تىك ئۇچار ئايروپىلان

تىك ئۇچار ئايروپىلان

 تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاساسلىقى ئورگانىزم ۋە كۆتۈرۈلۈش كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھەرىكەت ئۇزىتىش ئۈچ چوڭ سىستېمىسى، شۇنىڭدەك ئايروپىلاندىكى ئۇچۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان.

ئۇيغۇرچە نامى تىك ئۇچار ئايروپىلان
چەتئەلچە نامى helicopter
ئىشلىتىلىش  دائىرىسى داۋالاش ، قۇتقۇزۇش ، ياردەم بېرىش ، تەكشۈرۈش ، ئىلمىي تەتقىقات ، جەڭ قاتارلىق
كەشپىيات ۋاقتى 1939-يىلى 9-ئاي
خەنزۇچە نامى 直升机
ئاساسلىق تۈرلىرى يەككە پىرقىرىما قانات شەكىللىك ، قوش ئايلانما قانات شەكىللىك ، يېڭى ئۇقۇم شەكللىك
كەشىپ قىلغۇچى لېۋېس، جاككۋېس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىك ئۇچار ئايروپىلانپىرقىرىما قاناتلىرى ئادەتتە  تۇربىنا ئوقى موتور ياكى پورشېنلىق موتور ئارقىلىق كاردان ۋال ۋە سۈرئەت كېمەيتكۈچ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مېخانىكىلىق ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش، رېئاكتىپ ئۇچلۇق پەيدا بولغان ئەكس تەسىر كۈچى، پالاق ئارقىلىق قوزغىتىلىدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۆزگىچە قانىتى − ئۈستىدىكى يوغان قىلىچسىمان ياپراقلار پروپېللېر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلان مۇشۇ پەۋقۇلئاددە قانىتىغا تايىنىپ تىك كۆتۈرۈلىدۇ، تىك قونىدۇ ۋە بوشلۇقتا توختاپ تۇرالايدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يەنە غەلىتە قۇيرۇقى بولۇپ، بۇ ئۇزۇن قۇيرۇقىنىڭ ئۇچى ئۈستىگە قايرىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك پروپېللېر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئايلىنىش ئوقى يەر يۈزى بىلەن پاراللېل بولۇپ، كېمىنىڭ رولىغا ئوخشاش، تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئوڭ ۋە سولغا قايرىش رولىنى ئوينايدۇ.

تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاكا-ئۇكا ۋاريتلارنىڭ ئايروپىلاننى كەشپ قىلغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىمۇ بىر جۈپ ئاكا-ئۇكىلار كەشىپ قىلغان، ئۇلار فرانسىيىلىك ئىنژېنېر لېۋېس برېيگ بىلەن جاككۋېس برېيگلاردۇر.1937-يىلى ئايال ئۇچقۇچى لاتىسى بېرلىندىكى بىر كۆزگەزمىدە ئەڭ دەسلەپكى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھەيدەپ، يۇقىرىغا تىك كۆتۈرۈلۈپ، كۆكتە بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ئۇچتى. . . ئاخىرىدا يەرگە تىك قوندى. بىر پېشقەدەم ئۇچقۇچى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ: «كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئالەمدە مۇنداقمۇ ئايروپىلان بولىدىكەن! » دېدى. 

ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تىپتىكى تۇنجى تىك ئۇچار ئايروپىلان 1939-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنى روسىيەدە تۇغۇلغان ئايروپىلان لايىھىلىگۈچى سىكورىسكى لايىھىلىگەنىدى، ئۇ دەل 300-SV تىپلىق يەككە ئايلانما قاناتلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىدى.

 ئەينى چاغدا تىك ئۇچار ئايروپىلان سۈرئەت، ئۇچۇش ئارىلىقى، ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە قورال-ياراغلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بىر قەدەر قالاق بولغانلىقتىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دېگەندە ئاندىن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار مەيدانغا كەلدى، بىراق ئۇ چاغدا ئۇچار ئايىروپىلانغا پەقەت پىلىموتلا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۆزىنى قوغداشقا ئىشلىتىلەتتى.

