جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنى

ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنى (2002–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2014–يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن).

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2003–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国政府采购法
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002–يىل 6 –ئاينىڭ 29 –كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنى (2002–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2014–يىل 8–ئاينىڭ 31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن).

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتىنى ۋە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇن ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى ياكى سېتىۋېلىش نورما ئۆلچىمى سىرتىدىكى مال، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەتنى مالىيە مەبلىغى بىلەن سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسى ۋە سېتىۋېلىش نورما ئۆلچىمى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سېتىۋېلىش مال، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەتكە توختام شەكلى بىلەن ھەقلىق ئېرىشىشنى، جۈملىدىن سېتىۋېلىش، ئىجارە ئېلىش، ھاۋالە قىلىش، ياللاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مال شەكلى ۋە تۈرى ئوخشاش بولمىغان بۇيۇملارنى، جۈملىدىن خام ئەشيا-ماتېرىيال، يېقىلغۇ، ئۈسكۈنە، مەھسۇلات قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرۇلۇش قۇرۇلۇش قىلىش، جۈملىدىن ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلارنى سېلىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش، بېزەش، چېقىش، رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇلازىمەت ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋالىدىغان مال ۋە قۇرۇلۇشتىن باشقا ئوبيېكتنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى، باراۋەر رىقابەت پىرىنسىپى، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

4-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش دائىرىسىدىكى قۇرۇلۇشلاردىن خېرىدار چاقىرىلىدىغانلىرىغا خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

5-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ساتقۇچىنىڭ شۇ رايون ۋە شۇ ساھەنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش بازىرىغا ئەركىن كىرىشىنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن توسۇشىغا ۋە چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قەتئىي تۈردە تەستىقلانغان خامچوت بويىچە بولۇشى كېرەك.

7-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، يىغىپ سېتىۋېلىش بىلەن تارقاق سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلىدۇ. يىغىپ سېتىۋېلىش دائىرىسى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىدە بېكىتىلىدۇ.

مەركەز خامچوتىدىكى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىنىڭ يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ يەرلىك خامچوتتىكى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تۈرلىرىنىڭ يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىدىكىلەرنى يىغىپ سېتىۋېلىش كېرەك.

8-ماددا مەركەز خامچوتىدىكى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ يەرلىك خامچوتتىكى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

9-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات سىياسىتىدىكى نىشانغا يېتىشكە، جۈملىدىن مۇھىت ئاسراش، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى يۆلەش ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىقلارغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

10-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ مېلى، قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش كېرەك. لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) سېتىۋالىدىغان مال، قۇرۇلۇش ياكى مۇلازىمەتتىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئالغىلى بولمايدىغانلىرى ياكى مۇۋاپىق سودا شارائىتىدا ئالغىلى بولمايدىغانلىرى؛

(2) جۇڭگو چېگراسى سىرتىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنىدىغانلىرى؛

(3) باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان دۆلىتىمىزنىڭ مېلى، قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ دائىرىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

11-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق بەلگىلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىسىدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك، لېكىن سودا مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

12-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە، سېتىۋالغۇچى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن ساتقۇچى بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى شەرت. ساتقۇچى سېتىۋالغۇچى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى باشقا ساتقۇچى بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىسا، ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مۇناسىۋەتلىك خادىم خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشتا خېرىدار باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى، رىقابەتلىك سۆھبەتلىشىپ سېتىۋېلىشتا سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى، باھا سوراپ سېتىۋېلىشتا باھا سوراش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

13-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە تارمىقى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

2-باب ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئالاقىدارلىرى

14-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان سۇبيېكتلىرىنى، جۈملىدىن سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ.

15-ماددا سېتىۋالغۇچى قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتى قىلىدىغان دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇن ۋە تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.

16-ماددا يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپارات ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ. رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى يىغىپ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنى تەسىس قىلىدۇ.

يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپارات پايدا ئالمايدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگە بولۇپ، سېتىۋالغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سېتىۋالىدۇ.

