تىنىش بەلگىلەر

تىنىش بەلگىلىرى

  يازما ئەسەرلەردە    ئوي –پىكىرنى ۋە ئۇنىڭ قىسىم ،بۆلەكلەرگە  بۆلۈنۈشى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى دۇرۇس كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سېستىمىسى تىنىش بەلگىلىرى  دەپ ئاتىلىدۇ. يېزىقتا تىنىش بەلگىلىرى بولىدۇ.تىنىش بەلگىلىرى يېزىقنىڭ ئورگانىك تەشكىلى قىسىمىدۇر.


ئۇيغۇرچە تىنىش بەلگىلەر
ئىنگىلىزچە punctuation mark
خەنزۇچە 标点符号符号
ئىشلىتىلىشى يازما ئەسەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىنىش بەلگىلىرى«تىنىش بەلگىسى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ «تىنىش» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئەدەبىي يېزىق تىلىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

كىشىلىك جەمئىيىتىدە ئالاقلىشىش ۋە پىكىرلىشىش ۋاسىتىسى بولغان تىلنىڭ ئېغىزچە ۋە يېزىقچە شەكلى بولىدۇ. ئېغىزچە شەكلى – ئېغىز ئارقىلىق ئېيتىلىدىغان ئاۋازلىق شەكىل بولپ، ئادەتتىكى نۇتۇق جەريانىدا، سۆز – جۈملىلەرنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتى ھەم ئاياغلاشقان ئوي – پىكىرنىڭ، جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىنتوناتسىيىسى، ئۇرغۇسى، پائۇزاسى ئاساسىدا تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك ۋە قاراتمىلىق شەكىلدە ئىپادىلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئەگەر بۇ خىل شەكىلدە ئىنتوناتسىيە، پائۇزا، ئۇرغۇ گەۋدىلەندۈرۈلمەي، ھەممە سۆز ۋە ھەرقانداق جۈملە بىر خىل سۈرئەت، بىر خىل تەلەپپۇزدا ئوقۇلسا، كىشىلەرنىڭ ئاڭلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. دېمەك، ئېغىز تىلىدىكى ئوي – پىكىرنى تىلنىڭ يېزىق شەكلى ئارقىلىق چۈشىنىشلىك، توغرا، ئېنىق ئىپادىلەشتە تىنىش بەلگىسى كەم بولسا بولمايدۇ. تىنىش بەلگىسى يېزىق ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاقە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزىق تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ھەم تىل تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللەشكەن.

دېمەك، تىنىش بەلگىسى دېگىنىمىز ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوي – پىكىرنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر «تىنىش بەلگىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىمۇ باشقا تىللاردىكى تىنىش بەلگىلىرىگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش ۋە بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت جەرياننى بېسىپ ئۆتتى. ئۇ بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىي – مىراسلىرىمىزدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ خىل ئەھۋال يېزىق تىلى ئارقىلىق بېجىرىلىدىغان ئالاقىنىڭ مەزمۇن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر يېزىقىدا دۇنيادىكى باشقا يېزىقلاردا قوللىنىلىدىغان بەلگىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان 12 خىل تىنىش بەلگىسى تىلىمىزنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.

 يېزىقتا تىنىش بەلگىلىرى بولىدۇ.تىنىش بەلگىلىرى يېزىقنىڭ ئورگانىك تەشكىلى قىسىمىدۇر.

    ئوي –پىكىرنى ۋە ئۇنىڭ قىسىم ،بۆلەكلەرگە  بۆلۈنۈشى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى دۇرۇس كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سېستىمىسى تىنىش بەلگىلىرى  دەپ ئاتىلىدۇ.

كىشلەر سۆزلىگەندە ،ئۆز مەقسىتىنى تۈرلۈك تىنىش، ئىنتۇناتسىيە، ئىما –ئىشارەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇقتۇرىدۇ.يازغاندا ،تىنىش بەلگىلىرىگە تايىنىدۇ.ئېغىز تىلىدىكى ئۇرغۇ،تون، ئىنتۇناتسىيە(سۆز ئۇرامى)،پائۇزا(تىنىش)،ئاھاڭ ۋە باشقىلارنى يېزىق تىلىدا كۆرسىتىش –تىنىش بەلگىلىرىنىڭ خىزمىتى. تىنىش بەلگىلىرى بولمىسا ياكى تىنىش بەلگىلىرى توغرا قويۇلمىسا ،يېزىق تىلىدا بىر مۇنچە قالايمىقانچىلىق،ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىققان بولار ئىدى.

تىنىىش بەلگىلىرى كىشىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلايدۇ؛سۆز –جۈملىلەرنىڭ ئورامى ۋە تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ؛سۆز جۈملىلەرنىڭ خاراكتىرى ۋە رولىنى كۆرسىتىدۇ؛سۆز جۈملىنى قىسقارتىدۇ؛ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئاسان چۈشىنىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرىدۇ. 

ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،ئوي –پىكىرنى توغرا ،تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلىدا ،يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 

 يازمىلىرىمىزدىكى ئوي-پىكىرنى، ئوي-پىكىرلىرىمىزنىڭ بۆلەكلەرگە ئايرىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە توختىشىنى، ئۇرغۇ، ئىنتۇناتسىيەنى ئىپادىلەش، سۆزلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە رولىنى بىلدۈرۈشتە ھەر خىل مەنە مۇناسىۋىتىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

تىنىش بەلگىسى ئومۇمەن يازما نۇتۇقتىكى تىنىش ۋە توختاشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگىلەردىن ئىبارەت. دەرۋەقە، تىنىش بەلگىسىنى يازما نۇتۇقتىكى تىنغان ۋە توختىغان ئورۇنغا قويۇلىدىغان بەلگە دەپ قاراش دېگەندەك يېتەرلىك بولمايدۇ. چۈنكى، جانلىق تىلدا تىنىش بولمىغان ئورۇنلادرىمۇ جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە مەنە زۆرۈرىيىتىدىن تىنىش بەلگىسى زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تىنىش بەلگىسىنى قوللىنىشتا تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يازما نۇتۇقنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تىنىش بەلگىلىرىنى ۋە ئۇلارنى قوللىنىش قائىدىلىرىنى بەلگىلەشتە مۇئەييەن پرىنسىپ بولۇشى لازىم. تىنىش بەلگىلىرىنى بەلگىلەش ۋە توغرا قوللىنىشنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئومۇمەن تۆۋەندىكى پرىنسىپلار قوللىنىلىدۇ.