تىك ئۇچار ئايروپىلانھەربىي ئىشلاردا تىك ئۇچار ئايروپىلان زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇپ، ئادەتتىكى ئايروپىلانلار ئۈستىگە ئالالمايدىغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇ توختىماي ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز يۈزىدە توختاپ، دۈشمەننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئىز قوغلايدۇ، چۆكمە بومبا ياكى تورپېدا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇزاق ۋاقىت تۆۋەن بوشلۇقتا ئاستا سۈرئەتتە ئۇچۇپ، مىنا تازىلايدۇ ۋە مىنا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا زامانىۋى ياراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، قۇدرەتلىك «كۆكتىكى تانكا» غا ئايلىنىدۇ.

ھازىرقى تىك ئۇچارلارنىڭ كۆپ قىسمى يەككە قانات چاقپەلەكلىك بولۇپ، ئۈستىدىكى چاقپەلەك قاناتلىرى قىلىچقا، ئاستىدىكى ئايروپىلان بۆلمىسى سەرەتانغا، ئۇزۇن قۇيرۇقى يىڭناغۇچقا ئوخشايدۇ. پىرقىرىما قاناتنىڭ ھەربىر قانىتى بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق يىڭناغۇچنىڭ قانىتىغا ئوخشايدۇ. ماتور پىرقىرىما قاناتنى ئايلاندۇرغاندا، خۇددى ئويۇنچۇق يىڭناغۇچنى ئالىقاندا يىمىرىپ قويۇپ بەرگەنگە ئوخشاش، يۇقىرىغا ئۆرلەش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. ئومۇمىي ئۆرلەش كۈچى ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقىدىن چوڭ بولغاندا، ئايروپىلان يۇقىرىغا تىك ئۆرلەيدۇ؛ ئۆرلەش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىگە تەڭ بولغاندا، ئايروپىلان ھاۋادا توختايدۇ؛ ئۆرلەش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك بولغاندا، ئايروپىلان تىك تۆۋەنلەيدۇ. 

يەككە پىرقىرىما قاناتلىق تىك ئۇچارنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقى بولىدۇ، ئۇچى ئۈستىگە ئېگىلىپ تۇرىدۇ، ئۈستىگە قۇيرۇق پىرقىرىغۇچى(قۇيرۇق روتور) دەپ ئاتىلىدىغان پىرقىرىغۇچ ئورنىتىلغان. ئۇ ئادەتتىكى ئايروپىلانلارنىڭ پىرقىرغۇچىغا ئوخشاش تارتىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، تىك ئۇچارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەنە رولنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ.

ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئىشلىتىلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كۆپ ئىقتىدارلىق ترانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانى، ياراغلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تىك ئۇچار ئايروپىلان، تانكىغا قارشى تىك ئۇچار ئايروپىلان، رازۋېدكا-خەۋەرلىشىش تىك ئۇچار ئايروپىلانى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى ئۇرۇشلاردا زور رول ئوينىغاچقا، «كۆكتىكى ئاجازىرقىايىپ ئەسكەر» ، «سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى باتۇر» ، «زەربىدار باتۇر» ، «ئايروپىلاندىن تاشلاش ئاۋانگارتى» دەپ ئاتالدى.

نيادا بىرقەدەر ئىلغار ياراغلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردىن ئامېرىكىنىڭ64-HA «ئارپاچ» ، «كۆزەينەكلىك يىلان» ياراغلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە A60-HU تىپلىق يېنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلان، روسىيىنىڭ24-GM، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان «مولۇن» ، «بۆكەن» قاتارلىقلار بار.