17-ماددا يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپارات ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى سېتىۋېلىش باھاسى بازاردىكى ئوتتۇرىچە باھادىن تۆۋەن بولۇش، سېتىۋېلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش، سۈپىتى ئەلا بولۇش ۋە مۇلازىمىتى ياخشى بولۇش تەلىپى بويىچە قىلىشى كېرەك.

18-ماددا سېتىۋالغۇچى يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىدىكىلىرىنى سېتىۋېلىشنى يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىشى شەرت؛ يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىدىكىلىرىنى ئۆزى سېتىۋالسىمۇ، يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنىڭ ھاۋالە قىلىنغان دائىرىدە سېتىۋېلىشىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

يىغىپ سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋالىدىغان ھەممىباب تۈردىكىلىرىنى سېتىۋېلىشنى يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىش كېرەك؛ شۇ تارماق، شۇ سىستېمىنىڭ ئالاھىدە تەلىپى بولغان تۈردىكىلىرىنى تارماقلار يىغىپ سېتىۋېلىشى كېرەك؛ شۇ ئورۇننىڭ ئالاھىدە تەلىپى بولغان تۈردىكىلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۆزى سېتىۋالسا بولىدۇ.

19-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ھاۋالە دائىرىسىدىكى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئاپپاراتىدىن باشقا بىر تۇتاش سېتىۋالغۇچى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

سېتىۋالغۇچىلار ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنى ئۆز ئالدىغا تاللاشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سېتىۋالغۇچىغا ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

20-ماددا سېتىۋالغۇچىلاردىن ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتقا سېتىۋېلىشنى قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلىدىغانلىرى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپارات بىلەن ھاۋالىلىك ۋاكالەت كېلىشىمى تۈزۈپ، ھاۋالىلىك ۋاكالەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بېكىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈشى كېرەك.

21-ماددا ساتقۇچىلار سېتىۋالغۇچىنى مال، قۇرۇلۇش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلات ياكى تەبىئىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.

22-ماددا ساتقۇچىلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش؛

(2) سودا ئىناۋىتى يۇقىرى، مالىيە-بوغالتىرلىق تۈزۈمى مۇكەممەل بولۇش؛

(3) توختامنى ئادا قىلىشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنىسى ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارى بولۇش؛

(4) باج ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرغان بولۇش؛

(5) ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىللىق تىجارىتىدە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

سېتىۋالغۇچىلار سېتىۋېلىش تۈرىگە قويۇلغان ئالاھىدە تەلەپكە ئاساسەن، ساتقۇچىغا مۇئەييەن شەرت قويسا بولىدۇ، لېكىن ساتقۇچىغا نامۇۋاپىق شەرت بىلەن پەرقلىق مۇئامىلە قىلسا ياكى ئۇنى كەمسىتسە بولمايدۇ.

23-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا قاتناشقان ساتقۇچىدىن ئالاقىدار ساپا ئىسپات ھۆججىتى بېرىشنى ۋە نەتىجە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلسا ھەمدە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ساتقۇچىلىق شەرتى ۋە سېتىۋېلىش تۈرلىرىدىكى ساتقۇچىلارغا قويۇلغان مۇئەييەن تەلەپكە ئاساسەن، ساتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

24-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بىرلەشمە قۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا ساتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن بىرلىكتە قاتناشسا بولىدۇ.

بىرلىشىش شەكلى بىلەن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا قاتناشقان ساتقۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە سېتىۋالغۇچىغا بىرلەشكەن تەرەپلەرنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان خىزمىتى ۋە مەجبۇرىيىتى يېزىلغان بىرلىشىش كېلىشىمى تاپشۇرۇشى كېرەك. بىرلەشكەن تەرەپلەر سېتىۋالغۇچى بىلەن سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشى، سېتىۋېلىش توختامدا پۈتۈشكەن ئىشلار ئۈچۈن سېتىۋالغۇچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

25-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئالاقىدارلىرىنىڭ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ دۆلەت مەنپەئىتىگە، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقا ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ رىقابەتكە قاتنىشىدىغان باشقا ساتقۇچىلارنى ھەرقانداق ۋاسىتە بىلەن چەتكە قېقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ساتقۇچىلارنىڭ سېتىۋالغۇچىلار، ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلار، خېرىدار باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، رىقابەتلىك سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، باھا سوراش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا پارا بېرىپ ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ خېرىدار بولۇۋېلىشىغا ياكى پۈتۈشۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ سېتىۋالغۇچىغا پارا بېرىپ ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قانۇنسىز پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

3-باب ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئۇسۇلى

26-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ:

(1) ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش؛

(2) تەكلىپلىك خېرىدار چاقىرىش؛

(3) رىقابەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش؛

(4) بىر يەردىن سېتىۋېلىش؛

(5) باھا سوراش؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى بېكىتكەن باشقا سېتىۋېلىش ئۇسۇلى.

