مېنام دەرياسى

مېنام دەرياسى

مېنام دەرياسى __  تايلندنىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى. مېنام تايلاند تىلىدا «دەريالارنىڭ ئانىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دەريانىڭ باش ئېقىنىدا بىن دەرياسى، ۋاڭ دەرياسى، يۇڭ دەرياسى ۋە نەن دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تارماقتىن تەشكىل قىلىنىغان.

نامى مېنام دەرياسى
دۆلىتى تايلاند
چەتئەلچە نامى Menam,Chao Phraya River
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1352 كىلومېتىر
تايلاندچە  نامى แม่น้ำเจ้าพระยา
خەنزۇچە نامى 湄南河
تەۋە رايون باڭكۇك شەھىرى
كۆلىمى 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ
ئىنگلىزچە نامى Chao Phraya River

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېنام دەرياسىتايلندنىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى. مېنام تايلاند تىلىدا «دەريالارنىڭ ئانىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دەريانىڭ باش ئېقىنىدا بىن دەرياسى، ۋاڭ دەرياسى، يۇڭ دەرياسى ۋە نەن دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تارماقتىن تەشكىل قىلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ دەنباڭ ئېگىز تەكشىلىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ ناكون ساۋان شەھىرىنىڭ يېنىدا مېنام دەرياسىنىڭ ئاساسىي قىسمى بىلەن قوشۇلىدۇ، ۋاشىن ئەتراپىغا كەلگەندە دەريا ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ، تەكشى ھالدا جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، باڭكوك قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. مېنام دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1352 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

مېنام دەرياسىمېنام دەرياسى  شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ بانكوكتىن ئۆتۈپ تايلاندنىڭ غەربىي رايونىغا بارىدۇ.  يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز جەنۇبى پەس، شىمالى قىسمى ئېگىز تاغلىق ھەم ئېگىزلىك بولۇپ، جەنۇبىي تۈزلەڭلىك. يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شىمالى ئېگىز ئېگىزلىك بولۇپ ، جەنۇبىي تۈزلەڭلىك. ئېقىن ۋادىسى ئىسسىق بەلباغدىكى نەمخۇش كىلىمات بەلبېغىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شىمالىي قىسمى ئاسىيانىڭ مۇسسۇن ئىقلىم شامىلىنىڭ تەسىرىدە نەم-ئىسسىق كىلىمات ئاستىدا تۇرۋاتدۇ. جەنۇبى قىسمى دېڭىز–ئوكيان كىلماتىغا دۇچ كەلگەن بۇلۇپ  پۈتۈن بىر يىلدا بىر قەدەر ئىسسىق. ئادەتتە 4~3-ئايلار ئىسسىق پەسلى، 10~5-ئايلار يامغۇر پەسلى بۇلدۇ. ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃28~22 ، ئۆزگىرىش دائىرىسى بىر قەدەر كىچىك. ۋادا دائىرىسىدە يامغۇر بىر قەدەر مول بولۇپ، شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىق رايوندا تەخمىنەن 1220 مىللىمېتىر، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ تەخمىنەن 1360 مىللىمېتىر، جەنۇبى قىسمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ 2000 ~ 1875 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. %90 ھۆل-يېغىن 10~5-ئايلاردىكى شاماللىق پەسىللەردە يۈز بېردۇ. 

مېنام دەرياسىمېنام دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1352 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆپ قىسىم رايونى تروپىك بەلۋاغنىڭ مۇسسۇنلۇق كىلىماتقا تەۋە. دېڭىز بويى تۈزلەڭلىكى تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتىغا كىرىدۇ. ئورمان كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ، قاپلىنىش نىسبىتى 25% بولۇپ ، ھەر خىل ئىسسىق بەلۋاغ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ياغاچ غوللۇق دەرەخلەر ۋە ئىسسىق بەلباغ شاماللىق ئورمىنى بار. مەسىلەن: كىچىك مېۋىلىك ئەنجۈر دەرىخى، زېلكوۋا دەرىخى، خىنىن دەرىخى، ئاپېلسىن دەرىخى، ۋاكائىت دەرىخى (تۆمۈر دەرەخ)، مانگو دەرىخى قاتارلىقلار بار.  

ئىچكى دەريا ۋە تايلاند قولتۇقى تۇتىشىدىغان جايدىن ھەر خىل بېلىقلار كۆپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىشى كاۋچۇك، مانىھوت (مانخۇت)، شېكەر قومۇشى، يېشىل ماش، چىگە، تاماكا، قەھۋە پۇرچىقى، پالما يېغى، كوكۇس  قاتارلىقلار.

مېنام دەرياسى دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدا كەڭ دائىرىلىك دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن. بۇ جاي تايلاندنىڭ ئەڭ مۇھىم شال ئۆستۈرۈش رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا دەريا تورلىرى تەرەپ-تەرەپلەرگە سوزۇلغان بولۇپ، سۇ قاتنىشىغا بەك قولاي، پۈتۈن دەريانىڭ قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا يولىنى بويلاپ، بىۋاسىتە باڭگوك شەھىرىگە كېلەلەيدۇ. مېنام دەرياسىدا لاتقىلار كۆپ بولغانلىقتىن، دەريا ئاغزى ھەر يىلى سىرتقا قاراپ 4.5 مېتىردىن 6 مېتىرغىچە كېڭىيىپ تۇرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#