1) قۇرۇلما پرىنسىپى (سىنتاكسىسلىق پرىنسىپ)

بۇ پرىنسىپ مەلۇم بىر تىنىش بەلگىسىنىڭ قويۇلۇش – قويۇلماسلىقىنى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەش دېگەندن ئىبارەت. يەنى جانلىق تىلدىكى تىنىشنىڭ قۇرۇلما بىلەن مەنە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىغا قاراپ بەلگىلەش پرىنسىپىدۇر. مەسىلەن:

جۈملىدىكى تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەڭ ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇش، كۆچۈرمە جۈملىلەر بىلەن ئاپتور سۆزىنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىش، گۇمان، ئىزاھ، شەرھ سۈپىتىدە ئېيتىلغان تەركىبلەرنى تىرناق ئىچىگە ئېلىش، مۇستەقىل تەركىبلەرنى پەش بىلەن ئايرىش قاتارلىق قائىدىلەر ئومۇمەن قۇرۇلما پرىنسىپى بويىچە بېكىتىلگەن.

2) مەنە پرىنسىپى

بۇ پرىنسىپ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ياكى مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدا كەلگەن ئايرىم سۆز – ئىبرىلەرنىڭ مەنە ۋە رولى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇشقا قارىتىلغان. مەسىلەن:

جۈملىلەرنىڭ بايان، سوئال ياكى ئۈندەش، چاقىرىق مەنىسىدە ئېيتىلىشى، ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئەسلى لېكسىكىلىق مەنىدە ئەمەس، كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىشى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىنقىلىرىغا چېكىت، سوراق، ئۈندەش بەلگىلىرىنى قوللىنىش، كېيىنكىسىگە قوش تىرناق قوللىنىش قاتارلىقلار.

3) ئىنتوناتسىيە پرىنسىپى

بۇ پرىنسىپ ئوخشاش بىر قۇرۇلمىدىكى ئوخشاش تۈزۈلۈشتىكى جۈملىنىڭ جانلىق تىلدىكى ئىنتوناتسىيە ئۆزگىرىشىنى يېزىقتا تىنىش بەلگىسى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈش دېگەندىن ئىبارەت. مەسىلەن:

بىر خىل جۈملىنى ئوخشىمىغان پىكىر شارائىتىغا قويۇپ، ئوخشىمىغان مەزمۇننى ئىپادە قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى بايان جۈملىنى سوراق جۈملىگە، سوراق جۈملىنى ئۈندەش ياكى بۇيرق جۈملىگە ئايلاندۇرۇپ يېزىش ئىنتوناتسىيە پرىنسىپى بويىچە بەلگىلەنگەن.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىق تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىش قائىدىسى قۇرۇلما پرىنسىپى بىلەن مەنە پرىنسىپى ئاساسىدا بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىقتا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر قېلىپلاشقان شەكىلدە ئىشلىتىلمەكتە.

1 ) تىنىش بەلگىلىرى يازما نوتۇق ئوي – پىكرنى توغرا ، تەسىرلىك ، جانلىق قىلىپ ئىپادىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . 

2 ) يېزىق تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئوي – پىرلەرنى قسىم ۋە بۆلەكلەرگە ئاجرىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋىتى پەرقى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىش ، سۆز جۈملىلەرنىڭ ۋە مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىنىق چۈشىنىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . 

3 ) جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۈز - ئارا مۇناسىۋىتى ، باغلىنىشى ھەم ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . 

4 ) يازما نۇتۇقتىكى سۈز – جۈملىلەرنى قانداق ئاھاڭدا ۋە قانداق سۈرئەتتە ئوقۇش ، توختاش ، تىنىش رىتىملىرىقلارنى ئىپادىلەشتە تىنىش بەلگىلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . 

تىنىش بەلگىلىرى قويۇلماي يىزىلغان يېزىقنى ئوقۇشمۇ تەس . مەزمۇنىنى چۈشىنىشمۇ تەس بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئوي – پىكىر چۈشىنىكسىز ، تەسىرسىز بولىدۇ . شۇڭا ھەر قايسى مىللەت تىلىنىڭ يىزىقىدا مەلۇم دەرىجىدە قېلىپلاشقان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ بەلگىلىك تۈزۈپ چىقىلغان قائىدىلىرى قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ . ئۇنى شۇ قائىدە بويىچە مەتبۇئاتلاردا قوللىنىلىدۇ ۋە ھەر قانداق خەتلەردە بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىنصدۇ . تىنىش بەلگىلىرى مۇۋاپىق ھالدا قوللىنىلصدۇ . تىنىش بەلگىلەرمۇ تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ . ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قوللىنصۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى سان ، شەكىل جەھەتتىن بىر قەدەر تۇراقلاشقان .

ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىمۇ باشقا تىللاردىكى تىنىش بەلگىلىرىگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان شەكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش ۋە بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت جەرياننى بېسىپ ئۆتتى. ئۇ بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىي – مىراسلىرىمىزدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ خىل ئەھۋال يېزىق تىلى ئارقىلىق بېجىرىلىدىغان ئالاقىنىڭ مەزمۇن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر يېزىقىدا دۇنيادىكى باشقا يېزىقلاردا قوللىنىلىدىغان بەلگىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان 12 خىل تىنىش بەلگىسى تىلىمىزنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.

(1) چېكىت «.» (2) سۇئال بەلگىسى «؟» (3)ئۈندەش بەلگىسى «!» (4) چېكىتلىك پەش «؛» (5)تىرناق «()» (6) پەش «،» (7) قوش تىرناق ««»» (8) يالاڭ تىرناق «‹›» (9) سىزىقچە «-» (10) سىزىق «ـــ» (11) قوش چېكىت «:» (12) كۆپ چېكىت «…»

چېكىت «توچكا» دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ تۈۋەندىكى ئورۇنلارغا قويۇلىدۇ:

1. بايان جۈملە

(مەيلى ئاددى جۈملە ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، تولۇق جۈملە ياكى تولۇقسىز جۈملە بولسۇن، ئىگىلىك جۈملە ياكى ئىگىسىز جۈملە بولسۇن، ئاتاش جۈملە ياكى بىر سۆزلۈك جۈملە بولسۇن) تۈگىگەندىكى تىنىش ئورنىغا قويۇلىدۇ، ئۇ ئوي- پىكىرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

بايان جۈملە راۋان ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ، يەنى بېشىدا كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرىدا پەيدىنپەي پەسىيىپ بارىدۇ. مەسلەن:

يامغۇر ياغدى.

قارلىغاچ- قۇش.

سەھەر .جىمجىتلىق.

مەن كەتتىم، سەن كېيىن بارارسەن.

ماقۇل.

زامان باشقا ، ئادەت باشقا.