ئاشكارا خېرىدار چاقىرىشنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنىڭ ئاساسلىق شەكلى قىلىش كېرەك.

27-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش يولى بىلەن سېتىۋالىدىغان مال ياكى مۇلازىمەت مەركەز خامچوتىدا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىگە كىرسە، ئۇنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ؛ يەرلىكنىڭ خامچوتىدا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىگە كىرسە، ئۇنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىدىن باشقا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا، سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

28-ماددا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋالىدىغان مال ياكى مۇلازىمەتنى پارچىلاش يولى ياكى باشقا ھەرقانداق يول بىلەن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشتىن باش تارتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغان مال ياكى مۇلازىمەتنى مۇشۇ قانۇن بويىچە تەكلىپلىك خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ:

(1) ئالاھىدە بولغانلىقتىن، چەكلىك ساتقۇچىدىنلا سېتىۋېلىنىدىغان بولسا؛

(2) ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تۈرى ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسبىتى بەك يۇقىرى بولسا.

30-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغان مال ياكى مۇلازىمەتنى مۇشۇ قانۇن بويىچە رىقابەتلىك سۆھبەت ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ:

(1) خېرىدار چاقىرغاندىن كېيىن، ساتقۇچى خېرىدارلىققا چىقمىسا ياكى نىشان كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ۋە ياكى يېڭىباشتىن خېرىدار چاقىرغىلى بولمىسا؛

(2) تېخنىكىسى مۇرەككەپ ياكى خۇسۇسىيىتى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، تەپسىلىي ئۆلچىمىنى ياكى كونكرېت تەلىپىنى بېكىتكىلى بولمىسا؛

(3) خېرىدار چاقىرىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ھاجەتمەننىڭ تەلىپىگە توغرا كەلمىسە؛

(4) باھا ئومۇمىي سوممىسىنى ئالدىن ھېسابلىغىلى بولمىسا.

31-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مال ياكى مۇلازىمەتنى مۇشۇ قانۇن بويىچە، بىر يەردىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ:

(1) بىرلا ساتقۇچىدىن سېتىۋېلىنىدىغان بولسا؛

(2) مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان جىددىي ئەھۋال يۈز بېرىپ، باشقا ساتقۇچىدىن سېتىۋالغىلى بولمىسا؛

(3) ئەسلىدىكى سېتىۋېلىش تۈرى بىلەن بىردەك بولۇش ياكى مۇلازىمەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئەسلىي ساتقۇچىدىن قوشۇپ سېتىۋېلىش زۆرۈر بولسا ھەمدە قوشۇپ سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسى ئەسلىي توختامدىكى سېتىۋېلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئوندىن ئېشىپ كەتمىسە.

32-ماددا سېتىۋالىدىغان مالنىڭ ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن، مەنبەسى تولۇق بولغان شۇنداقلا باھا ئۆزگىرىشى كىچىك بولغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىدە مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، باھا سوراپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.

4-باب ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تەرتىپى

33-ماددا تارماق خامچوتىنى تۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار كېيىنكى يىللىق مالىيە يىلىدىكى تارماق خامچوتىنى تۈزگەندە، شۇ مالىيە يىلىدا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرى ۋە مەبلىغىنى خامچوتقا كىرگۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقىنىڭ جەملىشىگە سۇنۇشى كېرەك. تارماق خامچوتى خامچوت باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە تەستىقلىنىدۇ.

34-ماددا تەكلىپلىك خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىنىدىغان مال ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىدە، سېتىۋالغۇچى مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈچتىن ئارتۇق ساتقۇچىنى ئىختىيارىي تاللىشى ھەمدە ئۇلارغا خېرىدار چىقىش تەكلىپنامىسى ئەۋەتىشى كېرەك.

