كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى

كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي قىسمىدا بولۇپ، ئۇ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن پاراللېل جايلاشقان .

ئۇيغۇرچە نامى كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي قىسمى
خەنزۇچە نامى 加利福尼亚半岛

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي قىسمىدا بولۇپ، ئۇ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن پاراللېل جايلاشقان، ئۇ خۇددى بىر ئۇزۇن خەنجەر تىنچ ئوكيانغا سانجىلىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچ تەرىپى كالىفورنىيە قولتۇقى، سىرتى بولسا دولقۇنلاپ تۇرغان تىنچ ئوكياندىن ئىبارەت، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1300 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى 220 كىلومېتىر، ئەڭ تار جايى ئاران 40 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بويىچە قارىغاندا، كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلى، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى ۋە ھىندىستان يېرىم ئارىلىدەك ئۇزۇن ئەمەس، بىراق ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى بويىچە قارىغاندا، كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى دۇنيادىكى ئەڭ تار ھەم ئۇزۇنچاق يېرىم ئارال ھېسابلىنىدۇ.

كالىفورنىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 143 مىڭ  700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتە كالىفورنىيە يېرىم ئارىلى مېكسىكا دۆلىتىگە تەۋە. شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە تۈزلەڭلىكلەر جايلىشىشتەك يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#