شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى

تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区塔里木河流域水资源管理条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

(1997–يىل 12–ئاينىڭ 11–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2005–يىلى 3–ئاينىڭ 25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا 1–قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، 2014–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا 2–قېتىم ئۆزگەرتىلگەن)

1-ماددا بۇ نىزام تارىم ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، تارىم ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىشانىغا يېتىشكە، ۋادىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى» شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، تارىم ۋادىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان تارىم ۋادىسى تارىم دەرياسى غول ئېقىن رايونى ۋە مەنبە ئېقىن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقى يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تارىم ۋادىسىنىڭ ئاساسىي مەنبە ئېقىنىنى باشقۇرۇش دائىرىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

3-ماددا تارىم ۋادىسىدا (تۆۋەندە ۋادىدا دېيىلىدۇ) سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىدىغان، ئۇنى تېجەيدىغان، قوغدايدىغان، باشقۇرىدىغان، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ نىزامغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

4-ماددا تارىم ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقى دۆلەت ئىلكىدە بولىدۇ. ۋادا سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ۋادا باشقۇرۇش بىلەن مەمۇرىي رايون باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈلمە يولغا قويۇلىدۇ، مەمۇرىي رايون باشقۇرۇشتا ۋادا باشقۇرۇشقا بويسۇنۇش كېرەك.

5-ماددا تارىم ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، ئۇنى تېجەش، قوغداش ۋە باشقۇرۇشتا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك:

(1) ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ئىلمىي قوغداپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۇ بايلىقىنىڭ كۆپ خىل رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛

(2) مەنبە ئېقىن بىلەن غول ئېقىننى ۋە يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن بۆلىكىنى، سول قىرغىقى بىلەن ئوڭ قىرغىقىنى، يەر يۈزى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش؛

(3) ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك سۇنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كېرەكلىك سۇنى ئوبدان تەقسىملەش؛

(4) ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش بىلەن نورمىلىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى پىلانلىق، تېجەشلىك ۋە ھەقلىق ئىشلىتىش.

6-ماددا تارىم ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش قىزىل سىزىقى، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى تىزگىنلەش قىزىل سىزىقى ۋە سۇ فۇنكسىيەلىك رايونى بۇلغىما سىغدۇرۇش ئىقتىدارىغا چەك قويۇش قىزىل سىزىقىغا قويۇلغان تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش جاۋابكارلىقى ۋە باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىغان يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

يەر يۈزى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش نورمىسى ۋە پىلانلانغان سۇغىرىش كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا، ئوبلاست (ۋىلايەت)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى تېرىلغۇ يەرنى ئازايتىپ، سۇنى ئاز ئىشلىتىش لايىھەسى ۋە سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش لايىھەسى تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ئۇنى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ يولغا قويىدۇ.

7-ماددا ۋادا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا، سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئېھتىياجنى مىقدارغا قاراپ بېكىتىش پىرىنسىپى بويىچە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش لازىم.

ۋادىدىكى شەھەر تەرەققىياتى ۋە سانائەت تەرەققىياتىدا سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇ كۆپ كېتىدىغان ۋە ئېغىر بۇلغايدىغان قۇرۇلۇشلارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش كېرەك.

8-ماددا ۋادىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ تېجەپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تېجەشلىك سۇغىرىپ، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇنى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ، دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش جەمئىيىتى قۇرۇپ، سۇ تېجەش بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

9-ماددا گوۋۇيۈەن ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ۋادىدا بوز يەر ئېچىشى مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇنسىز ئېچىلغان بوز يەرگە ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ، توك بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ۋادىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ۋە ھەرىكەتچان تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش قىلمىشىنى توسۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى نىشانلىق باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

10-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە تارىم ۋادىسى سۇچىلىق كومىتېتى (تۆۋەندە تارىم كومىتېتى دېيىلىدۇ) قۇرۇلىدۇ.

تارىم كومىتېتى قارىمىقىدا ئىجرا كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، ئىجرا كومىتېتى تارىم كومىتېتىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىدۇر.