35-ماددا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىنىدىغان مال ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىدە، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى چىقىرىلغان كۈندىن خېرىدار چىققۇچىنىڭ خېرىدار چىقىش ھۆججىتىنى تاپشۇرغىچە بولغان ۋاقىت 20 كۈندىن ئاز بولسا بولمايدۇ.

36-ماددا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خېرىدار چاقىرىش بىكار قىلىنىشى كېرەك:

(1) كەسپىي شەرتكە توشىدىغان ساتقۇچى ياكى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىگە ماھىيەتلىك ئاۋاز قوشىدىغان ساتقۇچى ئۈچكە يەتمىسە؛

(2) ئادىل سېتىۋېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان قانۇن، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە؛

(3) خېرىدار چىققۇچىنىڭ مەلۇم قىلغان باھاسى سېتىۋېلىش خامچوتىدىن ئېشىپ كېتىپ، سېتىۋالغۇچى سېتىۋالالمىسا؛

(4) چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا.

خېرىدار چاقىرىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى خېرىدار چاقىرىشنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بارلىق خېرىدار چىققۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

37-ماددا خېرىدار چاقىرىش بىكار قىلىنىپ سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭىباشتىن خېرىدار چاقىرىش كېرەك. باشقا ئۇسۇل بىلەن سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

38-ماددا رىقابەتلىك سۆھبەت ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىشتا، تۆۋەندىكى تەرتىپكە ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) سۆھبەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش. سۆھبەت گۇرۇپپىسى سېتىۋالغۇچىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئادەم سانى ئۈچتىن ئارتۇق تاق سان بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.

(2) سۆھبەت ھۆججىتى تەييارلاش. سۆھبەت ھۆججىتىدە سۆھبەت تەرتىپى ۋە مەزمۇنى، توختام لايىھەسىنىڭ ماددىلىرى شۇنىڭدەك باھالاپ پۈتۈشۈش ئۆلچىمى قاتارلىق ئىشلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

(3) سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنىدىغان ساتقۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىش. سۆھبەت گۇرۇپپىسى مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىگە توشىدىغان ساتقۇچىلار ئىسىملىكىدىن سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان ئۈچتىن ئارتۇق ساتقۇچىنى بېكىتىشى ھەمدە ئۇلارغا سۆھبەت ھۆججىتى بېرىشى كېرەك.

(4) سۆھبەت ئۆتكۈزۈش. سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ساتقۇچىلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ. سۆھبەتتە، سۆھبەتكە قاتناشقان ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ سۆھبەتكە ئالاقىدار باشقا ساتقۇچىنىڭ تېخنىكا ماتېرىيالى، قويغان باھاسى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. سۆھبەت ھۆججىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولسا، سۆھبەت گۇرۇپپىسى سۆھبەتكە قاتناشقان بارلىق ساتقۇچىلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

(5) پۈتۈشكەن ساتقۇچىنى بېكىتىش. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۆھبەت گۇرۇپپىسى سۆھبەتكە قاتناشقان بارلىق ساتقۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە باھانى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، سېتىۋالغۇچى سۆھبەت گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن پۈتۈشىدىغان نامزاتلار ئىچىدىن سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ۋە سۈپىتىگە ئۇيغۇن، مۇلازىمىتى ئوخشاش شۇنىڭدەك مەلۇم قىلغان باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، پۈتۈشكەن ساتقۇچىنى بېكىتىشى ھەمدە نەتىجىسىنى سۆھبەتكە قاتناشقان بارلىق پۈتۈشەلمىگەن ساتقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

39-ماددا بىر يەردىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىشتا، سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ سۈپىتىگە ۋە ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن مۇۋاپىق باھاغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا سېتىۋېلىشى كېرەك.

40-ماددا باھا سوراپ سېتىۋېلىشتا، تۆۋەندىكى تەرتىپكە ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) باھا سوراش گۇرۇپپىسى قۇرۇش. باھا سوراش گۇرۇپپىسى سېتىۋالغۇچى ۋەكىلى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئادەم سانى ئۈچتىن ئارتۇق تاق سان بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ. باھا سوراش گۇرۇپپىسى سېتىۋېلىش تۈرلىرىنىڭ باھا قۇرۇلمىسى ۋە پۈتۈشۈش ئۆلچىمىنى بېكىتىش قاتارلىق ئىشلار ئۈستىدە بەلگىلىمە چىقىرىشى كېرەك.

