دېزىنفېكسىيە ساندۇقى

دېزىنفېكسىيە ساندۇقى

 بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئورۇنلىرى دېزىنفېكسىيە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن،  تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى ئاستىدا تۈزۈپ چىقىپ، تېمپېراتۇرا تىزگىنلەشكە ئىگە بولۇشى، گاز سۈمۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان دېزىنفېكسىيە قىلىش سۈرلەنگەن ساندۇقى. 


ئۇيغۇرچە نامى دېزىنفېكسىيە ساندۇقى
چەتئەلچە نامى Disinfection box
ياسىغان شىركەت ياپونىيە مىتسۇبىشى
مەھسۇلات نومۇرى 21413292509
خەنزۇچە ساندۇقى 消毒箱
رولى دېزىنفېكسىيە قىلىش
خام ماتېرىيال ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېزىنفېكسىيە ساندۇقىبىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئورۇنلىرى دېزىنفېكسىيە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن،  تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى ئاستىدا تۈزۈپ چىقىپ، تېمپېراتۇرا تىزگىنلەشكە ئىگە بولۇشى، گاز سۈمۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان دېزىنفېكسىيە قىلىش سۈرلەنگەن ساندۇقى. مەھسۇلات ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا ( دۇپونت شىركىتى )، ياپونىيە ( مىتسۇبىشى شىركىتى )  قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىش ئارقىلق ياسايدۇ، زەربىگە قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە، ئېغىرلىقى يەڭگىل، ئىشلىتىشكە قۇلاي بولۇشتەك، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈنۈم ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە، خەلق ئىچىدىكى نۇرغۇن داۋالاش ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

دېزىنفېكسىيە ساندۇقى1 ، ئالدى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيە سېلىش ساندۇقى ئىچىدىكى تارتما ئىچىدىگە سېلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەييارلاپ قويغان فورمالدېگىد ( ھەر بىر كۇب مېتىر ) نى ئەڭ ئاستى قەۋىتىدىكى تارتما ئىچىدىگە سېلىش، دېزىنفېكسىيە ساندۇقىنىڭ ئىشىكىنى ھىم ئېتىش. 2 ، فورمالدېگىد ياكى سۇ قۇيغان چاغدا، ھەرگىز باك سىرتغا چىقىرۋەتمەسلىك، بولمىسا توكلۇق قىزدۇرغۇچ ئىشلىتىلىشنىڭ ئۆمرىگە ۋە سىم قىسقا تۇتىشىشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 3 ، چۈنكى قىزىتىش دەرىجىسى ناھايىتى تېز، ھەر دائىم باك ئىچىدىكى سەرپ قىلىش ئەھۋالىغاقاراپ سۇيۇقلۇق قۇشۇش، ھەرگىزمۇ ئىشلەتكەندە باك ئىچىدە سۇيۇقلۇقسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىق ! 

سىز دېزىنفېكسىيە ساندۇقىنىڭ خىزمەت قانۇنىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفېكسىە قىلغاندا قاچا-قۇچىنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسەن باب كېلىدىغان دېزىفېكسىيە ئۇسۇلىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

دېزىنفېكسىيە ساندۇقى قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ. ئادەتتە پاكىز قاچا-قۇچىلارنى سۇغا سېلىپ قاينىتىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاچا-قۇچىلاردىكى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۆلىدۇ. لېكىن، بۇ ئۇسۇل بەك ئاۋارىچىلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇلياۋ ياكى ئەينەكتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارغا باب كەلمەيدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا شەكلى ساندۇقنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل بولدى.

دېزىنفېكسىيە ساندۇقىدېزىنفېكسىيە ساندۇقى ئادەتتە ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، يۇقىرى قەۋىتىدە بىر گۇرۇپپا ئېلېكترونلۇق بېسىم ئۆرلىتىش توك يولى بولۇپ 6000 ۋولت يۇقىرى بېسىم پەيدا قىلىپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېننى ئىئونلاپ، ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىدىغان ئوزۇن ھاسىل قىلىدۇ. ئوزۇن بىر خىل كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى بولۇپ، ئوكسىگېن بىلەن بىر جۈپ «ئاچا-سىڭىل» دۇر. بىر ئوكسىگېن مولېكۇلىسىدا ئىككى ئوكسىگېن ئاتومى بولىدۇ. بىر ئوزۇن مولېكۇلىسىدا بولسا ئۈچ ئوكسىگېن ئاتومى بولىدۇ. ئوزۇن ئىنتايىن مۇقىمسىز، ئۇ ناھايىتى ئاسانلا بىر ئوكسىگېن ئاتومى ئايرىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئوكسىگېنغا ئايلاندۇرىدۇ. يەككە ئوكسىگېن ئاتومى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسىغا يولۇقسا، دەرھال ئۇلارنىڭ ھۈجەيرىسى ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئۆلتۈرىدۇ.

دېزىنفېكسىيە ساندۇقىنىڭ تۆۋەن قەۋىتىدە ئەنئەنىۋى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ساندۇق ئىچىدە بىر گۇرۇپپا يىراق ئىنفرا ئىسسىقلىق چىقىرىش دېتالى بار. توك ئۆتكەندىن كېيىن ساندۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، قاچا-قۇچىلارنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئۈستىدىكى باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#