ئاپتونوم رايوننىڭ تارىم ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى (تۆۋەندە تارىم ئىدارىسى دېيىلىدۇ) تارىم كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتىدۇر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ۋادا باشقۇرۇش ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ مەمۇرىي رەھبەرلىكىدە بولىدۇ، ۋادىدا تۆۋەندىكىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدە سۇ مەمۇرىيىتى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، سۇ مەمۇرىيىتى بويىچە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى ۋە سۇ ماجىرالىرىنى مۇرەسسە يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(2) تارىم ۋادىسى ئومۇمىي پىلانى ۋە كەسپىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ھەمدە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

(3) تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، تارىم ۋادىسىدا سۇ ئىشلىتىشنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش؛

(4) تارىم ۋادىسى سۇ بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(5) باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدىكى دەريا ئېقىنىنى باشقۇرۇش؛

(6) تارىم ۋادىسىنىڭ كەلكۈن مۇداپىئە لايىھەسىنى تۈزۈش؛

(7) بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ سۇ باھاسى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تەكلىپ لايىھەسىنى تەڭشەش؛

(8) تارىم ۋادىسى سۇچىلىقىغا دائىر پەن-تېخنىكا، ئىستاتىستىكا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىشلەش؛

(9) تارىم كومىتېتى، ئىجرا كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تاپشۇرغان باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلەش.

تارىم ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تارىم ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھوقۇق دائىرىسىدىكى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

ۋادىدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئاپتونوم رايون، ئوبلاست (ۋىلايەت)نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى (تۆۋەندە ئالاقىدار ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى دېيىلىدۇ) باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدىكى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ.

11-ماددا تارىم كومىتېتى تارىم ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە دائىر چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىدۇ، ئۇ، ئۆزىنىڭ قارارلىرىنىڭ تارىم ئىدارىسى، ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەن شىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ماسلاشتۇرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ. تارىم كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەن شىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ خادىملىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.

12-ماددا تارىم كومىتېتى تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى يىغىن ئارقىلىق يۈرگۈزىدۇ. تارىم كومىتېتى ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. تارىم كومىتېتى چىقارغان قارارلار تارىم كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىشى كېرەك. يىغىننىڭ قارارلىرىنى ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

13-ماددا ئىجرا كومىتېتى تارىم كومىتېتى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە خىزمەت ھوقۇقىنى تارىم كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ، تارىم كومىتېتىنىڭ قارارلىرىنىڭ ئىجراسىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە تارىم كومىتېتى ھوقۇق بەرگەن دائىرىدە سىياسەت ۋە قارار چىقىرىدۇ.

ئىجرا كومىتېتى قارىمىقىدا ئىشخانا قۇرۇلىدۇ، ئىشخانا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدا بولىدۇ، ئۇ، ئىجرا كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.

14-ماددا تارىم كومىتېتى ۋە ئىجرا كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە كېرەكلىك مەمۇرىي خىراجەت ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

15-ماددا تارىم ۋادىسىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، ئۇنى تېجەش، قوغداش، باشقۇرۇش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، بىرلىككە كەلگەن ۋادا يىرىك پىلانى ۋە رايون يىرىك پىلانىغا بويسۇنۇش كېرەك. مەنبە ۋادا يىرىك پىلانى تارىم ۋادىسىنىڭ يىرىك پىلانىغا بويسۇنۇشى، رايون يىرىك پىلانى ۋادا يىرىك پىلانىغا بويسۇنۇشى، كەسپىي يىرىك پىلان ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانغا بويسۇنۇشى كېرەك.

ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەن شىلىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك شەھەر ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى قاتارلىقلارنى ۋادا ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

16-ماددا تارىم ۋادىسى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، غول ئېقىن ۋە ئاساسلىق مەنبەنىڭ ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك كەسپىي يىرىك پىلاننى تارىم ئىدارىسى ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەنبە ئېقىن ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى ۋە كەسپىي يىرىك پىلاننى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، تارىم ئىدارىسىدىن بۇ يىرىك پىلاننىڭ ۋادا ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىدۇ.

رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانى، كەسپىي يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈش ھەمدە تارىم ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

17-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدا قانۇن بويىچە مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى تەييارلىنىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى قىلىشتا، تارىم ئىدارىسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ماقۇلنامىسىنى تەكشۈرۈش پىكرىنى يېزىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈش ھوقۇق دائىرىسىدە بولغانلىرىنىڭ يىرىك پىلان ماقۇلنامە ئىلتىماسىنى تارىم ئىدارىسى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرىدۇ، تەستىقلىتىدۇ. باشقا مەنبە ئېقىنلىرىدا قانۇن بويىچە مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى تەييارلىنىدىغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلىشتا، ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەكشۈرۈش پىكرى يازىدۇ ھەمدە تارىم ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

سۇچىلىق قۇرۇلۇش تەكلىپنامىسى، مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەستىقلاش تەرتىپىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

18-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تارىم ئىدارىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ باشقا مەنبە ئېقىنىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

19-ماددا ۋادىدىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشتا، تولۇق دەلىللەش ئارقىلىق يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە يەر ئاستى سۇ ئورنىنى تىزگىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش ئومۇمىي مىقدارى سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدىكى دەريا باشقۇرۇش دائىرىسى سىرتىدىكى بىر كىلومېتىر دائىرىدە قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقىرىشنى تارىم ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسىدە تەستىقلايدۇ.

20-ماددا تارىم ۋادىسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا دەريانى دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، توغراقلىقنى قوغداش كېرەك. تۇرمۇشقا سۇ ئىشلىتىشتىن باشقا، توغراقلىقتا قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقىرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

توغراقلىقتا تۇرمۇشتىن باشقا ئىشقا سۇ ئىشلىتىش ئۈچۈن قۇدۇق قازغانلارنى يىلمۇيىل چېكىندۈرۈش ھەققىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى پىلان تۈزۈشى، تارىم ئىدارىسى ياكى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

21-ماددا ۋادىدا سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرىنى يولغا قويۇشتا، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇغىرىش، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلار بىلەن بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش كېرەك. توك چىقىرىش كارخانىسى «توك تەڭشەشنى سۇ تەڭشەشكە بويسۇندۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە توك چىقىرىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇغىرىش ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى شەرت؛ قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار سۇ مىقدارىنى تەڭشەپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى سۇ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش تەڭشىشى ۋە باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

22-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە مۇھىم مەنبە ئېقىنلىرىنىڭ سۇ تەقسىملەش لايىھەسى، قۇرغاقچىلىق بولغان جىددىي ئەھۋالدا سۇ تەڭشەش لايىھەسىنى تارىم ئىدارىسى ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، تارىم كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. ئالاقىدار ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى ئىجرا قىلىشى شەرت.

23-ماددا تارىم ئىدارىسى تەستىقلانغان سۇ تەقسىملەش لايىھەسى شۇنىڭدەك يىللىق سۇ مۆلچەرىگە ئاساسەن، يىللىق سۇ تەقسىملەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئوبلاست (ۋىلايەت)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك، ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن، تارىم كومىتېتى تەستىقلايدۇ.

يىللىق سۇ تەقسىملەش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشتا، تارىم كومىتېتى ئالاقىدار ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايدۇ، ئوبلاست باشلىقى، ۋالىي، شىجاڭ، تارىم ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مەسئۇلىيەتنامىدە قانۇنسىز بوز يەر ئېچىشنى توسۇش، قانۇنسىز دائىرىلەپ بوز يەر ئېچىشنى توسۇش مەسئۇلىيىتىمۇ بولۇشى كېرەك.

24-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدا يىللىق سۇ تەڭشەش پىلانىنى تەستىقلانغان يىللىق سۇ تەقسىملەش لايىھەسى، ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەن شىلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش پىلانى توغرىسىدىكى تەكلىپى، مۇھىم سۇ ئامبىرى (سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى)نىڭ ئىش پىلانى توغرىسىدىكى تەكلىپى، يىللىق سۇ مۆلچەرى، كۆپىيىش-ئازىيىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تارىم ئىدارىسى ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى بىلەن كېڭىشىپ تۈزىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى، مۇھىم سۇ ئامبارلىرى (سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى) كېيىنكى بىر يىللىق سۇ ئىشلىتىش پىلان تەكلىپىنى تارىم ئىدارىسىگە ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن يوللىشى كېرەك.