ۋاقىت ئادىل، ئۇ ھېچكىمگە بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇق بەرمەيدۇ.

ئارزۇدا ئەيىپ يوق، ئارزۇدا چەك يوق.

بوۋاينىڭ ئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز قايتىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زەردىسى قاينىدى.

مىجەزى تۈزنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

2. بۇيرۇق جۈملە

، ئۈندەش جۈملىلەر ئۆز ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلماي، بايان ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلسا، بۇلارغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.

ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا.

پەلسەپە ساتقانغا قورساق تويمايدۇ.

مايماق پۇتقا ياخشى ئاياقنىڭ نېمە كېرىكى.

زەئىپ بولساڭمۇ ،رەزىل بولما.

ئەجەپ ئۇز ئىكەنلا ، ئاي بىكار قالسۇن.

سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئاتما.

ماڭا ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلسە.

3. يۇقىرى ئاھاڭدا ۋە ساناش تەرزىدە ئېيتىلغان سۆز

 ، سۆز بىرىكمىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

سەنئەت كېچىلىكىدە ئېلانچى ماھىنۇر ئېلان قىلدى:

ـــ ناخشا: « ئازاد زامان»، مۇزىكىسى ھۈسەنجاننىڭ، سۆزى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ. پاشا قىز ئورۇندايدۇ.

ـــ مۇزىكا: « تاشۋاي » .قۇربان ئىبراھىمنىڭ، ناخشا –ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندايدۇ.

ـــ ئۇسسۇل: «ئاتۇش سەنىمى»، ھەبىبە ئابدۇللا ئورۇندايدۇ، مۇقام ئانسامبىلى مۇزىكا ئەترىتى تەڭكەش قىلىدۇ.

4.رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ

يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1. يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش؛

2. ئېچىش نۇتىقى سۆزلەش؛

3. تەبرىك نۇتقى ؛

4. دوكلات؛

5. يېپىش نۇتقى؛

6. يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش.

ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە، رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.

a. A. ئا .

b. B. ئە .

c. C. ب .

d. D. س .

5. ھەرپ بىلەن قىسقارتىلغان كىشى ئىسىمى

ئىسىم– ئاتلىرى يېنىغا قويۇلىدۇ:

ل . مۇتەللىپ ( لۇتپۇللا مۇتەللپ ) - ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى.

ئا . س . پوشكىن - مەشھۇر رۇس شائىرى.

ك . ماركس (كارل ماركس) .

6.كىچىك ماۋزۇ

بىرەر ماۋزۇچاق ئاستىدا ئايرىم بايان قىلىنىدىغان كىچىك « ماۋزۇچاق» لارغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:

تىركەلمە.

بۇرژۇئازىيە.

ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا .

7.خەۋەر جۇملەدىن كىيىن

ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەمدى چېكىت قويۇلدى.

بۇ ئىشقا ئەمدى چېكىت قويۇلسا بولاتتى .

8.يىل، ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن: 1918.10.01

1987.02.27

9. ئونلۇق كەسردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسر سان ئارىسىغا

، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)

(2) سائەت 8.00 (سائەت سەككىز)

دىققەت:

1. ماۋزۇلارغا چېكىت قويۇلمايدۇ.

2. خەنزۇچىدا « ئايرىش بەلگىسى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلگە بار. بىز بۇ بەلگىنى چېكىت قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز. خەنزۇچىدا بۇ بەلگە ئاي بىلەن كۈننى قىسقارتىپ يېزىشتا (7.1 )، ماۋزۇلاردا سۆزلەرنى ئايرىم –ئايرىم ئوقۇشنى لازىم تاپقاندا قويۇلىدۇ. يەنە بەزى مىلللەتلەرنىڭ كىشى نامىدا ئۆز ئېتى بىلەن فامىلىسىنى ئايرىشتا قويۇلىدۇ. بىزدە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. بىزنىڭ يېزىقىمىزدا سۆزلەر ئايرىپ يېزىلغاچقا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايرىغۇچ بەلگىنى بىزچە ئېيىتقاندا، چېكىتنى قويماسلىق لازىم. مەسلەن:

كارل ماركس

ئىسمائىل ئەھمەت

ياسىر ئەراپات 

لېكىن كىتاپ نامى، قىسىم، پەسىل نامى، بابلار ئارىسىغا ، شېئىر پەيزىسى بىلەن شېئىر ماۋزۇسى ئارىسىغا چېكىت قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ پاكىت ئېتراپ قىلىنسا.

سىماچىيەن: « تارىخىي خاتىرىلەر . پەرغانە تەزكىرىسى»

«چىنيۈەنچۈن . قار »

3. رىم رەقەملىرى رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلسا، ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. بىزدە ھازىر ئاساسەن پەسىل، بابلار، خاندانلىق سەلتەنەتلىرى ۋە ئەسىرلەرنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇنداق يەردىمۇ ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. پەقەت يازما ئورىگىنالىدا ئاستى- ئۈستىدىن توغرا سىزىق تارتىپ قويۇلىدۇ.

رىم رەقەملىرىدىن 1 دىن 10 غىچە ۋە 20، 30 لار تۈۋەندىكىچە:

‎ 

Ⅰ( 1 ), Ⅱ( 2 ), Ⅲ( 3 ),Ⅳ(4 ), Ⅴ( 5 ),Ⅵ( 6 ), Ⅶ( 7 ),Ⅷ( 8 ),Ⅸ( 9 ),Ⅹ( 10 ),ⅩⅩ( 20 ),ⅩⅩⅩ( 30 ),

دۇنيا « ⅩⅩⅠ ئەسىرگە نەزەر مۇنبىرى » يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىلزابىت Ⅱ

چىن Ⅱ

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ قانۇنى» جەمئي 10 باب 84 ماددا بولۇپ، Ⅸ بابىدا «قانۇنى جاۋابكارلىق» بەلگىلەنگەن.[2]

بۇ ئوي پىكىرنىڭ سوراق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

 ھەر خىل سۇئالدىن كېيىن قويۇلىدۇ

مەسىلەن:

(1) نىمە ئىش يۈز بەردى؟

(2) مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟

سىز مۇنبەرگە قانداق تېما يوللاپ باقتىڭىز؟ 

ئادەتتە ئىنكاسنى پۇچەك يازامسىز ياكى خېلى جېنى بار يازامسىز؟

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ① بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئومۇمىي ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىسە، سوئال بەلگىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

دېمەكچى بولغىنىمنى تېمامدىن ئۇققانسىز، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز، كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ؟ 

② بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەرنىڭ ھەربىرى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل بولسا ياكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېيتىلسا، مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ مۇشۇنداق ئاممىۋىي سورۇندىمۇ ئادەم تىللاپ ئىنكاس يازامسىز؟ تېما ئىگىسى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ 

 كەينى–كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سۇئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە قويۇلىدۇ

مەسىلەن:

(1) بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ-ئۇقمامدۇ؟

(2)سىز زادى دىيارىم مۇنبىرىنىڭ ئەزاسىمۇ-ئەمەسمۇ؟

 جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان، ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ

مەسىلەن:

(1) سەلەي چاققان (؟-1905) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى.