 ئارتۇقچىلىقى ۋە ئىشلىتىلىشى 

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان تىك ئۇچار ياسالدى. ئۇ ئۇچىدىغان-قونىدىغان يەر تاللىمايدۇ، ئۇچما تاغ چوققىسى، تىرەن جىلغا، ئورمان ۋە دېڭىز ساھىللىرىدا ئۇچۇپ قونالايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەربىي ئىشلار ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ھازىرقى تىك ئۇچارلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل، دۇنيادا 60 تىن ئارتۇق تۈرى بار. ئۇ ھاۋا ترانسپورتى ماھىرى، پويىز، ئاپتوموبىل بارالمايدىغان يەرلەرگە خادىم ۋە ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈشتە ئۇ «ھاۋادىكى ئاپتوموبىل» بولالايدۇ. ئۇ يەنە «ئۇچار كران» بولۇپ، ئېغىر تانكا، زەمبىرەكلەرنى، كرانلارنىڭ كۆتۈرۈشى تەس بولغان زاۋۇت پارقازىنى ۋە تېلېۋىزىيە مۇنارلىرىنى يۆتكىيەلەيدۇ. تىك ئۇچار تېببىي قۇتقۇزۇش، زىرائەتلەرگە دورا چېچىش، كان تەكشۈرۈش، دېڭىز خەرىتىسىنى سىزىش قاتارلىق خىزمەتلەردىمۇ ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلالايدۇ.

تىك ئۇچار ئايروپىلان گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، تۆۋەن بوشلۇقتا، تۆۋەن سۈرئەتتە ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، زاپاس ئۇچۇش، بولۇپمۇ كىچىك دائىرلىك مەيداندا تىك كۆتۈرۈلۈش - قونۇش ئالاھىدىلىككە ئىگە، مۇشۇ ئالاھىدىلىك بولغاچقا ئۇنىڭ كەڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا زورايماقتا. بۇ ھەربىي تەرەپ ھۇجۇم قىلىپ ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋە قۇرۇقلۇققا چىقىش، قورال يۆتكەش، ئارقا سەپكە ياردەم بېرىش، جەڭ مەيدانىدىكى ياردارلارنى قۇتقۇزۇش، رازۋېدكا چارلاش، قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش، خەۋەرلىشىش ئالاقىسى، سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى مىنا تازلاش، ئېلېكترونلۇق قارشىلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇقراۋى جەھەتتىكى ئىشلاردا قىسقا يوللۇق ترانسپورت، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش، كرانلىق ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، گېئولوگىيىلىك چارلاش، ئورمان ئاسراش، ئوت ئۆچۈرۈش، ھاۋادىن سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىقلار شۇنداقلا، دېڭىز ئۈستى نېفىت قۇدۇقى بىلەن بازىسى ئارىسىدىكى خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇش بىلەن ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى.

 كەمچىللىكى  

تىك ئۇچار ئايروپىلان نۆۋەتتە تىك ئۇچار ئايروپىلان نىسپىي ئايروپىلان ئېلىپ ئېيتساق، تەۋرىنىش ۋە شاۋقۇنى يۇقىرىراق، ئاسراش - رېمونت قىلىش، ئىشلەش مىقدارى كۆپرەك بولغان، ئىشلىتىلىش تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى، سۈرئىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۇچۇش مۇساپىسى بىر قەدەر قىسقا. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېخىمۇ تاخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش.