25-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىن مىقدارىنى تارىم ئىدارىسى تەڭشەيدۇ. ۋادىدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە بىڭتۈەننىڭ شىلىرى سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ مىقدارىنى كونكرېت تەڭشەيدۇ ھەمدە سۇ مىقدارىنى تەڭشەش تەرتىپىنى بۇزۇش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە توسىدۇ.

باشقا مەنبە ئېقىنىدىكى سۇ مىقدارىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ. سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر سۇ مىقدارىنى تەڭشەشكە بويسۇنۇشى، سۇ مىقدارىنى تەڭشەشكە توپلىشىپ توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر ۋە سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق، كاشىلا قىلماسلىقى كېرەك.

26-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدا سۇ مىقدارىنى تەڭشەشتە، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، نورمىلىق باشقۇرۇش، جانلىق تۈزىتىش پىرىنسىپى بويىچە، يىللىق پىلان بىلەن ئايلىق، ئون كۈنلۈك تەڭشەش پىلانى ۋە ۋاقىتقا قاراپ تەڭشەش بۇيرۇقىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ۋادىدىكى سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر شۇنىڭدەك ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تارىم ئىدارىسىنىڭ سۇ مىقدارىنى بىر تۇتاش تەڭشىشىگە بويسۇنۇشى ھەمدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

تارىم ئىدارىسى شۇ چاغدىكى سۇ، يامغۇر، قۇرغاقچىلىق، نەملىك ئەھۋالى، سۇ ئامبىرىدىكى زاپاس سۇ مىقدارى، ئېكولوگىيەگە كېرەكلىك سۇ مىقدارى ۋە سۇ ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئالاقىدار ئوبلاست (ۋىلايەت)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، سۇ مىقدارىنى تەڭشەش پىلانىنى تەڭشىسە، ۋاقىتقا قاراپ تەڭشەش بۇيرۇقى چۈشۈرسە بولىدۇ. تارىم ئىدارىسى سۇ تەڭشەش پىلانىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئەھۋالدا، تارىم ئىدارىسى سۇ ئېغىزلىرىنى تاقاش، مەركەزلىك قويۇپ بېرىش ياكى سۇ ئېلىشقا، توك چىقىرىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

تارىم ئىدارىسى سۇ مىقدارىنى تەڭشەش ئەھۋالىدىن ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

27-ماددا ۋادىدا كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايونلاردا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. تارىم ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ۋادىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ماسلاشتۇرۇش، تەڭشەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.

28-ماددا قۇرغاقچىلىق قاتارلىق جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، تارىم ئىدارىسى سۇ مىقدارىنى جىددىي تەڭشەش لايىھەسىنى يولغا قويىدۇ، ئالاقىدار ئوبلاست (ۋىلايەت)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى ۋە مۇھىم سۇ ئامبارلىرى (سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى)نىڭ باشقۇرغۇچى ئورۇنلىرى سۇ مىقدارىنى بىر تۇتاش تەڭشەشكە بويسۇنۇشى، سۇ ئېلىش (قايتۇرۇش) ۋە سۇ ساقلاش (قويۇۋېتىش) ئەھۋالىنى تارىم ئىدارىسىگە ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ھەر كۈنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

29-ماددا ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى دەرىجىگە قاراپ باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىغان سۇ ئېلىش ئومۇمىي مىقدارى مۇناسىپ ۋادا ياكى رايوننىڭ سۇ ئېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدىن (ئوت كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش، ساياھەتچىلىكنى يولغا قويۇش، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش، قومۇش ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا) سۇ ئېلىپ ئىشلىتىشتە، تارىم ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازىتى بېرىدۇ، سۇ بايلىقى ھەققى ئالىدۇ. باشقا مەنبە ئېقىنىدا سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېرىدۇ ھەم سۇ بايلىقى ھەققى ئالىدۇ.

30-ماددا ۋادىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلان تۈزۈشتە، پىلانلانغان سۇ بايلىقىنى دەلىللەپ، تارىم ئىدارىسىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك.

