بەيدۇ شىركىتى

بەيدۇ توردا تور تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى  قىسقارتىلىپ بەيدۇ ياكى بەيدۇ شىركىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بەيدۇ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش ماتورى، ئەڭ چوڭ بولغان خەنزۇچە تور بېكەت.

ئۇيغۇرچە نامى بەيدۇ
شىركەت تىپى تور تېخنىكا ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىش
باش شىتابى بېيىڭ
قۇرۇلغان ۋاقتى 2000
توربېكىتى https://www.baidu.com
خەنزۇچە ئاتىلىشى 百度
كەسپ تەۋەلىكى تور تېخنىكىسى
قۇرغۇچىسى لى يەنخوڭ
خىزمەتچى سانى 18000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەيدۇ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش ماتورى، ئەڭ چوڭ بولغان خەنزۇچە تور بېكەت بۇلۇپ،  2000-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۇندە قۇرۇلغان.

1999-يىلى ئامېرىكا كىرىمنىي جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان لى يەنخوڭ  --李彦宏--جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى ھەم خەنزۇچە ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىيات  كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايقاپ «تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن قاراش بىلەن، كېرىمنىي جىلغىسىدىكى يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، «ئىزدەش ماتورى» پاتېنتلىق تېخنىكىسى  بىلەن جۇڭگو غا كېلىپ، 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگۇەنسۇندە، دەسلەپتە 10 ئادەمگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن بۈگۈنكى ئىشچى خىزمەتچىلىرى 18000 مىڭدىن ئاشىدىغان بەيدۇ شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. 

بەيدۇ شىركىتى ئېلىمىزدىكى نوپۇزلۇق كارخانا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىدە بار بولغان ئەۋزەللىكنى ئاكتىپلىق بىلەن جەمئىيەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلەتتى، ئالدى-كەينى بولۇپ زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئەمالار، ياش-ئۆسمۈرلەر، ياشانغان خەلق ئاممىسى ئۇچۇن مەخسۇس مەھسۇلات ئىزدەش، ئالاھىدە ئامما ئۈچۈن تورغا چىقىش قىيىن بۇلۇش مەسىلىسى، ئۇچۇر بوشلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى  كەڭ كۆلەمدە ھەل قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش، پاكىزە تور مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئىزدەش موتورى مائارىپى ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەرەپلەردە، بەيدۇ يەنە ئۈزلۈكسىز ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.

ھازىرقى بەيدۇ شىركىتى،جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان خەنزۇچە تور بېكەتكە ئايلاندى. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، كىشىلەرگە «ئەڭ ئادىل، ئەڭ قولايلىق، ئىزدىگەن ئۇچۇرنى تاپالىسۇن» دېگەننى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ كەلدى. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، «ئابۇنتنى  نىشان قىلىش» غايىسى بويىچە، تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يەنىمۇ تېرىشىپ ئابۇنتلار ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي،ئەڭ ئىشەنچلىك مەھسۇلات ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىزدەشنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىدارلىق ئىزدەش، چاپلاشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دائىرىلىك ئىزدەش، ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە قارتا بىۋاسىتە ئىزدەش، MP3 ئىزدەش. قانال ئىزدەش قاتارلىقلار بار بولۇپ، دۇنيانىڭ  خەنزۇ يېزىقىدىكى تورغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بەيدۇنىڭ جۇڭگودىكى ئىزدەشچانلىقى  %80 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئابۇنتلارنىڭ مەھسۇلات ئىزدەش تەلىپىنىڭ يۇقىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەيدۇ يەنە يېڭىدىن ئىزدەلگەن مەھسۇلاتقا قارتا كېڭەيتىپ سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى ھەمدە مەھسۇلات كېڭەيتىپ سېتىش سۇپىسى كارخانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودىكى يۈز مىڭدىن ئارتۇق كارخانا بەيدۇنىڭ كېڭەيتىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ماركىسى ۋە سېتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. سودا ھالىتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەيدۇ شىركىتىمۇ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا باشلامچىلىق بىلەن، پۈتكۈل ئىنتېرنېت كەسپى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئايلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.

