شۈن كۇاڭ

شۈن كۇاڭ − ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپشۇناس. ئۇ كۇڭزىچىلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جۇزىنىڭ ئىلىم ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدىكى ساددا ماتېرىيالىزم ئىدىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شۈن كۇاڭ
خەنزۇچە ئىسمى 荀况
باشقا نامى 荀子、荀卿、孙卿、字卿
مىللىتى خۇاشىيا مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 313-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 238-يىل
دۆلەت تەۋەلىكى يېغىلىق دەۋرىدىكى جاۋ بەگلىكى
كەسپى مۇتەپەككۇر، ئەدىب، سىياسىئون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شۈن كۇاڭ (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 313-238-يىللار) تارىختا شۈەنزى دەپ ئاتالغان، يېغىلىق دەۋرىدىكى جاۋ بەگلىكىدىن. شۇ چاغدا، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ شۈن چىڭ دەپ ئاتىغان، كېيىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن پادىشاھ بى شۇەن (ئىسمى شۈن) ئۇنىڭ ئىسمىنى سۇن چىڭ دەپ ئۆزگەرتكەن. شۈنزى ياش چېغىدا چى بەگلىكىگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ بىلىم ئالغان، چى بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى لىڭزى (ھازىرقى شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) دىكى سۇ شيا ئوردىسىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ئېقىملار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. كېيىن، مەشھۇر ئالىم بولۇپ، سۇشيادا ئۈچ قېتىم باش ئۆلىما بولغان، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن جايلارنى ئايلىنىپ، چىن بەگلىكى، چى بەگلىكى قاتارلىق جايلارغا بارغان، كېيىن يەنە چۇ بەگلىكىگە بەيئەت قىلغان. شۇ زامانلاردا، چۇ بېگى چۈن شېن باش بولۇپ، مۆتىۋەر، قولىدىن ئىش كېلىدىغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى لەنلىڭ (بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى ساڭسەن ناھىيەسىنىڭ لەنلىڭ بازىرى) نىڭ ئامبىلى قىلغان. چۈن شېن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ ئەمەلدارلىقنى تاشلاپ، ئۆيىدە كىتاب يازغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خەن فېي، لى سىلار ئۇنىڭ داڭلىق شاگىرتلىرىدۇر.

شۈنزى ئاتېئىزمنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ: ئاسمان (تەڭرى) − ئىرادىگە ئىگە بولمىغان تەبىئەت، تەبىئەتنىڭ بەلگىلىك ھەرىكەت قانۇنىيىتى بار، بۇنداق قانۇنىيەت ئىنسانلار جەمئىيىتىدە شياڭ ياۋغا ئوخشاش ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ بولغىنىغا ئوخشاش مەۋجۇت بولۇپ، شياڭ جيېغا ئوخشاش يامان كىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن يوقىلىپ كەتمەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ يەنە «ئىلاھىيەت بىلەن ئىنسانىيەتنى ئايرىش» نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەڭرى ئىنسانىيەتنى باشقۇرالمايدۇ، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلىرى ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىنسانلارمۇ ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئىرادىسىنى تەبىئەتكە تاڭالمايدۇ، ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، توغرا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئىشنى بۇزىدۇ، دەپ قارىغان. 

ئۇنىڭ «ئىلاھىي تەقدىرنى بويسۇندۇرۇش ۋە خىزمەت قىلدۇرۇش» تىن ئىبارەت ئادەم تەبىئەت ئۈستىدىن مۇقەررەر غەلىبە قىلىش ئىدىيىسى تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. ئۇ ئادەم كۈچى تەبىئەتنى بويسۇندۇرالايدۇ، «تەقدىر» نى بويسۇندۇرالايدۇ، تەبىئەتنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى، شۈن كۇاڭنىڭ مۇنداق ساددا ماتېرىيالىزم نۇقتىئىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.

شۈنزى يەنە «يامان تەبىئەتلىك بولۇش نەزەرىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنىڭ تەبىئىتى يامان بولىدۇ، دەپ قارىغان. مۇنداق «يامان تەبىئەتلىك بولۇش نەزەرىيەسى» مۇ مېڭزىنىڭ «ئادەم تۇغۇلۇشىدىن ئاق كۆڭۈل بولىدۇ نەزەرىيەسى» گە ئوخشاش بىر خىل ئابستراكت ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى ھەم ئىدېئالىزم ئىدىيىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ «يامان تەبىئىتى» نى تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.

شۈنزى تەلىم-تەربىيە توغرىسىدا نۇرغۇن مۇپەسسەل بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. «شۈنزى» دېگەن كىتابتىكى «نەسىھەت ئىلمى» دېگەن بىرىنچى ماقالىدە مەخسۇس تەربىيە ۋە ئۆگىنىش مەسىلىسى سۆزلەنگەن. بۇ ماقالىنىڭ بېشىدىلا: «شاھلار ئېيتىدۇرلەركى: ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوقتۇر، قارا كۆكتىن چىقىدۇ، ئەمما كۆكنى بېسىپ چۈشىدۇ، مۇز سۇنىڭ مۇزلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئەمما سۇدىن سوغۇق بولىدۇ» دەپ ئېيتقان. ھازىر ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان «شاگىرتى ئۇستازىدىن ئېشىپ چۈشمەك» دېگەن ئىدىئوم ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#