ۋادىدىكى يېڭىدىن باشلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان قۇرۇلۇشلارغا سۇ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ بايلىقىنى دەلىللەش دوكلاتى تەييارلاپ، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ياكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

31-ماددا سۇ بېرىش قۇرۇلۇشى تەمىنلىگەن سۇنى ئىشلىتىشتە، سۇ ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. بەرگەن سۇنىڭ تەننەرخى ۋە باھاسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ.

يىللىق سۇ تەقسىملەش لايىھەسى ۋە سۇ ئىشلىتىش، سۇ تەڭشەش پىلانىدىن، سۇ ئىشلىتىش نورمىسىدىن ئارتۇق ئىشلىتىدىغانلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى ھەم تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە سۇ ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) %10 تىن ئاشۇرۇۋەتكەن قىسمىغا دەريادىن سۇ باشلاش ئېغىزىدىكى سۇ باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش؛

(2) %10 ~ %20 تىن ئاشۇرۇۋەتكەن قىسمىغا دەريادىن سۇ باشلاش ئېغىزىدىكى سۇ باھاسىنىڭ تۆت ھەسسىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش؛

(3) %20 تىن ئاشۇرۇۋەتكەن قىسمىغا دەريادىن سۇ باشلاش ئېغىزىدىكى سۇ باھاسىنىڭ ئالتە ھەسسىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، پىلان ۋە نورمىدىن ئاشۇرۇپ سۇ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

32-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنلىرىنىڭ سۇ فۇنكسىيەلىك رايونغا ئايرىلىش لايىھەسىنى تارىم ئىدارىسى ئالاقىدار ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.

باشقا مەنبە ئېقىنلىرىنىڭ سۇ فۇنكسىيەلىك رايونغا ئايرىلىش لايىھەسىنى ۋادىدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، تارىم ئىدارىسىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.

33-ماددا تارىم ۋادىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەت قىلىدىغانلار تەستىقلانغان سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنى قوغداش تەلىپىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدىكى سۇ تەۋەلىكىنىڭ بۇلغىما سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى تارىم ئىدارىسى بېكىتىدۇ. باشقا مەنبە ئېقىنلاردىكى سۇ تەۋەلىكىنىڭ بۇلغىما سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتىپ، تەڭ دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا شۇ سۇ تەۋەلىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما نورما مىقدارىغا ئۆز پىكرىنى قويىدۇ.

34-ماددا ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ، سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بايقىغان ھامان، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشنى مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

35-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە مەنبە ئېقىنىدا سۇ چىقىرىۋېتىش ياكى سۇ قايتۇرۇش فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئايرىش تەلىپىگە ۋە بەلگىلەنگەن سۇ چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە تارىم ئىدارىسى ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، باشقا مەنبە ئېقىنلاردا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشكە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇن قوشۇلغاندىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ.

مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دەرياغا (كۆلگە) چىقىرىلىدىغان بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلىشى، بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتكەن رايونلارنىڭ سۇ ئېلىش، دەرياغا (كۆلگە) بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى كۆپەيتىشنى تەستىقلاشقا چەك قويۇشى كېرەك.

36-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدىكى دەريا ئېقىنىنى تارىم ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە باشقۇرىدۇ؛ باشقا مەنبە ئېقىنلاردىكى دەريا ئېقىنىنى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى باشقۇرىدۇ.

37-ماددا تارىم ۋادىسىدا دەريانى قورشاپ بوز يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. قورشاپ بوز يەر ئېچىشقا توغرا كەلسە، ئىلمىي دەلىللەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.

ۋادىدا قومۇش ئۆستۈرۈش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. سۇ يولىنى توسۇپ قويۇشقا، سۇ باشلاش ۋە توغان سېلىپ سۇ يىغىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قومۇش ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

38-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدىكى دەريا ئېقىنىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قىلىشتا، قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە كەلكۈن تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تارىم ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ماقۇللايدۇ. باشقا مەنبە ئېقىنىدىكى دەريا ئېقىنىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىدە قۇرۇلۇش قىلىشتا، قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە كەلكۈن تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى ئالاقىدار سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ ماقۇللايدۇ.