  ئاۋال سۇئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) شەرۋان: ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!

(2) نېمە دېگەن تۈگىمىگەن ئۇزۇن ناخشا بۇ؟!

 قايتۇرما سوراق جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ

 مەسىلەن: 

ئەجەبا بۇنداق يازغىنىم خاتامۇ؟ 

بۇنداق دېسىڭىز قانداقبولىدۇ؟

بۇ بەلگە ئوي پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەرنىڭ ئارقىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە.

1) ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ

مەسىلەن :

(1) سىرداشىم ئەسىرىڭىزنى يېزىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ! (بۇيرۇق)

(2) ياشىسۇن ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلار!(ئۈندەش)

(3) دىيارىم ئەھلى! ئاڭلىمىدىم، ئىشتمىدىم دېمەڭلار! ھەر بىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن! (ئۈندەش، بۇيرۇق)

پاھ، پاھ، بۇ بېزەكلەر ئەجەب چىرايلىقكەن! 


2) ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ئىملىق سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ

مەسىلەن:

 توۋا! سەن ئاتاماننىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ!

تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سۇئال (؟)، ئۈندەش (!) بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر تىرناق ئىچىگە قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى بولمايدۇ.

شوئارنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ

مەسىلەن: 

مۇنبىرىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن! 

ئۈگىنىش،ئۈگىنىش يەنە ئۈگىنىش!

بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى، ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۆۋەندىكىچە:

1) جۈملە ئىچىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن

مەسىلەن:

(1) ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى، تال-تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ياراشقان ئىدى.

(2) تاغلار، باغلار، دالالار… قىسقىسى بارچە ياپيىشىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.

2) مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ

مەسىلەن:

(1) مېڭىۋەردىم، كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋەردى، بۇرۇلۇپ قارىسام، ھېلىقى چەتئەللىكلەردىن بىرى كېلىۋېتىپتۇ.

3) قاراتما سۆز، قىستۇرما سۆز ۋە ئايرىم ئىملىق سۆزجۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ

مەسىلەن:

(1) ئۇنىڭدىن باشقا، رەيھاننىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار ئىدى.

(2) بەختكە يارىشا، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى.

4) جۈملىدە يېزىق بىلەن كەلگەن سانلاردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ

مەسىلەن:

(1) قايتىپ كېلىدىغانلا بولساڭ، بىرىنچىدىن، ئەمدى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيسەن، ئىككىنچىدىن، …

باشقىلار

(1) جۈملىلەردىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

بۈگۈن شېئىر، رەسىم، تىل ئۆگىنىش، جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىلىرىگە ئۆزگىچە تېمىلار يوللاندى. 

(2) قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىلىقىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

ئۇ بىر توردىشىنى ئىزدەپ، مۇنبەرگە تىزىملىتىپتۇ. 

(3) جۈملە تەركىبىدىكى قاراتما سۆزدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

كۈنقىز، بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپسىز-دە؟ 

«خوش ئاتا، مېھرىبانىم، 

غەمگۇزارىم، ياخشى قال.» 

(نۇزۇگۇم قوشاقلىرىدىن) 

(4) جۈملىدىكى قىستۇرما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

«بەس، دوستۇم، تەبىئەت يولى شۇنداقتۇر، 

ئۇنچىۋالا ئېچىنىپ بۇزما كۆڭلۈڭنى.» 

(ئا.خۇجا) 

(5) تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەر لېكىن، ئەمما، بىراق، شۇڭا، چۈنكى، ھالبۇكى، ۋاھالەنكى قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلانغان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، بۇ باغلىغۇچىلار كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئېيتىلسا، ئۇلارنىڭ كەينىگە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

مەن ئۇنىڭ تېمىسىغا راۋۇرۇس ئىنكاستىن بىرنى يازدىم، لېكىن، يەنىلا جىلى بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن. 

(6) تەڭداش بۆلەكلەر ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر «ۋە، ھەم، ياكى، يا، نە، گاھ» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ كەلسە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلمايدۇ. لېكىن، بۇ باغلىغۇچىلار تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ياكى قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا تەكرارلىنىپ كەلسە، ئۇ ھالدا بۇ باغلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار خىزمەتتە ھەم يۈرەكلىك بولۇشى، ھەم تەدبىرلىك بولۇشى لازىم. 

مەن تېمامنى يا ئەتە، يا ئۆگۈن يوللاي. 

(7) ئادەتتە ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ، لېكىن پەش قويۇلمىسا ئۇقۇم مۈجمەللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

بۇ، ئادەم بالىسى ئەمەس. 

بۇ جۇملىدە ئەگەر «بۇ» دېگەن ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمىسا، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس»دېگەن جۈملىگە ئايلىنىپ قېلىپ، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس، باشقا نەرسىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. 

(8) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسۇناژ سۆزىدىن كېيىن، سىزىقتىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

« _ ئەركىن، _ قىز جىددىي ھالدا ئەركىنگە تىكىلدى، _ مېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزگە نېمىشكە قىزىقمىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ سىز بەك ياسىما. نېمىشكە ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئالىجاناپ كۆرسىتىسىز؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياسىما مىجەزلىرىڭىزگە ئۆچ!» 

(بەرگىيە «ئېھ، ناتونۇش يوللار»دىن)

بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتا رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر .

تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەندە بولسا، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) ــــ شاھىم ئاي بىلەن كۈننىڭ ئۆلگىنى ئېڭىشىپ تاغ كەينىگە پاتقىنى؛ يەرنىڭ ئۆلگىنى قار ئاستىدا قالغىنى (ياتقىنى)؛ سۇنىڭ ئۆلگىنى مۇز ئاستىدا قاتقىنى، ــــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

(2) ھاياتلىق بولمىسا، ئۆلۈم بولمايدۇ؛ ئۆلۈم بولمىسا، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.

(3)مەزمۇن جەھەتتىن ھەم مۇستەقىل، ھەم بىر–بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئوي–پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان، ئاددىي جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولغان قوشما جۈملىلەردە چېكىتلىك پەش قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: 

بېغىررەڭ، ھال ئەتىرگۈللەر خۇش-پۇراق چاچماقتا؛ ئېرىقتىكى سۈزۈك شۇلار شىلدىرلاپ ئۈن چىقارماقتا؛ ئەتىيازنىڭ شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتمەكتە. 

