جۇڭشياۋ؛

مۇئاۋىن تۇەن دەرىجىلىكلەر: زاپاس جۇڭشياۋ، شاۋشياۋ؛

يىڭ دەرىجىلىكلەر: زاپاس شاۋشياۋ، جۇڭشياۋ؛

مۇئاۋىن يىڭ دەرىجىلىكلەر: زاپاس شاڭۋېي، شاۋشياۋ؛

ليەن دەرىجىلىكلەر: زاپاس شاڭۋېي، جۇڭۋېي؛

مۇئاۋىن ليەن دەرىجىلىكلەر: زاپاس جۇڭۋېي، شاڭۋېي؛

پەي دەرىجىلىكلەر: زاپاس شاۋۋېي، جۇڭۋېي؛

زاپاس كەسىپ-تېخنىكا ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەندىكى ۋەزىپە دەرىجە ئىشتاتى بويىچە بېرىلىدۇ:

يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسىدىكىلەر: زاپاس كەسىپ-تېخنىكا شاۋجياڭى، داشياۋى، شاڭشياۋى، جۇڭشياۋى، شاۋشياۋى؛

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسى: زاپاس كەسىپ-تېخنىكا داشياۋى، شاڭشياۋى، جۇڭشياۋى، شاۋشياۋى، شاڭۋېيى؛

تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپىسىدىكىلەر: زاپاس كەسىپ-تېخنىكا جۇڭشياۋى، شاۋشياۋى، شاڭۋېيى، جۇڭۋېيى، شاۋۋېيى.

24-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان مەزگىلدە، ھەربىي ئۇنۋانى يۇقىرى زاپاس ئوفىتسېر ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەن زاپاس ئوفىتسېرنىڭ باشلىقى بولىدۇ؛ ھەربىي ئۇنۋانى يۇقىرى زاپاس ئوفىتسېر ۋەزىپە جەھەتتە ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەن زاپاس ئوفىتسېرغا قاراشلىق بولسا، ۋەزىپىسى يۇقىرى بولغىنى باشلىق بولىدۇ.

25-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارغا ھەربىي ئۇنۋان باھالاش ۋە بېرىشتە، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى، ئىشلىگەن (ۋەزىپە ئۆتىگەن) يىل سانى، ئەخلاقى، قابىلىيىتى ۋە خىزمەت نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

26-ماددا زاپاس ئوفتسېرلارغا بېرىلىدىغان ھەربىي ئۇنۋان تۆۋەندە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىنىدۇ:

(1) زاپاس شاۋجياڭ، داشياۋ ئۇنۋانى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن بېرىلىدۇ؛

(2) زاپاس شاڭشياۋ ئۇنۋانى ھەربىي رايون دەرىجىلىك ئورۇن باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن بېرىلىدۇ؛

(3) زاپاس جۇڭشياۋ، شاۋشياۋ ئۇنۋانى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بار جۈن دەرىجىلىك ئورۇن باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن بېرىلىدۇ؛

(4) زاپاس شاڭۋېي، جۇڭۋېي، شاۋۋېي ئۇنۋانى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بار شى دەرىجىلىك ئورۇن باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن بېرىلىدۇ.

27-ماددا ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىنغان ئوفىتسېرلار ۋە مۈلكىي كادىرلارنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى رەسمىي ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋان دەرىجىسى ياكى مۈلكىي كادىرلىق دەرىجىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

28-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋان دەرىجىسى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆستۈرۈلىدۇ:

(1) رەسمىي ھەربىيلىكتىن تەستىق بىلەن چېكىنىپ ئوفىتسېر زاپىسى قىلىنغان ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي ئۇنۋانى ئۆستۈرۈش يىل سانىغا توشقان، بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغانلىرىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى ئەسلىدىكى رەسمىي ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋان دەرىجىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولسا بولىدۇ؛

(2) زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەربىي ئۇنۋانى يېڭى ۋەزىپە دەرىجە ئىشتاتىدىكى ھەربىي ئۇنۋاننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپ قالغانلىرىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى يېڭى ۋەزىپە دەرىجە ئىشتاتىدىكى ھەربىي ئۇنۋانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىگە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆستۈرۈلىدۇ؛

(3) زاپاس شاۋۋېي دەرىجىلىكتىن زاپاس شاڭشياۋ دەرىجىلىككىچە بولغان زاپاس ئوفىتسېرلاردىن بەلگىلەنگەن شەرتكە ۋە ئۆستۈرۈش يىل سانىغا توشقانلىرىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى ۋەزىپە دەرىجە ئىشتاتىدىكى ھەربىي ئۇنۋان دائىرىسىدە، دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆستۈرۈلسە بولىدۇ؛

(4) زاپاس شاۋجياڭلار زاپاس داشياۋلاردىن تاللاپ ئۆستۈرۈلىدۇ؛

(5) زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش جەريانىدا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقانلىرىنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىنى ئۆستۈرۈش شەرتى، يىل سانى ۋە تەرتىپىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

29-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانى تۆۋەندە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاپ ئۆستۈرۈلىدۇ:

(1) زاپاس داشياۋلىقتىن زاپاس شاۋجياڭلىققا، زاپاس شاڭشياۋلىقتىن زاپاس داشياۋلىققا ئۆستۈرۈشنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى تەستىقلايدۇ؛

(2) زاپاس جۇڭشياۋلىقتىن زاپاس شاڭشياۋلىققا ئۆستۈرۈشنى ھەربىي رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقى تەستىقلايدۇ؛

(3) زاپاس شاۋشياۋلىقتىن زاپاس جۇڭشياۋلىققا ئۆستۈرۈشنى، زاپاس شاڭۋېيلىقتىن زاپاس شاۋشياۋلىققا ئۆستۈرۈشنى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بار جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقى تەستىقلايدۇ؛

(4) زاپاس جۇڭۋېيلىقتىن زاپاس شاڭۋېيلىققا، زاپاس شاۋۋېيلىقتىن زاپاس جۇڭۋېيلىققا ئۆستۈرۈشنى ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بار شى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقى تەستىقلايدۇ.

30-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ھەربىي ئۇنۋانىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلسە بولىدۇ. زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىنى تۆۋەنلىتىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى شۇ دەرىجىلىك زاپاس ئوفىتسېرلارغا ھەربىي ئۇنۋان بېرىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

زاپاس شاۋۋېي ئوفىتسېرلارنىڭ ئۇنۋانى زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ئۇنۋانىدەك تۆۋەنلىتىلمەيدۇ.

31-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلارنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانىنى بىكار قىلىش كېرەك. زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋانىنى بىكار قىلىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى شۇ دەرىجىلىك زاپاس ئوفىتسېرلارغا ھەربىي ئۇنۋان بېرىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

32-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ياكى ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىرى زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانىدىن مەھرۇم قىلىنىشى كېرەك. زاپاس ئوفىتسېرلارنى ھەربىي ئۇنۋانىدىن مەھرۇم قىلىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى شۇ دەرىجىلىك زاپاس ئوفىتسېرلارغا ھەربىي ئۇنۋان بېرىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

33-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن زاپاس ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلىرىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى ساقلاپ قېلىنىدۇ، ھەربىي ئۇنۋانىنىڭ ئالدىغا «چېكىنگەن» دېگەن سۆز قوشۇلىدۇ.

34-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋان پاگون نۇسخىسى، بەلگە نۇسخىسى ۋە تاقاش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئېلان قىلىدۇ.

5-باب زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملاش

35-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى تىزىملايدۇ.

رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلەر ئورۇنلاشتۇرغان جايغا بارغان كۈنىدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىگە بېرىپ، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىشى؛ باشقا كىشىلەر ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلىش بىلەن بىللە، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىشى كېرەك.

ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلەردىن دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلىرى ئىشلەيدىغان ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىگە بېرىپ، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىدۇ؛ ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلگەن باشقا كىشىلەر نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىگە بېرىپ، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىدۇ.

ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىغان چاغدا، ئوفىتسېرلار زاپىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتى، تارىخى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يۈز تۇرا ئېنىقلىشى، ئالاقىدار ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملاش ئەھۋالىنى ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

36-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن خىزمىتى يۆتكىلىپ ياكى ئۆزى كۆچۈپ كېتىپ زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملاتقان جاينى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىغانلىرى يۆتكىلىپ كېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە يېڭى خىزمەت ئورنىغا ياكى كۆچكەن جايغا بېرىپ 30 كۈن ئىچىدە، شۇ جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىدە يۆتكىلىپ كېلىش رەسمىيىتى ئۆتىشى لازىم.

ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى 1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسىدىكىلەرنىڭ يۆتكىلىپ كېتىش، يۆتكىلىپ كېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندە، زاپاس ئوفىتسېرلار تۇرۇشلۇق قىسىمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

37-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى زاپاس ئوفىتسېرلىق تىزىمىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك:

(1) زاپاس ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر؛

(2) چەت ئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقانلار؛

(3) ئۆلۈپ كەتكەنلەر؛

(4) زاپاس ئوفىتسېرلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلار.

38-ماددا ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان زاپاس ئوفىتسېرلارنى بەلگىلىمە بويىچە يىلدا بىر قېتىم ئېنىقلىشى ھەمدە دەرىجىمۇ دەرىجە ئىستاتىستىكىلاپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى شەرت.

6-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش

39-ماددا رەسمىي ھەربىي بولمىغان ياكى ھەربىيدە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەنمىگەنلەردىن زاپاس ئوفىتسېرلىققا تاللانغانلىرى زاپاس ئوفىتسېرلىق ۋەزىپە دەرىجىسى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى، ھەربىيدە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشى لازىم.

40-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار زاپاس ھەربىي بولغان مەزگىلدە، ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنىدىكى ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەربىي مەشىققە قاتنىشىشى ۋە سىياسىي تەربىيە ئېلىشى كېرەك.

1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلار قوماندانلىق ۋەزىپىسى بىر دەرىجە ئۆسكەندە، مۇناسىپ تەربىيەلىنىپ، ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىگە لايىق تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.

كەسپىي-تېخنىكا ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان زاپاس ئوفىتسېرلار كەسپىي-تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى كېرەك.

41-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت زۆرۈر تاپقاندا، زاپاس ئوفىتسېرلارنى جىددىي ئەھۋال مەشىقى قىلدۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. زاپاس ئوفىتسېرلار بەلگىلىمە بويىچە جىددىي ئەھۋال مەشىقى قىلىشى شەرت.

42-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە سىياسىي تەربىيە پىروگراممىسىنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سەنمۇبۇسى، باش سىياسىي بۇسى، باش ئارقا سەپ بۇسى، باش قورال-جابدۇق بۇسى تۈزىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى بار ئورۇنلار يولغا قويۇش پىلانىنى زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە سىياسىي تەربىيە پىروگراممىسى بويىچە، ئىش تەقسىماتىغا قاراپ تۈزىدۇ.

43-ماددا 1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنى تەربىيەلەشنى ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون) ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق قىسىم ئۇيۇشتۇرىدۇ؛ 2-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنى تەربىيەلەشنى ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) ۋە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرىدۇ. زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەشنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سەنمۇبۇسى، باش سىياسىي بۇسى ۋە ئارمىيە خىلى، ئەسكەر تۈرى، ھەربىي رايون ئېھتىياجغا قاراپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەدەت بېرىپ ۋە ياردەملىشىپ، تەربىيەلەش پىلانىنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەربىي مەكتەپلەر، زاپاس ئوفىتسېرلار مەشىق ئاپپاراتلىرى، رەسمىي قىسىملار، زاپاس قىسىملار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، زاپاس ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

7-باب زاپاس ئوفىتسېرلىققا چاقىرىش

44-ماددا ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون) ۋە ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئېھتىياجىغا قاراپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە زاپاس ئوفىتسېرلارنى چاقىرىش لايىھەسى تۈزۈشى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى، 1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنى چاقىرىش لايىھەسىنى زاپاس قىسىم ۋە رەسمىي قىسىم بىلەن بىرلىكتە تۈزۈشى كېرەك.

