- مېھرىگىياھ (خام دورا)
- مېھرىگىياھ (ئۆسۈملۈك)
مېھرىگىياھ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇيقۇنى ياخشىلاش، مەست قىلىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
مېھرىگىياھنى شارابقا سېلىپ ئىچىپ بەرسە، قاتتىق مەست قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ يىلتىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا زەپەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ بوغۇم ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ تامچىلىتىپ چىقىرىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. مېھرىگىياھنى مۇقەل بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى كاسىنە بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىنىڭ ياللۇغلىنىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى ھەسەل ياكى زەيتۇن بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنى پەسەيتىدۇ.
مېھرىگىياھ ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىنى يۇمشاق ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، گۆشخور ۋە يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەر تۈرلۈك ئىششىقلارنى تارقىتىپ، خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى يۇمشاق ئېزىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قىزىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چوڭ بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچىپ بەرسە، دائۇلپىل (پۇت ياكى پاچاقلار ئىششىپ، پىلنىڭ پاچىقىغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشى) غا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، سەپكۈننى يوقىتىپ، قاپارتقۇ پەيدا قىلمايدۇ.
مېھرىگىياھنىڭ سۈتىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەدەندىكى سەپكۈن ۋە قارا داغلارنى يوقىتىدۇ.
تۆت گرام مېھرىگىياھنى يەككە ھالەتتە ياكى تاماق، نان ياكى تالقان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىشىنى ھېچنەرسىنى سەزمەس ھالەتتە ئۇخلىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.