(2) باھا سورىلىدىغان ساتقۇچىلار ئىسىملىكىنى بېكىتىش. باھا سوراش گۇرۇپپىسى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىگە توشىدىغان ساتقۇچىلار ئىسىملىكىدىن ئۈچتىن ئارتۇق ساتقۇچىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇلارغا باھا مەلۇم قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ.

(3) باھا سوراش. باھا سوراش گۇرۇپپىسى سورايدىغان ساتقۇچىدىن ئۆزگەرتمەيدىغان باھاسىنى بىر قېتىمدىلا مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

(4) پۈتۈشكەن ساتقۇچىنى بېكىتىش. سېتىۋالغۇچى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، سۈپىتى ۋە مۇلازىمىتى ئوخشاش بولۇش ھەمدە مەلۇم قىلغان باھا ئەڭ تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، پۈتۈشكەن ساتقۇچىنى بېكىتىدۇ ھەمدە نەتىجىسىنى باھا سورالغان بولسىمۇ، پۈتۈشەلمىگەن بارلىق ساتقۇچىلارغا ئۇقتۇرىدۇ.

41-ماددا سېتىۋالغۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپارات ساتقۇچىلارنىڭ توختامنى ئادا قىلىشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىدىن چوڭ ياكى مۇرەككەپلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا دۆلەت ئېتىراپ قىلغان سۈپەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەرەپ ئەزالىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇشى ھەمدە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

42-ماددا سېتىۋالغۇچىلار، ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىدىكى ھەر بىر سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە دائىر ھۆججەتنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، ئۇنى ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىۋېلىشقا، يوشۇرۇپ قويۇشقا ياكى يوق قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. سېتىۋېلىش ھۆججىتىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى سېتىۋېلىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ئاز دېگەندە 15 يىل بولىدۇ.

سېتىۋېلىش ھۆججىتى سېتىۋېلىش خاتىرىسى، سېتىۋېلىش خامچوتى، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، خېرىدار چىقىش ھۆججىتى، خېرىدار باھالاش ئۆلچىمى، باھالاش دوكلاتى، خېرىدار بېكىتىش ھۆججىتى، توختام نۇسخىسى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىسپاتى، گۇمان ھەققىدە جاۋاب، ئەرز بىر تەرەپ قىلىش قارارى ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سېتىۋېلىش خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنىدا ھېچبولمىغاندا تۆۋەندىكىلەر بولۇشى كېرەك:

(1) سېتىۋېلىش تۈرى ۋە تۈر نامى؛

(2) سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ خامچوتى، مەبلىغى ۋە توختامدىكى باھاسى؛

(3) سېتىۋېلىش ئۇسۇلى، ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىدىن باشقا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىرىدا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش؛

(4) ساتقۇچىنى تەكلىپ قىلىش، تاللاش شەرتى ۋە سەۋەبى؛

(5) خېرىدار باھالاش ئۆلچىمى ۋە خېرىدار بولغۇچىنى بېكىتىش سەۋەبى؛

(6) خېرىدار چاقىرىشنى بىكار قىلىش سەۋەبى؛

(7) خېرىدار چاقىرىشتىن باشقا سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قوللانغانلىقنىڭ مۇناسىپ خاتىرىسى.

5-باب ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامى

43-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامىغا توختام قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى باراۋەر، ئىختىيارىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە توختام شەكلىدە پۈتۈشۈشى كېرەك.

سېتىۋالغۇچىلار ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتقا ساتقۇچى بىلەن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامىنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن تۈزۈشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلاردىن سېتىۋالغۇچى نامىدا توختام تۈزىدىغانلىرى سېتىۋالغۇچىنىڭ ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىنى توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى سۈپىتىدە سۇنۇشى كېرەك.

44-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامى يازما بولۇشى كېرەك.

45-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامىدىكى زۆرۈر ماددىلارنى بەلگىلىشى كېرەك.