(4) چوڭ تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن كىچىك تەڭداش بۆلەكلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەردە، كىچىك تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش، چوڭ تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: 

شىنجاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، قاشتېشى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ؛ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. 

چېكىتلىك پەشنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ئومۇمەن چېكىتتىن كىچىك، پەشتىن چوڭ بولىدۇ.

(1)

جۈملىدە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك سۆز–جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 

ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 7يېرىمدا، پاي بازىرى ئېچىلىدۇ. 

(2)

كۆچۈرگەن ياكى نەقىل ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئاپتورى ياكى ئەسەر نامى تىرناق ئىچىگە يېزىپ كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن: 

«موڭغۇللار دەسلەپكى دەۋرلەردە مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان، يېزىقنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن» (ش.سامى «قامۇسۇل ئەئىلەم» 1876–بەت). 

(3)

دراما ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ھەركىتىنى كۆرسىتىدىغان جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: 

زورىخان: (ئاڭلىماسلىققا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا (نۇرۇم باغقاچىقىدۇ). 

(4)

ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: 

تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قويۇلغان يۇقىرىقى «(1)... (2)... (3)... (4)...» دىكى تىرناقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

5)

جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش، ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن :

(1) بىز دىيارىم تور سىنىپىنىڭ (ھابابام سىنىپى) ئوقۇغۇچىسى .

(2) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى (نۇر بەكرى) يىغىندا سۆز قىلدى.

6)

سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى، كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن :

(1) نۇرۇم: (غەزەپ بىلەن) ئادەم سۈرەتلىك بۆرىلەر!

(2) (غۇنچەمنىڭ چېچىنى سىلاپ) جېنىم تېنىمدە بولسا، مەن سىزنى بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئالدىدا خار قىلمايمەن .

7)

نەقىل كەلتۈرگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن :

ژېننى ئامېرىكىدىكى بىر دوستىغا يازغان خېتىدە: ‹‹سوتنىڭ ئىككى ئىجراچىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ، ئۆي جاھازلىرى، كارىۋات ياپقۇچ، كىيىم-كېچەك ۋە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى …›› (ئېلى راھىت: ‹‹شىنجاڭ گېزىتى ››دىن) دەپ يازغان.

يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسى سىزىقچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ.

مەسىلەن:

1)

جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلانمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) دەپتەر-قەلەم، بۈگۈن-ئەتە، قىش–ياز

(2) بۇ نېمىدىگەن ئەخمەق كىشى–ھە؟

2)

سۆزلەر قۇردىن قۇرغا بوغۇم ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە، ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

پرولې- // ۋەتىنىمىز-//

تارىيات// دىكى

3)

رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) بىز 28-بىنادا تۇرىمىز.

(2) كۇرس مۇددىتى 12-ئايغىچە.

4)

پېئىللارنىڭ ئۆزەك شەكىللىرىدىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

ئولتۇر-، ماڭ-، كەت-، تۇر-يۈر-

5)

سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئالدىغا، سۆز ئالدى قوشۇمچىلىرىنىڭ كەينىگە قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

-ىچى، –ىش، –ۈش، -نىڭ …

بى–، نا-، بەت-، دەر-…

(1)

ئىگىمۇ،خەۋەرمۇ باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولسا، ئىگىدىنكېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:ا

«كۆپىنچەئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى _ ئىسىم»

(2)

تەڭداشبۆلەكلەردىن كېيىن ئۇمۇملاشتۇرغۇچى سۆز كەلسە، تەڭداش بۆلەكلەردىن

 كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ.مەسىلەن:ا

ئوغلۇمنىڭسىنىپى _ چوڭ يىللىق 2-سىنىپ ئىلغار سىنىپ بولۇپ باھالاندى.ا

(3)

دىئالوگلارداھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ گېپى باش قۇردىن يېزىلغاندا سىزىق قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:ا

_ياق،ئەتىدىن باشلاپ ساڭا تېلىفون قىلمايمەن، سەن بىلەن سۆزلەشمەيمەن

_نېمىشقا؟

_يەنەنېمىشقا دەيسەنغۇ؟مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم

(«مۇزتۇتقان دەرىزە»)

(4)

 ئاپتور سۆزىدىن كېيىنياكى پېرسوناژ سۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەشنىڭ كەينىگە سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:ا

_بېشىمبەك ئاغرىپ كەتتى،_ دېدى ئۇ باشلىرىنى سىلاشتۇرۇپ.ا

(5)

بەزىدەچۈشەندۈرمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:ا

«چېكىت_ جۈملىنىڭ مەنەئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى.»ا

6)

ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ؛ ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. ئاپتور سۆزى بىلەن دىئالوگنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

ـــ نىگار بۈگۈن سېنى ھايۋانات باغچىسىغا ئېلىپ باراي، دېدى ئۇ خۇش كەيىپ ھالدا، قىزى بېشىنى چايقاپ:

ـــ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولالمىدىم.

ـــ تۈنۈگۈن يېزىپ بولغانتىڭغۇ؟

ـــ ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدى، بۈگۈنكىسى سىنىپ باشلىقى سراجىلنىڭ.

7)

زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ (ياكى ساننىڭ) ئارىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) لەنجۇ ـــ شىنجاڭ تۆمۈر يولى .

(2) 1990ـــ1995-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

بۇنداق كەلگەن سىزىق (ـــ) ‹‹ۋە›› ياكى ‹‹ھەم›› مەنىلىرىنى ياكى ‹‹دىن››، ‹‹-غىچە›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ .

8)

جۈملىدە بىرخىل مەنىدە كەلگەن (بىر خىل گرامماتىك شەكىلدە كەلگەن) ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەرخىل پائالىيەتلەر ــــ يۈگۈرۈش، سەكرەش، گىمناستىكا، پۇتبول، ۋالىبول قاتارلىقلار بار .

يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى. جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. بۇ خۇددى پەش بىلەن چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەسىلەن:

ـــــ ۋاي قوۋۇرغامەي، ‹‹چىراغپايدا چاي ئىچكەن ‹چېچەن›نى كۆردۈم ››دېگەندەك، ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭمۇ؟ ئۇقۇپ قوي ئاشكار، ئۇ دېگەن پەن، دېدى كۈنقىز.

قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە. ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ. جۈملىدە كەلگەن بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر، جۈملىدىن كىتاب، گېزىت–ژۇرنال ناملىرى، ماۋزۇ قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەكسى مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرمۇ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

(1) ئايجاھان ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.

