ئاق رەڭ

ئاق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېڭىدا بەخت-ئامەت، ياشىلىق، پاكلىق، ئالىيجانابلىق چۈشەنچىسىنى بەرگەن. بۇ خىل چۈشەنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد دەۋرلىرىدىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاق رەڭ
خەنزۇچە ئىسمى 白色

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېڭىدا بەخت-ئامەت، ياشىلىق، پاكلىق، ئالىيجانابلىق چۈشەنچىسىنى بەرگەن. بۇ خىل چۈشەنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد دەۋرلىرىدىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، سەپەرگە چىققانلارنى ئۇزىتىشتا «ئاقيول بولسۇن! » دەپ ياخشى تىلەكتە بولۇش، سۈتنى ئۇلۇغلاش، قارنى بەخت-ئامەتنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىش، قىزلار تويى بولغان كۈنى ئاق رەڭلىك كۆڭلەك كىيىش، ھازىدا ئەرلەر بېلىگە ئاق باغلاش، ئاياللار ئاق ياغلىق سېلىش، ئۆي-ئىمارەتلەرنى ئاقارتىش. . . قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاق رەڭ ئۇلۇغلانغان.

بۇنىڭدىن باشقا ئاق رەڭگە ئائىت چۈشەنچىلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇنى بىر قەدەر قەدىمىيرەك بولغان نەمۇنىلەردىن ئىزدىگەندەد مەشھۇر داستان «ئوغۇزنامە» گە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. داستاندا، ئوغۇز خاقاننىڭ ھەربىي يۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك غەلىبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، قىرىق غۇلاچلىق ئاق خادا ئاستىغا ئاق قوينى باغلىشى بەخت ۋە ئامەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېسىپ بولۇشىغا قارىتا ئىشەنچنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم ئېتىقادى دەۋرىدىمۇ ئاق رەڭ ئوخشاشلا ياخشىلىق ۋە ئامەتنى سىمۋوللۇق بەلگىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى» دىكى ئاق نىيەت تېكىننىڭ ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشتىن باش تاتمايدىغان ئېسىل روھى ئاق سۆزى بىلەن سۈپەتلەنگەن. «ئىرق پۈتۈك» تىمۇ ئاق رەڭگە مۇناسىۋەتلىك بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشىلىق ۋە بەخت-ئامەتنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. ئاق رەڭنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، دوختۇر، سېستىرالارنىڭ ئاق خالات كىيىشى، بىمارلارنىڭ نىجاتكارىغا سىمۋول قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلق ئېغىزى ئەدەبىيەتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىمۇ ئاق رەڭ يۇقىرىقىدەك ئۆزگىچە سىمۋوللۇق مەنە بىلەن ئىپادىلەنگەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#