دارچىنگۈل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دارچىنگۈل دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 مېتىر، ئەڭ ئېگىزلىرىنىڭ 18 مېتىرغا يېتىدۇ؛ دەرەخ قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ قوڭۇر. يۇمران شاخلىرىنىڭ رەڭگى ساغۇچ قوڭۇر رەڭلىك ، تۈكسىز، تاقىر. يۇپۇرماق ئالقىنى قېلىن، ئېللىپسسىمان، ئۇزۇن سوقىچاق ياكى سوقىچاق خەنجەر شەكلىدە، ئۇزۇنلىقى 7 - 14.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2.5-4.5 مېتىرغىچە، ئالدى تەرىپى تەدرىجى تارىيىدۇ، تۈۋى تەدرىجىي تارايغان بولۇپ، شىنا شەكىللىك ياكى كەڭ شىنا شەكىللىك، پۈتۈن گىرۋەكلىك ياكى ئادەتتە ئۈستۈنكى يېرىمى سايمانلىرى ئىنچىكە ھەرە چىشىسىمان شەكىللىك.
گۇيخۇا سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتى رايونىغا ماس كېلىدىغان، تەبىئىتى نەمخۇش ئىللىقلىقنى ياقتۇرىدۇ، تېرىقچىلىق رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃14-28℃ بويىچە، 7 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃ 24 - 28 بويىچە، 1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 0 تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئىقتىدار، ئەڭ مۇۋاپىق ئۆسۈش تېمپېراتۇرىسى بولسا 15℃-28℃ . نەملىك دارچىنگۈلنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن مۇھىم، يىللىق ئوتتۇرىچە نەملىك 75%-85% تەلەپ قىلدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، بولۇپمۇ لىچىنكىنىڭ كىچىك مەزگىلى ۋە يېتىلگەن دەرىخى چېچەكلىگەندە سۇ تەركىبىگە كۆپرەك مۇھتاج، قۇرغاقچىلىق ئۇنىڭ چىچەكلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۈچلۈك كۈن نۇرى چۈشۈش ۋە يوشۇرۇن ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز، ئادەتتە ھەر كۈنى 6-8 سائەت تەلەپ قىلدۇ.
باغ - ئورمان دارچىنگۈلنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھىمالايا تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، ھىندىستان، نىپال، كامبۇدژا رايۇنلارغا تارقالغان. جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبى، سىچۇەن، جەنۇبىي يۈننەن، گۇئاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي، جياڭشى، ئەنخۇي، خېنەن قاتارلىق جايلاردا، ياۋا دارچىنگۈل ئۆستۈرلىدۇ، ھازىر كەڭ كۆلەمدە خۇەيخې دەرياسى ۋادىسى ھەم جەنۇبتىكى رايونلاردا تېرىلىۋاتىدۇ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا، جەنۇبتا گۇاڭشى، خەينەن قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرلىدۇ.
ئۈنۈمى : ساغۇچ ئاق رەڭلىك، پۇراقلىق، خۇش پۇراق، تۈزۈمى دارچىن مەلھىمى ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدۇ، گىرىم بۇيۇملىرى، پېچىنە - پىرەنىك ياساشقا بولىدۇ، كەمپۈت شىرنىسى ھەمدە ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ. دارچىنگۈلنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، دورا قىلىشقا بولىدۇ. گۈلى، مېۋە قېقى ۋە يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە گۈلى تىرىلىدۇ؛ ئەتىيازلىق مېۋىسىنى ئايرىم قۇرۇتۇش لازىم.
شىپالىق رولى : ئىسسىقلاپ سوغۇق تارقىتىش تۈگۈنلەرنى ئېچىش، بەلغەمنى بوشىتىش، يۆتەلنى توختتىتىش. چىش ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدۇ، دەم سىقىلىشنى، بەلغەم كۆپىيىش، ھەيز توختاش، قورساق ئاغرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىنىدۇ. مېۋە : ئىللىق، ئاشقازان، جىگەرنى، ئىسسىقلاپ سوغۇق تارقىتىش. قۇرۇق سوغۇق ئاشقازان ئاغرىشقا يەلنى، سوغۇقنى ھەيدەشكە ئىشلىتىلىدۇ. رېماتىزم پەي سۆڭەكلەر ئاغرىش، بەل ئاغرىش، بۆرەك زەئىپلىشىشتىن بولغان چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
دارچىنگۈل قوڭۇر داغ كېسىلى، ئوسمانتۇس گۈلى قۇرۇپ كىتىش كېسىلى، كۆيدۈرگە كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىغان يوپۇرماق قىسمىدىكى كېسەللىك زىيانداشلىقى، دارچىنگۈلنىڭ بالدۇر يوپۇرماق تاشلايدىغان كېسەللىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۈپنىڭ ئۆسۈشى ئاجىزلاپ، ھۇزۇرلىنىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.