(2) قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ‹‹ئوۋچى›› دەپ ئىسىم قويىۋالغان ئىدى.

(3) ‹‹غالىبىيەت›› كوچىسى.

(4) سېنىڭ ‹‹ئەقىللىق›› قىزىڭ تاپقان پالاكەت بۇ.

ئاساسەن بايان بەلگىسى قوش چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ :

1)

مۇستەقىل سىنتاكسىسىلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ، شەرھلەپ كەلسە، ئالدىنىقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1. ئەلانۇر

2. ھۆرىيەت

3. ئەكبەر

…..

2)

ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) ھۆرمەتلىك گۈزەل ھەدە:

(2) ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە:

بۇنداق قاراتما سۆزلەر كۆپىنچە خەت –ئالاقىدە، تەكلىپ قەغەزلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

3)

سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. بۇنداق قوش چېكىت يەنىلا بايان مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەسىلەن:

(1) مۇئەللىم: ئۆتكەن دەرسلەرنى ئوقۇپ كەلدىڭلارمۇ؟

4)

بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن ‹‹مەسىلەن›› سۆزىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

بۈگۈن ھەممە ئادەم شادلىققا تولىدىغان بىر كۈن بولدى.

5)

تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلەردىن كېيىن كەلگەن جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا، ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىغان ھالدىمۇ، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) ئەتراپىغا قاراپ:

ـــ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، مەن بۇ يەردىن كېتىمەن! دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى.

6)

ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

(1) مۇپاسسان: ‹‹مارجان››

(2) زوردۇن سابىر: ‹‹ئارچا ياپرىقى››

(3) ئا.ئۆتكۈر: ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك››

قىسقارتىش بەلگىسى كۆپ چېكىت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ .

مەسىلەن :

1)

جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا، نوتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) مەن نەگە بارىمەن، نېمە ئىش قىلىمەن؟! …

(2) … ‹‹تەڭرى››، ‹‹يوق نەرسە››، ‹‹نۆل››دېگەندەك غەلىتە گەپلەرنى قىلدى.

(3) سىز تارتىنماڭ، تېزدىن ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ!…

2)

نوتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياكى قورقۇش، دۇدۇقلاش، جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

مەسىلەن :

(1) سەن … سەن … بۇ يەردىن تېز كەت … ئىش چاتاق …

(2) نې… مە دەپ يۈرىسەن؟ ۋاي ئەخمەق!

(3) كۆر… دۈڭلار… مۇ، گې… زىتكە بېسىپتۇ.

(4)ئې… ىسمدە قالماپتۇ.[1]


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار :

1. سۆزلەر ئارقىسىدا پەش ياكى چېكىتلەر كەلسە، سۆزنىڭ كەينىدىن بوش ئورۇن قويۇلمايلا يېزىلىدۇ. مەسىلەن: «بۇ مۇنبەردە سىز، مەن ۋە باشقىلار بار.»

ئەگەر پەش-چېكىتنى سۆزنىڭ كەينىدىن بوش ئورۇن قويۇپ تىزىپ چىقساق: «بۇ مۇنبەردە سىز ، مەن ۋە باشقىلار بار .» دەپ يېزىلىپ قالىدۇ، گەرچە چوڭ چاتاق بولمىسىمۇ، پەش-چېكىتلەر بار ئورۇن ناۋادا قۇرنىڭ ئاخىرىدا، قۇر ئالمىشىدىغان ئورۇنغا توغرا كېلىپ قالسا، ئۇنداقتا پەش-چېكىتلەر نۆۋەتتىكى قۇرغا پاتماي تۆۋەندىكى قۇرغا چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا پەش-چېكىت، ئۈندەش ۋە سوراق… قاتارلىق بەلگىلەر چوقۇم سۆزنىڭ كەينىدىنلا قويۇلىشى كېرەك.

كومپيۇتېردا خەت باسىدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلار، ئادەتتە خەت باسقاندا پەش، چىكىت قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا ئاۋال بوشلۇق قۇيۇپ ئاندىن قۇيىدىكەن.

مەسىلەن: كومپيۇتېردا خەت باسىدىغان  نۇرغۇن قېرىنداشلار ، ئادەتتە خەت باسقاندا پەش ، چىكىت قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا ئاۋال بوشلۇق قۇيۇپ ئاندىن قۇيىدىكەنسىز . دېگەندەك، ئەسلى بۇ بەلگىلەرنى ئاۋال قۇيۇپ بۇلۇپ ئاندىن بوشلۇق قۇيۇشىمىز كېرەك. بىزدىكى بىر مەسىلە زادى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققان؟ زادى بىلمىدىم، ئۇيغۇرچە ئىملا قائىدىسىگە تۇلۇق رىئايە قىلمايدىكەنمىز.

2. ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا ئۈستى قوش پەش (يەنى << >>) بەلگىسى ئىشلىتىلمەيدۇ، بىز ئادەتتە توردىن ماقالە كۆچۈرۈپ ئېلېكىتابلارنى تەييارلىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇيغۇر فونت قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن قوش تىرناقلار بىرلىككە كەلمەي، توردىن كۆچۈرگەن ماقالىلارنىڭ فونتىنى ئۆزگەرتكەندە ئاشۇنداق خاتالىقلار كۆرۈلۈپ قالىدۇ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئەسەر يازغاندا ياكى ئەسەر تەييارلاشتىن بۇرۇن بۇ «ئۈستى قوش پەش» لەرنى توپ ھالەتتە ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلىپ، نورمال بولغان قوش تىرناق (مەسىلەن «») لارغا ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.

3. جۈملە ئارىسىدا قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق…. قاتارلىق بەلگىلەرگە دۇچ كەلگەندە، تىرناقنىڭ باشلانمىسى چوقۇم بوش ئورۇندىن كېيىن، تىرناقنىڭ ئاخىرلاشمىسى چوقۇم سۆزنىڭ كەينىدىنلا كېلىشى كېرەك، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن سۆزلەر ناۋادا مۇستەقىل سۆز بولسا بوش ئورۇندىن كىيىن يېزىلىشى، سۆز قوشۇمچىسى بولسا تىرناقنىڭ كەينىدىنلا يېزىلىشى كېرەك. 

مەسىلەن:

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىسقارتىلما نامىنى «ب د ت» دەپ ئاتايمىز. (توغرا ھالىتى).

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىسقارتىلما نامىنى « ب د ت »دەپ ئاتايمىز. (خاتا شەكىل، ئاۋۇ قوش تىرناقنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بوش ئورۇنغا قاراپ بېقىڭ، بۇنداق قىلىش خاتا، بۇنىڭدىمۇ ھېلىقىدەك قۇر ئاخىرىغا كەلگەندە تىرناقلار تۆۋەندىكى قۇرغا ئايرىلىپ چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ).

4. چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئۇرغان ۋاقىتتا، ئەگەر مەخسۇس يېزىلغان بولسا قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ، ئىزاھات شەكلىدە يېزىلغان بولسا يالاڭ تىرناققا ئېلىنىدۇ.

مەسىلەن: تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، باراك ئوباما (Barack Obama) سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. (بۇ جۈملە توغرا).

تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ، باراك ئوباما «Barack Obama» سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى. (بۇ جۈملە خاتا، يەنى ئادەم ئىسمىنىڭ ئەسلى ئېنگلىزچە يېزىلىشى ئىزاھات شەكلىدە ئەمەس، بەلكى جۈملە ئارىسىدىكى مەخسۇس بىر سۆز قاتارىدا يېزىلىپ قالغان، بۇنىڭدا قوش تىرناق ئىشلەتمەي يالاڭ تىرناق ئىشلىتىش كېرەك).

ئەمدى تۆۋەندىكى جۈملىگە قارايلى:

«كومپيۇتېر» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئېنگلىزچە ئاتالغۇ بولۇپ، «Computer» دېگەن ئېنگلىزچە سۆزنىڭ ئوقۇلۇشىدىن كەلگەن. (بۇ جۈملە توغرا).

«كومپيۇتېر» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئېنگلىزچە ئاتالغۇ بولۇپ، (Computer) دېگەن ئېنگلىزچە سۆزنىڭ ئوقۇلۇشىدىن كەلگەن. (بۇ جۈملىدە تىرناق خاتا ئىشلىتىلگەن، يەنى ئىزاھات شەكلىدە يېزىلىپ قالغان).[0]

بىرىنجى ھىكايە

تىنىش بەلگىلىرىنىڭ يېڭى بايانى...

مۇئەللىپى : ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا

بىر كۈنى تىنىش بەلگىلىرى جەمەتىدىن پەش(،)، چېكىت(.)، سوئال(؟)، ئۈندەش(!) بەلگىسى ئۆزئارا پاراڭلىشىپ قاپتۇ. 

__بۇرادەرلەر، ئاڭلىسام، پات ئارىدا تىنىش بەلگىلىرى ئارىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، بىر قىسىملىرىمىز ئىشتىن قايتۇرۇلىدىكەنمىز، بۇ گەپ راستمۇ؟- دەپ سوراپتۇ سوئال بەلگىسى. 

__يالغان! ئۇنداق ئىش يوق!!_ۋارقىراپتۇ ئۈندەش بەلگىسى. 

__قېنى، كۈتۈپ باقايلى، ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار،_دەپتۇ پەش. 

__بۇ ئىشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا يا ئۇيان، يا بۇيان قىلىپ ئۈزىۋەتەيلى، قىسقارتىشقا تېگىشلىكلەر بولسا ئوزىمىزلا قىسقارتىپ، يۇقىرىغا دوكلات قىلايلى،_دەپتۇ چېكىت گەپنى ئۈزۈپلا. 

__مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ يازمىلىرىدا بىز تىنىش بەلگىلىرىنى ئۇچرۇتۇش تولىمۇ تەس،ئۇچراتقان تەقدىردىمۇ ئورۇنلىرىمىز ئالمىشىپ كەتكەن ياكى خاتا ئىشلىتىلگەن. قىسقىسى،قائىدە- قانۇنىيەتلىك ئورنۇمىز ۋە رولىمىزنى مۈكچەيگەن مۇھەرىرلەردىن باشقىلار ئاساسەن ئەستىن چىقاردى. تەقدىرىمىز شۇنداق بولغاندىكىن ئۇنى قىسقارتايلى، بۇنى قىسقارتايلى دەپ يۈرگىچە كوللېكتىپ قىسقىرايلى، سىلەرچە قانداق؟-دەپتۇ سوئال بەلگىسى. 

__بىز ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى يېزىقتىكى ئورنىمىز ۋە رولىمىزغا قاراپلا بىرتەرەپ قىلمايلى، جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىش قىممىتىمىز بارمۇ يوق؟ بۇ تەرەپلەرگىمۇ قاراپ باقايلى،_دەپتۇ چېكىت. 

__ئۇنداق بولسا، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھال - ئەھۋالىمىزنى، ئالاھىدىلىكىمىزنى سەمىمىيەتلىك بىلەن ئەينەن يېزىپ يۇقىرىغا يوللايلى، كىمنى قىسقارتىشنى يۇقىرى بەلگىلىسۇن،_دەپتۇ ئۈندەش بەلگىسى. 

بۇ پىكىرگە ھەممەيلەن قوشولۇپتۇ. 

پەش(،) بەلگىسى: 

__مەن تىنىش بەلگىلىرى جەمەتىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش بىر ئەزا بولۇپ، ئاخىرلاشمىغان ئىشلارنىڭ ۋەكىلى. مەن دائىم كىشىلەرنى ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ،تەمكىن - سالماق بولۇشقا ئۈندەيمەن ، تەڭداشلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇشنى تەكىتلەيمەن. 

چېكىت(.) بەلگىسى: 

__مەن ئاخىرلاشقان، تۈگىگەن ئىشلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ،يېرىم يولدا توختاپ قالىمىغان ، ۋاز كەچمەس كىشىلەرلا ماڭا ئېرىشەلەيدۇ. ھازىر بولسا كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ پېشانىسىگە چېكىت يازىدىغان بىر ئىشنى تاپتى. يەنە تىزىملىكتىكى نەچچە مىڭلىغان ئىسىم- فامىلىنىڭ بەزىلىرىگە قارا رەڭ بىلەن قويىلىمەن ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى چاتاق. بەزىلىرىنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭ بىلەن قويىلىمەن ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى پارلاق. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىر-بىرىگە: "دىققەت قىل، قارا چېكىت قۇيۇلۇپ قالمىسۇن" دەپ نەسىھەت قىلىشىدىغان بولدى. بەزىلەرنى كۈلدۈرۈپ -ئۆستۈرۈپ كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرالايمەن. دېمەك، مەن ھازىر كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۇيان-بۇيان قىلىۋىتەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە. ئويلاپ كۆرسەم، يەنە سان-ساناقسىز تىز پۈكمەس ، ۋاز كەچمەس روھلار ماڭا ھەرۋاقىت موھتاج شۇڭا... 

