ۋىتامىن B6

ۋىتامىن B6

ۋىتامىن B6 دېگىنىمىز پىرىدوكسىن (a)، پىرىدوكسال (b) ۋە پىرىدوكسامىن (c) ۋە ئۇلارنىڭ فوسفات كىسلاتا ئېستېرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر.

دورا نامى ۋىتامىن B6
باشقا نامى 吡多辛、吡哆素,Pyridoxine
چەتئەلچە نامى Vitamin B6
خەنزۇچە ئاتىلىشى 维生素B6
رېتسېپلىقمۇ رېتسىپسىز دورا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىتامىن B6ۋىتامىن B6 دېگىنىمىز پىرىدوكسىن (a)، پىرىدوكسال (b) ۋە پىرىدوكسامىن (c) ۋە ئۇلارنىڭ فوسفات كىسلاتا ئېستېرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ھايۋان، ئېچىتقۇلاردا ئۈچىسىنىڭ ئاكتىپلىقى ئوخشاش، لېكىن باكتېرىيەلەردە (a) غا قارىغاندا(b)، (c) نىڭ ئاكتىپلىقى بىر قانچە مىڭ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. 

ۋىتامىن B6 سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، كىسلاتادا تۇراقلىق بولىدۇ، ئىشقارلىق ۋە نېيترال شارائىتتا يورۇقلۇقنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى تېز بۇزۇلىدۇ. بەدەندە كاربوكسىلسىزلىغۇچى ۋە ئامىن رادىكالىنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملارنىڭ كوئېنزىمى سۈپىتىدە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ مېتابولىزمىغا قاتنىشىدۇ. ئامىن رادىكالىنى يۆتكەش رېئاكسىيىسىدە فوسفور پىرىدوكسال ئامىن رادىكالىنى يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ۋىتامىن B6 يەنە كاربوكسىلسىزلىنىش رېئاكسىيەلىرىگە قاتنىشىدۇ. مەسىلەن: گىستىدىن كاربوكسىلسىزلىنىپ گىستامىنغا ئايلىنىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان مۇھىم ماددىلار ھاسىل بولىدۇ، مەسىلەن: نېرۋىدىكى يەتكۈزگۈچى ماددا دوپامىن، γ - ئامىنو بۇتىرىك كىسلاتا، S - ئامىنو - γ - كېتو ۋالىرىك كىسلاتا قاتارلىقلار. 

ۋىتامىن B6 يېتىشمىگەندە قۇسۇش، مەركىزىي نېرۋىلىرى قوزغىلىپ تارتىشىپ قېلىش، كىچىك قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدىكى پىگمېنت تۆۋەنلەپ كېتىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ.

B6 قۇسۇش، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى، دانىلىك ھۈجەيرىلەر ئازىيىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدۇ.

ۋىتامىن B6ۋىتامىن B6 بۇغداي تۆرەلمىسى، گۈرۈچ توپىنى، سويا پۇرچاق، ئېچىتقۇ، تۇخۇم سېرىقى، جىگەر، بۆرەك، گۆش، بېلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#