2009-يىلى بەيدۇ شىركىتى يېڭىدىن رامكا ھېسابلاش ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم مۇشۇ ئۇقۇم ئارقىلىق بەيدۇ ئېچىۋېتىلگەن سۇپىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئۈچىنچى تەرەپ ئاچقۇچى ياكى پروگراممىرلارنىڭ  ئىنتېرنېت تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە  ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تور ئابونتلىرىنىڭ  ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلىتىشى بىلەن بىرگە ئابونتلارنىڭ تەلەپلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە شۇ ئاساستا كەسىپتە يېڭىلىق يېڭى دولقۇنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇ ئارقىلىق جۇڭگو ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىنىڭ يەككە ئابونتردىن كۆچمە ئابۇنترغا قاراپ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، بەيدۇ شىركىتىمۇ ئاكتىپ ھالدا جەڭ ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ كۆچمە ۋە بۇلۇت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتىپ، ئۈزلۈكسىز يەككە ئابونتىرنىڭ ئەۋزەللىكىنى  كۆچمە ئابونتىرغا كېڭەيتتى. تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ كۆچمە ئىزدەشكە بولغان تەلىپىنى تەڭ بەيدۇ شىركىتىمۇ داۋاملىق ئاكتىپ ھالدا كۆچمە بۇلۇت ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تەشەببۇس قىلدى. 

2011-يىلنىڭ بېشىدا، بەيدۇ يەنە ئالايىتەن بەيدۇ ئىئانە فوندىنى قۇرۇپ، بىلىم-مائارىپ، مۇھىت ئاسراش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردىمى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، يەنىمۇ سىستېمىلىق ھالدا جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتى. 

2012-يىلى 9-ئايدا بەيدۇ شىركىتى ئاچقۇچىلارغا بۇلۇت ساقلىغۇچ، كۆپلىگەن سانلىق مەلۇمات ئىقتىدارى ۋە بۇلۇت ھېسابلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرولۇق بۇلۇت ئىقتىدارنى يۈزلەندۈردى. ئاچقۇچىلارغا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تېخنىكىلىق قوللاش ۋە تەشەببۇسىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. ھەم ئۇلارغا كۆچمە بۇلۇت دەۋرىدە تېخىمۇ ياخشى بولغان كىرىم ۋە يېتىلىش بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بەيدۇ شىركىتى جۇڭگودىكى ئەڭ قىممەتلىك ماركىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» دە بەيدۇ شىركىتىنى مىسال قىلىپ، «دۇنيادىكى ئون چوڭ دۇنياۋى ماركا» قاتارىدىكى ئەڭ ياش شىركەت، بىردىنبىر ئىنتېرنېت تورى شىركىتى دەپ قارالدى. شۇنداقلا «ئاسىيادىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانا»، «دۇنيادىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئەڭ باي كارخانا»،«جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى كۈچى يۇلتۇزى» قاتارلىق شەرەپلىك  ناملارغا ئېرىشكەن.

يول باشلاشلار

تور بەت، سۈرەتلىك فىلىملەر، ناخشا، رەسىم، لۇغەت، خەۋەر، خەرىتە؛

كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىزدىگۈلەر

hao123،  تور يولى باشلىغۇچى، ماقالە ئىزدەش؛

ئىزدەش رايونى 

بىلىمەن، قامۇس، چاپلىما، بوشلۇق، ماقالە ئامبىرى، ساقلۋېلىش، تەجىربە، بەيدۇ قېشىڭىزدا، بەيدۇ ئۇيۇنلىرى؛

يۆتكىلىشچان تور 

كۆچمە ئىزدەش، ئالىقان بەيدۇ، يان تېلېفون خەت كىرگۈزگۈچ، بەيدۇ تېز ئىزدەش، بەيدۇ خەرىتىسى. 

تور بېكەت بىلەن كارخانا مۇلازىمىتى  

ئىزدەش سۇپىسى، باشلىق سۇپا، بەيدۇ سىتاتكىسى، بەيدۇ بىرلەشمىسى، بەيدۇ كىڭەيتمىسى، ئېلان غوجىدارى، سانلىق مەلۇمات تەتقىقى قىلىش مەركىزى، ئەربابلار تىزىملىكى، بەيدۇ كۆرسەتكۈچ،  بەيدۇ ئىشلىتىش. 

مال سېتىۋېلىش ۋە خۇشاللىق توردا بار 

بەيدۇ بار ھە، بەيدۇ ئويۇن، تاماشا، ئويۇن زالى، بەيدۇ چىقىمدانى ، كۈن لېكۇ بار.

2013-يىلى بەيدۇ خەلقئارا كەسپىي بۆلۈمى رەسمىي قۇرۇلغان. ھازىر ياپونىيەدە خاشىموتو، مىسىر، تايلاند، برازىلىيە، ھىندونېزىيە، ھىندىستان، ئامېرىكىدا شۆبە شىركەت ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#