39-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدىكى دەريا ئېقىنىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىدىن قۇم ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا، تارىم ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ جايدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلايدۇ، قۇم ئېلىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بېرىدۇ.

40-ماددا تارىم غول ئېقىنى ۋە ئاساسلىق مەنبە ئېقىنىدا ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قىلىشتا، سۇ– تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى تارىم ئىدارىسى قوبۇل قىلغان ھەم تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ. باشقا مەنبە ئېقىنلاردا ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى سۇ-تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى ۋادىدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلايدۇ.

41-ماددا تارىم ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋادىدىكى ئاساسلىق سۇ تېجەش، سۈپىتىنى ئۆلچەش ۋە ماتېرىيال يىغىشنى كۈچەيتىشى، ۋادىدىكى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ۋادىدىكى ئوبلاستلار (ۋىلايەتلەر)، بىڭتۈەننىڭ شىلىرى ۋە ھىدرولوگىيە، مېتېئورولوگىيە، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تارىم ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا سۇغىرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش پىلانىنى، سۇ مىقدارى ۋە ھىدرولوگىيە، مېتېئورولوگىيە، سۇ سۈپىتى، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ئۆلچەش قاتارلىق ئۇچۇر مەلۇماتلىرى، ماتېرىياللىرىنى قەرەللىك بېرىشى كېرەك.

42-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قۇدۇق قېزىپ سۇ ئالغانلارنى تارىم ئىدارىسى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

43-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تارىم ۋادىسىدا قانۇنسىز بوز يەر ئاچقانلارنى زېمىن بايلىقى تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

44-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋادىدىكى مۇھىم سۇ ئامبارلىرى (سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى)نى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار، سۇ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن سۇنى بىر تۇتاش تەڭشەشكە بويسۇنمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

45-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) سۇ تەڭشەشكە توپلىشىپ توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(2) نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر ياكى سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق، كاشىلا قىلغانلار؛

(3) سۇنى تەڭشەش ۋە باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

46-ماددا مۇشۇ نىزامىڭ 31-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پىلاندىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ سۇ ئىشلەتكەنلەردىن دەرياغا سۇ باشلاش ئېغىزىنىڭ سۇ باھاسى بويىچە ئون ھەسسە سۇ ھەققى ئېلىنىدۇ.

47-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن مۇسادىرە قىلىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) ۋادىدا قانۇنسىز ئېچىلغان بوز يەرگە سۇ، توك بەرگەنلەر؛

(2) تەستىقلاتماي تۇرۇپ دەريا ئېقىنىنى قورشاپ يەر ئاچقانلار؛

(3) سۇ ئېقىنىنى توسۇش، سۇ تارتىش ۋە توسما ياساپ سۇ يىغىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قومۇش ئۆستۈرگەنلەر؛

(4) دەريا دائىرىسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇم ئالغانلار.

48-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

49-ماددا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ مەسئۇل خادىمى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۇلارنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ۋادىدا بوز يەر ئېچىشنى تەستىقلىغانلار؛

(2) ۋادىدا قانۇنسىز ئېچىلغان بوز يەرگە سۇ، توك بەرگەنلەر؛

(3) ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پىلاندىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ سۇ بەرگەنلەر؛

(4) يىللىق سۇ تەڭشەش پىلانى، يىللىق قۇدۇق قېزىپ سۇ ئېلىشنى پىلانلاش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇدۇق قېزىپ سۇ ئېلىشقا ئىجازەت بەرگەنلەر؛

(5) سۇ مىقدارىنى بىر تۇتاش تەڭشەشكە بويسۇنمىغانلار؛

(6) سۇ تەقسىملەشتە سۇ تەقسىملەش لايىھەسىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ئورۇن ياكى شەخسكە ئالاقىدار ئىجازەتنامە بەرگەن، تەكشۈرۈپ قوشۇلغانلىق پىكرى يېزىپ بەرگەنلەر؛

(8) ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ بايلىقى ھەققى ئالغانلار؛

(9) سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغان تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(10) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

50-ماددا بۇ نىزام 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇچتۇرپان ھۆكۈمەت تورى 

http://wsx.aks.gov.cn/article/2015-01/04/content_24486.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#