ئۆلكىلىك ھەربىي رايون (گارنىزون)، شۆبە ھەربىي رايون (گارنىزون)، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ۋە زاپاس قىسىم، زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي قىسىملار چاقىرىش مانېۋىرى تەشكىللىشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قوللىشى ۋە ياردەملىشىشى كېرەك.

45-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، چاقىرىلغۇچى قىلىپ بېكىتىلگەن زاپاس ئوفىتسېرلارغا چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى دەرھال چۈشۈرۈشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، زاپاس قىسىم ۋە زاپاس ئوفىتسېرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلگەن رەسمىي قىسىملار ئۆزىگە قاراشلىق زاپاس ئوفىتسېرلاردىن چاقىرىلغۇچى قىلىپ بېكىتىلگەنلىرىگە چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى بىۋاسىتە چۈشۈرسە ھەمدە ئۇنىڭدىن زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىغان جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنى خەۋەرلەندۈرسىمۇ بولىدۇ.

46-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار چاقىرىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بېكىتىلگەن جايغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى شەرت؛ يارىلىنىش، كېسەل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ۋاقتىنچە بارالمايدىغانلار ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ ئېنىقلىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، كېچىكىپ بارسىمۇ بولىدۇ.

47-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، چاقىرىلمىغان زاپاس ئوفىتسېرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىم ياكى تىزىمغا ئالغان جايدىكى ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ تەستىقىسىز، زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىغان جايدىن كېتىپ قالسا بولمايدۇ؛ كېتىپ بولغانلىرى چاقىرىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ بويىچە دەرھال قايتىپ كېلىشى ياكى بېكىتىلگەن جايغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

48-ماددا چاقىرىلغان زاپاس ئوفىتسېرلاردىن رەسمىي ئوفىتسېر قىلىنغانلىرىغا تەيىنلەش بۇيرۇقى ئۇرۇش مەزگىلىدە رەسمىي ئوفىتسېرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقى بويىچە چۈشۈرۈلۈپ، رەسمىي ئوفىتسېرلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلىدۇ، ئۇلار رەسمىي ئوفىتسېرلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ؛ رەسمىي ئوفىتسېر قىلىنمىغانلىرى مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى چۈشۈرگەن ۋەزىپىگە ئاساسەن ئادا قىلىدۇ.

49-ماددا چاقىرىلغان زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا ياردەملىشىپ زاپاس ئوفىتسېرلىققا چاقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

50-ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى تەدبىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، رەسمىي ئوفىتسېرلىققا چاقىرىلغان زاپاس ئوفىتسېرلاردىن قىسىمنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، رەسمىي ئوفىتسېر بولۇۋېرىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى رەسمىي ئوفىتسېرلىقتىن چېكىنىشى كېرەك.

8-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ تەمىناتى

51-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن مەزگىلىدىكى خىزمەت نەتىجىسىنى ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۇلارنى باھالاش، ۋەزىپىسى ۋە مائاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئاساسى قىلىشى؛ خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى شەرەپ نام بېرىلگەنلەرنى دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئوخشاش خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە ئېتىبارىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

52-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا بەلگىلىمە بويىچە فورما كىيىشى كېرەك؛ دۆلەت بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى پائالىيەتلىرىگە ياكى باشقا چوڭ-چوڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا زاپاس ئوفىتسېرلار فورمىسى كىيسە ھەمدە زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ پاگونى ۋە بەلگىسىنى تاقىسا بولىدۇ.

53-ماددا ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان زاپاس ئوفىتسېرلاردىن دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى مائاشى ۋە مۇكاپات پۇلىنى بېرىۋېرىدۇ، پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىرىغا ئىش دەخلى ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك، كونكرېت چارىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چىقىرىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىرىغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاماق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كاماندىروپكا پۇلى ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ.