سوئال(؟) بەلگىسى: 

__مەن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئەڭ قېرىسى، 

شۇنداقلا يېشىلمىگەن سىرلارنىڭ، كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەرنىڭ ۋەكىلى. مەن "يۈز مىڭلىغان نېمە ئۇچۇن؟" لەر بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرنى دائىم ئويلىنىشقا، ئالغا ئىلگىرىلەشكە، گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا ئۈندەپ كەلگەنىدىم. ئەپسۇس، ھازىر"ئاجىزلىق" نىڭ ۋەكىلىگە ئايلىنىپ قالدىم . كىشىلەر مەندىن نومۇس قىلىشىدۇ. قېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەن بولساممۇ تەلتۆكۈس يوقالمىدىم. يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە، قەلبىدە مەن ۋە مېنىڭ ۋارىيانتلىرىم بار. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، يۇرەكلەردىن يېرىلىپ، قەلبلەردىن پارتىلاپ، قاغجىرىغان ئېتىزلاردىن ئېتىلىپ چىقىشقا دەرمان يوق. 

ئۈندەش(!) بەلگىسى: 

__مەن بۇرۇن ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە ئىنسانىي تۇيغۇنىڭ ۋەكىلى ئىدىم. ھازىر بولسا غالىبلارنىڭ ۋەكىلى. 

ۋەزىپە، بۇيرۇقۋازلىق، شوئارۋازلىق قىلىش ۋە مەدھىيىلەش، ماختاش، ئۆتۈنۈش، مەسلىھەت دېگەنلەر ھازىر مېنىڭ ئىشىم ئەمەس. مەن ئىنسانىيەت تارىخىدا "ھۇررا!!!"، "ئالغا!!!"سادالىرىمۇ يوق، لېكىن مەن يەنىلا بار. بىلىكى توملارنىڭ بىلىكىدە، زۇۋاندازلارنىڭ زۇۋانىدا،كۈيچىلەرنىڭ كۈيلىرىدە، بايۋەتچىلەرنىڭ 

ھەميانلىرىدا، ئاستىن-ئۈستۈن ، قىيپاش- يانتۇ چاپلانغان شوئارلاردا، ئۇرۇق-سېمىز، چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇيرۇقلىرىدا مەن بار. مەندەك بىر ئۈندەشكە قېرى سوئالدىن مىلىيۇنى تەڭ كەلەلمەيدۇ. دېمەك، مەن قىلىمەن دېگەننى قىلالايدىغان ئاجايىپ قۇدرەتكە ئىگە، شۇڭا.... 

پەش، چېكىت، سوئال بەلگىسى، ئۈندەش بەلگىسى قاتارلىقلار ئۆزلىرى ھەققىدە يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنى يېزىپ، يۇقىرىغا يوللاپتۇ. يۇقىرى قانداق قارار چىقىرىدۇ، بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بىلىدىغىنىمىز، كىشىلىك ھاياتتا، ئەڭ ئاخىرىدا قالىدىغىنى "تۈگىدى"دېگەن سوز بىلەن بىر دانە چېكىت. مەيلى سىز كىم ۋە نېمە بولۇڭ، بەرىبىر شۇنداق....[4]

ئىككىنجى ھىكايە

فىرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى تېئودور فونتانى بېرلىندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ تۇرغان چاغلاردا، بىر ياشنىڭ ژۇرنالغا ئەۋەتكەن بىر نەچچە كۇبلىت شېئىرىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. شېئىر تولىمۇ ناچار يېزىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنىش بەلگىلىرىمۇ قويۇلمىغانىكەن. بۇ ياش ئۆز خېتىدە: «مېنىڭ تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئەزەلدىن خوشۇم يوق ئىدى، تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆزىڭىز قويۇپ قويارسىز»- دەپ يازىدۇ. تېئودور فونتانى ھېلىقى ياشقا شېئىرنى دەرھال قايتۇرۋېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يازغان جاۋاپ خېتىدە: «سىز بۇنىڭدىن كىيىن تىنىش بەلگىلىرىنىلا ئەۋەتىپ بېرىڭ، شېئىرنى مەن يېزىپ قوياي» دەيدۇ. بۇنىڭدىن بىز شېئىر بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلا زۆرۈرلىكىنى، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

بىز كىنو - تېئ‍اتىرلاردا ئۇلۇغ زاتلارنىڭ رادىسىتقا تىلگىرامما تېكىستلىرىنى ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەندە، سۆز –جۈملىلەر بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنى بىللە ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز ۋە ئاڭلايمىز.

تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇچۇر ئېلىشقان ئەھۋاللارمۇ بار. ئاتاقىلىق فىرانسۇز يازغۇچىسى گيوگو مەشھۇر ئەسىرى «پاجىئەلىك دۇنيا» نى باشقا بىر شەھەردىكى نەشىرىياتچىغا نەشىر قىلىشقا بەرگەندە، ئۇنىڭدىن ئۇزاققىچە ئۇچۇر كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ نەشىرىياتقا پەقەت سوئال بەلگىسى (؟) يېزىلغان تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. ئېنىقكى ئۇ بۇ نەشىرىياتتىن «ئەسىرىم قانداق بولدى؟» دەپ سورىغان. نەشىرىياتتىن پەقەت ئۈندەش بەلگىسى (!) يېزىلغان جاۋاب تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇمۇ ئېنىق. ئۇ نەشىرىيات «نەشىر قىلىنىدۇ» دېگەن.

سۆز تاللاپ جۈملە تۈزگەندە، چوقۇم تىنىش بەلگىلىرىنى ئويلىشىش كېرەك. تىنىش بەلگىلىرى قويۇلمىغاندا خاتادىن ساقلىنىشقا بولمايدۇ، ئوقۇرمەنلەر قايمۇقىدۇ، كۈتكەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ.

ماۋزىدۇڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە تىنىش بەلگىلىرىگە بەكمۇ دىققەت قىلىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەمەسلىسى» دىگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بابىنى ئاخىرقى قېتىم تۈزەتكەندىن كېيىن، يەنئەندە چىقىدىغان « ئازادلىق » ژۇرنىلىنىڭ 40- سانىدا ئېلان قىلىشقا تاپشۇرۇپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ھەربىي كومىتېت تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گوخۇادۇغا يازغان خېتىدە ئەسەرنىڭ كوررىقتۇرلىقىغا دائىر تەلەپلىرىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، يەنە «تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلىڭلار، بىرەرسىمۇ خاتا بولۇپ قالمىسۇن» دەپ ئىلاۋە قىلغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى 

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=45725&page=1&authorid=21555

1.

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەر 

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=47223&highlight=%D8%AA%D9%89%D9%86%D9%89%D8%B4

0.

تېنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە 

http://blog.ilqut.com/index.php?mid=12&m=view&id=7175

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#