46-ماددا سېتىۋالغۇچىلار خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن ساتقۇچىلار بىلەن خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، سېتىۋېلىش ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن ئىشلار بويىچە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشى كېرەك.

خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى سېتىۋالغۇچى، خېرىدار بولغان ۋە پۈتۈشكەن ساتقۇچىلار ئۈچۈن قانۇن كۈچىگە ئىگە. خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچىلاردىن خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكەنلىرى ياكى خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن ساتقۇچىلاردىن خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن تۈردىن ۋاز كەچكەنلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

47-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە، توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

48-ماددا خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، قانۇن بويىچە بۆلۈپ ھۆددە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن توختامنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامىنى بۆلۈپ ھۆددە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئادا قىلىشتا، خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن ساتقۇچى سېتىۋېلىش تۈرى ۋە بۆلۈپ ھۆددە ئېلىش تۈرى ئۈچۈن سېتىۋالغۇچى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، بۆلۈپ ھۆددە ئالغان ساتقۇچى بۆلۈپ ھۆددە ئالغان تۈرى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

49-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامىنى ئادا قىلىشتا، سېتىۋالغۇچىلاردىن توختام نىشانىدىكىگە ئوخشاش مال، قۇرۇلۇش ياكى مۇلازىمەتنى قوشۇپ سېتىۋالىدىغانلىرى توختامدىكى باشقا ماددىنى ئۆزگەرتمەي، ساتقۇچى بىلەن كېلىشىپ قوشۇمچە توختام تۈزسە بولىدۇ، لېكىن، قوشۇمچە توختامدىكى سېتىۋېلىش سوممىسى ئەسلىي توختامدىكى سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ ئوندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

50-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپنىڭ توختامنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشىگە، توختىتىپ تۇرۇشىغا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش توختامىنى داۋاملىق ئادا قىلغاندا دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدىغان بولسا، ئىككى تەرەپ توختامنى ئۆزگەرتىشى، توختىتىپ تۇرۇشى ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. خاتالىقى بار تەرەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئىككىلا تەرەپتە خاتالىق بولسا، خاتالىقىغا تۇشلۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

6-باب گۇمان ۋە ئەرز

51-ماددا ساتقۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا گۇمانى بولسا، سېتىۋالغۇچىدىن سورىسا بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى كېرەك، لېكىن جاۋابنىڭ مەزمۇنى سودا مەخپىيىتىگە چېتىلسا بولمايدۇ.

52-ماددا ساتقۇچىلار سېتىۋېلىش ھۆججىتى، سېتىۋېلىش جەريانى ۋە خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش نەتىجىسى ھوقۇق –مەنپەئىتىمنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دەپ قارىسا، ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە، سېتىۋالغۇچىغا گۇمانىنى يازما ئېيتسا بولىدۇ.

53-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ساتقۇچىنىڭ گۇمان خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە جاۋاب بېرىشى ھەمدە گۇمانى بار ساتقۇچى ۋە باشقا ئالاقىدار ساتقۇچىلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، لېكىن جاۋابنىڭ مەزمۇنى سودا مەخپىيىتىگە چېتىلسا بولمايدۇ.

54-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتقا سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغاندا، ساتقۇچى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتتىن سوئال سورىسا ياكى گۇمانىنى ئېيتسا بولىدۇ، ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپارات مۇشۇ قانۇننىڭ 51 –، 53-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سېتىۋالغۇچى ھاۋالە قىلغان ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىشلار ئۈستىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

55-ماددا گۇمانى بار ساتقۇچىلار سېتىۋالغۇچى ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنىڭ جاۋابىدىن رازى بولمىسا ياكى سېتىۋالغۇچى، ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپارات بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا جاۋاب بەرمىسە، جاۋاب بېرىش مۆھلىتى توشقاندىن باشلاپ 15 ئىش كۈنى ئىچىدە، تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماققا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

56-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 ئىش كۈنى ئىچىدە، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئەرز قىلغۇچى ۋە ئەرزگە ئالاقىدار كىشىلەرگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

57-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە، سېتىۋالغۇچىغا سېتىۋېلىشنى توختىتىپ تۇرۇشنى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، لېكىن توختىتىپ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

58-ماددا ئەرز قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا ياكى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق سۈرۈك ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلمىسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7-باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

59-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتى ۋە يىغىپ سېتىۋېلىش ئاپپاراتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

(1) ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەرنىڭ ئىجراسى؛

(2) سېتىۋېلىش دائىرىسى، سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە سېتىۋېلىش تەرتىپىنىڭ ئىجراسى؛

(3) ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى.