54-ماددا بەلگىلىمە بويىچە ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان زاپاس ئوفىتسېرلارغا ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ۋاقتى ۋە ۋەزىپە دەرىجىسىگە قاراپ ياردەم پۇل بېرىلىدۇ. ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابى، باش سىياسىي بۇسى، باش ئارقا سەپ بۇسى بېكىتىدۇ، خىراجىتىنى مەركەز مالىيەسى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

55-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي مەشىققە قاتنىشىش، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاتارلىق ھەربىي پائالىيەتلەردە قۇربان بولغان، يارىلانغان، مېيىپ بولغانلىرىغا دۆلەتنىڭ ھەربىيلەرگە نەپىقە-ئېتىبار بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ نەپىقە-ئېتىبار بېرىلىدۇ.

9-باب زاپاس ئوفىتسېرلارنى ئوفىتسېرلىقتىن چېكىندۈرۈش

56-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ئادەتتە يېشى زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى يېشىغا يەتكەنلىرىنى زاپاس ئوفىتسېرلىقتىن چېكىندۈرۈش كېرەك.

57-ماددا زاپاس ھەربىي ئوفىتسېر، سىياسىي ئوفىتسېر، زاپاس ئارقا سەپ ئوفىتسېرى، قورال-جابدۇق ئوفىتسېرلىرىدىن ئادەتتە زاپاس ئوفىتسېر بولىدىغانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى يېشى مۇنداق بولىدۇ:

شى دەرىجىلىكلەر 55 ياش؛

تۇەن دەرىجىلىكلەر 50 ياش؛

يىڭ دەرىجىلىكلەر 45 ياش؛

ليەن دەرىجىلىكلەر 40 ياش؛

پەي دەرىجىلىكلەر 35 ياش.

1-خىلدىكى ئوفىتسېرلار زاپىسى بولغانلارنىڭ ئادەتتە زاپاس ئوفىتسېر بولۇش ئەڭ يۇقىرى يېشى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن، تەستىق ئارقىلىق مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن، بەش ياشتىن ئارتۇق ئۇزارتىلسا بولمايدۇ.

58-ماددا زاپاس كەسپىي-تېخنىكا ئوفىتسېرلىرىدىن ئادەتتە زاپاس ئوفىتسېر بولىدىغانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى يېشى مۇنداق بولىدۇ:

يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي-تېخنىكا ۋەزىپىسىدىكىلەر 60 ياش؛

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي-تېخنىكا ۋەزىپىسىدىكىلەر 55 ياش؛

تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي-تېخنىكا ۋەزىپىسىدىكىلەر 50 ياش؛

59-ماددا ئادەتتە زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى يېشىغا يەتمىگەن زاپاس ئوفىتسېرلاردىن يارىلىنىش، كېسەل، مېيىپ بولۇش سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن، داۋاملىق زاپاس ئوفىتسېر بولالمايدىغانلىرى زاپاس ئوفىتسېرلىقتىن چېكىنىشى كېرەك.

60-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن زاپاس ئوفىتسېرلىقتىن چېكىندۈرۈلىدىغانلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

61-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلار زاپاس ئوفىتسېرلىقتىن چېكىنگەندە، زاپاس ئوفىتسېر بولغان ۋاقتى ۋە تۆھپىسىگە قاراپ، مۇناسىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.

10-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

62-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن ھەربىي مەشىققە قاتناشقان، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

63-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەربىي مەجبۇرىيەتنى مەجبۇرىي ئۆتەتكۈزىدۇ؛ دۆلەت خادىمى بولغانلىرىغا، قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) زاپاس ئوفىتسېرلىققا تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن باش تارتقانلار؛

(2) ھەربىي مەشىقنى، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن باش تارتقانلار؛

(3) چاقىرىقنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن باش تارتقانلار.

64-ماددا زاپاس ئوفىتسېرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پارا ئالغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، زاپاس ئوفىتسېرلار خىزمىتىگە ئېغىر زىيان سالغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

زاپاس ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي مەشىققە قاتنىشىشى، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياكى باشقا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

11-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

65-ماددا جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەردىن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرلار زاپىسى بولىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

66-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ئوفىتسېرلار قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەن ھەمدە باب، ماددىلىرىنىڭ تەرتىپى مۇناسىپ تەڭشەلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/97598.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#