نارات يايلىقى

نارات يايلىقى يەنە كۆنەس يايلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،كۆنەستىكى نارات يېزىسىنىڭ شەرقى تەرىپىدە ،ئىلى كۆنەس ناھىيىسى بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 110 كېلومېتىر كېلىدۇ ،نارات تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان .

ئۇيغۇرچە نامى نارات يايلىقى
كۆلىمى 1800 كۇۋادىرات كېلومېتىر
جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىلى ئوبلاستى كۆنەس ناھىيىسى
خەنزۇچە نامى 那拉提草原
مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى شىنجاڭ
دەرىجىسى دۆلەتلىك 5ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   نارات يايلىقى  شەرقتە نارات چوققىسى بىلەن چىگرىلىنىدۇ ،غەربىي شىمالى قاناس كۆلىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلىغان ئويمانلىقتا ئۈزۈلىدۇ ،يەر شەكلى مەيدانى قىيپاش ھالەتتە ،كۆنەس يايلىقىنىڭ مۇھىم يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى .

      ئىلى ئوبلاستى كۆنەس ناھىيىسىدىكى نارات يايلىقى دۇنيادىكى تۆت چوڭ يايلاقنىڭ بىرى بولغان كەنجى ئېگىز تاغ سازلىق تۇپرىقى ئۆسۈملۈك رايونى .ئەزەلدىن بۇيان داڭلىق چارۋىچىلقى مەيدانى ،گۈزەل بولغان يايلاق مەنزىرىسى ۋە شۇ يەردىكى قازاق مىللىتىنىڭ مىللى ئۆرپ –ئادەتلىرى ئۆز –ئارا بىرلىشىپ ، نارات يايلىقىنى شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇردى .يىللىق ھۆل –يېغىن مىقدارى 800 مېللىمېتىر ئەتراپىدا ،يىللىق تېمپىراتۇرىسى℃20 ئەتراپىدا .

    نارات يايلىقى بولسا كەنجى ئېگىز تاغ سازلىقى ئۆسۈلىكىگە تەۋە ،ئوتتۇرھال ئۆسىدىغان ئۆسۈلمۈكلەر ۋە باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر %75 تىن %90 كىچە ئىگەللەيدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا مەرۋەرەك،يالغان جىنتىيانا،قوغاجاي،تاغاق ئوت،تىپچاق،بۆلجۈرگەن،چۆل رەيھىنى  قاتارلىقلار بار ،ئۇندىن بۇيان نارات يايلىقىنىڭ «قازاقلارنىڭ بۆشىكى »دېگەن گۈزەل نامى بار ،قازاق مىللىتى بۇ يەردە ئۇزاق مەزگىل ياشاش جەريانىدا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە بولغان ئاستورنومىيە ،جۇغرايىپە ،تىبابەت ،مۇزىكا قاتارلىق مەدەنىيەتنى ياراتتى ، نارات يايلىقىدە ياشاۋاتقان قازاق نوپۇسى 15298 ئادەم ، دۆلىتىمىز قازاق نوپۇسىنىڭ %1.13 نى ئىگەللەيدۇ ،پۈتۈن دۆلەتتىكى قازاق مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى ئەڭ زىچ بولغان رايون .

     ھەريىلى 6 –ئايدىن كېيىن ،نۇرغۇنلىغان چارۋىچىلار كۆچۈپ كىرىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن يايلاقنىڭ ئالتۇن پەسلى كېلىدۇ ،يايلاقتا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ ،كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىدۇ .

   بۇ يەردە ناخشا –ئۇسۇلغا ماھىر قازاق خەلقى ئولتۇراقلاشقان ،ھازىرغىچە قويۇق بولغان مىللىي ئالاھىدىلىكنى ۋە مول يايلاق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن ،نارات يايلىقىنىڭ ئۆزگىچە بولغان تەبىي مەنزىرىسى ،ئۇزاق تارىخى مەدەنىيىتى ، قويۇق مىللى ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نارات مەنزىرە رايونىنى شەكىللەندۈرگەن .

نارات مەنزىرە رايونى شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى ،ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى ،2005 –يىلى 6- ئايدا نارات مەنزىرە رايونى خەلقئارا سۈپەت سېستىمىسى ،مۇھىت باشقۇرۇش سېستىمىسى ۋە كەسپى بىخەتەرلىك ،ساغلاملىق باشقۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ سېستىمىنىڭ ئىتراپ قىلىشغا ئېرىشتى ،بۇ نارات مەنزىرە رايونىنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكى ،مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە كەسپى ساغلاملىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

2010 -–يىلى 10 -–ئايدا جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك جۇغراپىيە ژۇرنىلىدا پۈتۈن دۆلەتتىكى 6 چوڭ ئەڭ گۈزەل يايلاقنىڭ بىرى دەپ باھالانغان ،

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/74695.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#