60-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ يىغىپ سېتىۋېلىش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ۋە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنى سېتىۋېلىشقا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپارات بىلەن مەمۇرىي ئورگان ئوتتۇرىسىدا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا بولمايدۇ.

61-ماددا يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلار ئىچكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. سېتىۋېلىش قارارى ۋە ئىجرا تەرتىپى ئېنىق بولۇشى ھەمدە ئۆزئارا نازارەت قىلىشى ۋە ئۆزئارا چەكلىشى كېرەك. سېتىۋالغۇچىلار بىلەن سېتىۋېلىش توختامىنى تەكشۈرگۈچى ۋە ئۆتكۈزۈۋالغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ئۆزئارا ئايرىش كېرەك.

62-ماددا يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنىڭ سېتىۋالغۇچىلىرى مۇناسىپ كەسپىي ساپاغا ۋە كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق بەلگىلىگەن كەسپىي ئورۇندا ۋەزىپە ئۆتەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلار خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت نەتىجىسى ۋە كەسىپ ئەخلاقىنى قەرەللىك باھالىشى كېرەك. باھالاشتىن ئۆتەلمىگەن سېتىۋالغۇچىلار داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

63-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاش كېرەك.

مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان سېتىۋالغۇچىلار سېتىۋېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سېتىۋېلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

64-ماددا سېتىۋالغۇچىلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلەنگەن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە سېتىۋېلىش تەرتىپى بويىچە سېتىۋېلىشى شەرت.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سېتىۋالغۇچى ياكى سېتىۋېلىش خادىملىرىدىن ئۆزى كۆرسەتكەن ساتقۇچىدىن سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

65-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈشى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

66-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى، پۇل تېجەش ئۈنۈمى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئىناۋەت ئەھۋالى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارنى باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى قەرەللىك، ئەينەن ئېلان قىلىشى كېرەك.

67-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى بار ئالاقىدار تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

68-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

69-ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان دۆلەت ئورگىنى، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنى تەپتىش قىلىشى كېرەك.

70-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورگانلار مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

71-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۇلارنىڭ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ئورگانلار چارە كۆرىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ:

(1) سېتىۋېلىشتا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا ئۇسۇلنى قوللانغانلار؛

(2) سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆستۈرگەنلەر؛

(3) ساتقۇچىغا نامۇۋاپىق شەرت قويۇپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلغانلار ياكى مۇئامىلىدە كەمسىتكەنلەر؛

(4) خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش جەريانىدا خېرىدار چىققۇچى بىلەن كېڭىشىپ سۆھبەتلەشكەنلەر؛

(5) خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش ئۇقتۇرۇشى چىقارغاندىن كېيىن، خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن ساتقۇچى بىلەن سېتىۋېلىش توختامى تۈزمىگەنلەر؛

(6) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار.

72-ماددا سېتىۋالغۇچىلار، ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قوشۇمچە مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دۆلەت ئورگىنى خادىمى بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ساتقۇچى ياكى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپارات بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار؛

(2) سېتىۋېلىش جەريانىدا پارا ئالغانلار ياكى باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئالغانلار؛

(3) ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە ساختا ئەھۋال يەتكۈزگەنلەر؛

(4) خېرىدار ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن خېرىدارلىق چېكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار.

