ئۇيغۇرچە نامى تاشئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 13166
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔什艾日克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون توقسۇ ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشئېرىق يېزىسىتاشئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا بولۇپ، دۆلەت يولى 314 ـ لىنيىسىنىڭ 789 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، توقسۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر.تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 48 مىڭ 601 مو، نوپۇسى 13166 ئادەم، يېزا بويىچە 21 پارتىيە ياچېيكىسى، 520 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان-چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى 360 نەپەر. پۈتۈن يېزا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان.

تاشئېرىق يېزىسىتاشئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق 15 كەنت ۋە بىر دېھقانچىلىق مەيدانى بار، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈگمەن بېشى كەنتى، قوشئېرىق كەنتى، روشەنباغ كەنتى، چولپان باغ كەنتى، غازمەھەللە كەنتى، تاشئېرىق كەنتى،بوستان كەنتى،كونا بوز كەنتى، ئاتبېشى دۆڭ كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، نوباشلام كەنتى، ئاچا دۆڭ كەنتى، ئاراتۈگمەن كەنتى، قومۇشلۇق كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى. 40 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.

تاشئېرىق يېزىسىتاشئېرىق يېزىسى پارتىيە 16-قۇرۇلتىيى، 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ۋىلايەتلىك ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى باش تېما، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئاساسىي لىنىيە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، جانلاندۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ يېزىلارغا قاراتقان تۈپ سىياسىتىنى، يېزا ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇغان، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، 2 نى زورايتىپ، 3 نى كەسىپلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تاشئېرىق يېزىسىدېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، « يۇقىرى مەھسۇلاتلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، ئوتتۇرا مەھسۇلاتلىقلىرىنى تەڭشەش، تۆۋەن مەھسۇلاتلىقلىرىنى شاللاش » پىرىنسىپى بويىچە سۈپەتلىك ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئۆستۈرگەن. پاختا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، زاكازلىق دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، تېرىقچىلىقنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇغان.

تاشئېرىق يېزىسى1991-يىلى ۋىلايەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بۇلۇپ باھالانغان؛ 

1994-يىلى ۋىلايەت تەرىپىدىن پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن بۇلۇپ باھالانغان؛ 

2002-يىلى بىخەتەر ۋىلايەت، مەدەنىي رايون بۇلۇپ باھالانغان؛ 

2004-يىلى يېزىلىق ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن ۋىلايىتىگە «4-ماي» قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق كومىتېتى بۇلۇپ باھالانغان ؛ 

1991-يىلى ناھىيە بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا ئۇدا ئون يىل مول ھوسۇل ئېلىشتىكى ئىلغار يېزا بۇلۇپ باھالانغان؛ 

1997-يىلى ناھىيە تەرىپىدىن 2-بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئىلغار ئورۇن بۇلۇپ باھالانغان؛ 

 2002-يىلى ناھىيە بويىچە ئىدىيىۋى-سىياسىي تەشۋىقات خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بۇلۇپ باھالانغان؛

2002-يىلى ناھىيە تەرىپىدىن بىرلىك سەپ، مىللەتلەر، دىن خىزمىتى بويىچە ئىلغار ئورۇن بۇلۇپ باھالانغان؛

2002-يىلى ناھىيىدىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بۇلۇپ باھالانغان؛

2003-يىلى ناھىيە ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن ئىلغار تەشكىلات بۇلۇپ باھالانغان؛ 

2003-يىلى ناھىيە تەرىپىدىن 14-نۆۋەتلىك «پەن-تېخنىكا قىشى» پائالىيىتىدە ئىلغار ئورۇن بۇلۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#