73-ماددا ئالدىنقى ئىككى ماددىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ بىرى خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتسە ياكى خېرىدار بولۇش، پۈتۈشۈش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولسا، تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) خېرىدار بولىدىغان، پۈتۈشىدىغان ساتقۇچى بېكىتىلمىگەن بولسا، سېتىۋېلىش ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ؛

(2) خېرىدار بولغان، پۈتۈشكەن ساتقۇچى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، سېتىۋېلىش توختامى ئادا قىلىنمىغان بولسا، توختامنى بىكار قىلىپ، خېرىدار بولىدىغان، پۈتۈشىدىغان ساتقۇچى لاياقەتلىك نامزاتلار ئىچىدىن قايتا بېكىتىلىدۇ؛

(3) سېتىۋېلىش توختامى ئادا قىلغانلىقتىن، سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى زىيانغا ئۇچرىسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى جاۋابكار ئۈستىگە ئالىدۇ.

74-ماددا يىغىپ سېتىۋېلىنىدىغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىنى يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنىڭ يىغىپ سېتىۋېلىشىغا ھاۋالە قىلمىغان سېتىۋالغۇچىلارنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ خامچوت بويىچە بېرىلىدىغان مەبلىغى توختىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ئورگانلار بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

75-ماددا سېتىۋالغۇچىلاردىن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمى ۋە سېتىۋېلىش نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

76-ماددا سېتىۋالغۇچىلار ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلاشقا تېگىشلىك سېتىۋېلىش ھۆججىتىنى يوشۇرۇپ قويغان، يوق قىلىۋەتكەن ياكى سېتىۋېلىش ھۆججىتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلىرىغا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

77-ماددا ساتقۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا سېتىۋېلىش سوممىسىنىڭ ‰5 ىدىن يۇقىرى، ‰10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ناچار قىلمىشى بارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مەنئى قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قوشۇمچە مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ساختا ماتېرىيال بېرىپ خېرىدار بولۇۋالغان، پۈتۈشۈۋالغانلار؛

(2) ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن باشقا ساتقۇچىنى ھاقارەتلىگەن، چەتكە قاققانلار؛

(3) سېتىۋالغۇچىلار، باشقا ساتقۇچىلار ياكى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار؛

(4) سېتىۋالغۇچىلار ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلارغا پارا بەرگەن ياكى باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەت يەتكۈزگەنلەر؛

(5) خېرىدار چاقىرىش، سېتىۋېلىش جەريانىدا سېتىۋالغۇچى بىلەن كېڭىشىپ سۆھبەتلەشكەنلەر؛

(6) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ياكى ئۇلارغا ساختا ئەھۋال يەتكۈزگەنلەر.

ساتقۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ خېرىدار بولۇشى، پۈتۈشۈشى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

78-ماددا ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلاردىن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلىرىغا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە مەنئى قىلىنىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

79-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئالاقىدارلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 71 –، 72 –، 77-ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھەق تەلەپكە ئائىت قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

80-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

81-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن ساتقۇچىنىڭ ئەرزىنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلمىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

82-ماددا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتنىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاشتا، يالغان ئېيتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرغانلىرى ياكى قەرەللىك باھالىمىغان ۋە باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىغانلىرى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك، ئۇنىڭ مەسئۇلى ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار خادىمىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

يىغىپ سېتىۋالغۇچى ئاپپاراتلاردىن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ باھالىشىدا نەتىجىسىنى ساختا مەلۇم قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

83-ماددا ساتقۇچىنىڭ ئۆز رايونى ياكى ئۆز ساھەسىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش بازىرىغا كىرىشىنى توسقان ۋە چەكلىگەن ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ئورۇننىڭ جاۋابكارىغا ياكى شەخسكە شۇ ئورۇن ۋە شۇ شەخسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ئورگان چارە كۆرىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

84-ماددا خەلقئارا تەشكىلات ۋە چەت ئەل ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز پۇلى بىلەن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، قەرز بەرگۈچى ۋە مەبلەغ چىقارغۇچى تەرەپ جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىمدە سېتىۋېلىشنىڭ كونكرېت شەرتى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىنى تەتبىقلاشقا بولىدۇ، لېكىن دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ.

85-ماددا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ۋە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان باشقا ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن جىددىي سېتىۋېلىشقا شۇنىڭدەك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان سېتىۋېلىشقا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

86-ماددا ھەربىي لازىمەتلىك سېتىۋېلىش نىزامىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم چىقىرىدۇ.

87-ماددا بۇ قانۇننى يولغا قويۇش كونكرېت قەدەم-باسقۇچى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.[0]


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/81270.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#