تىك ئۇچار ئايروپىلانروتورلۇق ئايروپىلاننىڭ پۈتۈن ئاتىلىشى چاقپەلەكى ئاپتوماتىك ئايلىنىدىغان ئايروپىلاندۇر. سىرتىدىن قارىغاندا، روتورلۇق ئايروپىلان بىلەن تاق چاقپەلەك قاناتلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان خېلىلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاۋىئاتسىيە بىلىمىدىن خەۋىرى بار كىشىلەرمۇ روتورلۇق ئايروپىلاننى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ بىر تۈرى دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، روتورلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئاۋىئاتسىيە قورالىدۇر. روتورلۇق ئايروپىلاننىڭ ماتورىنى تارتىش ياكى ئىتتىرىش شەكلىدىكى چاقپەلەك ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، چاقپەلەكنىڭ ئايلىنىشى بىلەن قانات ئالدىغا گورزنتال ئىتتىرىلگەن چاغدا، قانات ئۇدۇل كەلگەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئايلىنىپ، ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ماتورى ئاساسىي چاقپەلەكنى ئايلاندۇرىدۇ، ئاساسىي قانات ئايلانغاندا ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا، روتورلۇق ئايروپىلان بولسا تىك ئۇچىدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلان ئالدى-ئارقا، ئوڭ-يۆنىلىشلەرگە ئۇچماقچى بولغاندا، ئۆزىنى كونترول قىلىدىغان ئاساسىي چاقپەلەكنى قىيپاش يۆنىلىشىگە بۇرايدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئاساسىي چاقپەلەكى قىيپاش (سىڭايان) قىلىنىدىغان چاغدا، ئاساسىي چاقپەلەك ھاسىل قىلغان ئۆرلىتىش كۈچى بىلەن بىر تىك يۆنىلىشتە بولمايدۇ، بۇ كۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىق كۈچى بىلەن ئورتاق تەسىر كۆرسىتىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئاساسىي چاقپەلەكنىڭ قىيپاش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۇچۇرىدۇ.

قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانھەربىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار ئىچىدە ، ھۇجۇم ئۇرۇشى ئۈچۈنلا ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنغان بىر تۈرلۈك 

تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار بار ، بۇلار دەل قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلاردۇر .

زامانىۋى قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارغا كۈچلۈك ھۇجۇم قوراللىرى ئورنىتىلغان ، 64 - AH« ئارپاچ» 

ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنى مىسال ئالساق ، ئۇنىڭغا 30 مىللىمېتىرلىق زەنجىرسىمان تانكىئاتار زەمبىرەكتىن بىرى ئورنىتىلغان ، تانكىئاتار باشقۇرىلىدىغان سىنارەدتىن 16 نى ئېلىپ يۇرەلەيدۇ ، 19 پاي راكىتا قويۇپ بېرەلەيدىغان ئاپتۇماتىك قۇرۇلمىلىق ركىتا ئېتىش 

ئاپىراتىدىن تۆتى ئورنىتىلغان بولۇپ ، 76 پاي ئاۋىئاتسىيە راكېتاسىنى ھەم ھرخىل سىنارەتلەرنىمۇ ئېلىپ يۇرەلەيدۇ ، « ئارپاچ» 

ناملىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىغا ئوت كۈچى كۈچلۈك قوراللار ئورنىتىلغان بولغاچقا ، « تانكىنىڭ كۈشەندىسى »

دەپ ئاتىلىشىمۇ ھەجەپلىنەرلىك ئەمەس ، ئەلۋەتتە بۇلاردىن سىرىت ، بەزى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار يەنە ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بىرىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان سىنارەدتىلەرنى ئېلىپ يۇرۇيدۇ ، يىقىن ئارلىقتا ھاۋا بوشلۇقىدىن جەڭ قىلالايدۇ .

ھازىر قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنىڭ سائىتىگە ئۇچۇش سۈرئىتى 300 كېلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى ،

بۇ يەر يۈزىدىكى تانكا ۋە برونېۋۋىكلارنىڭ سۇرئىتىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق . قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار ھۇجۇم قىلغاندا ، ئادەتتە ئوتتورا ، تۆۋەن ھاۋا بوشلوقىدىن ئۇچىدۇ ،ھەتتا 

تاغ جىرالىرى ، ئېگىز بىنالار ئارسىدىن ئۇچىدۇ ، ئۇ ھەرخىل يەر شەكلىگە ماسلىشالايدىغانلىقى ھەم يوشۇرنۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئادەتتىكى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارغا قارغاندا تېخىمۇ جانلىق ھەرىكەت قىلىپ ، نىشانلارغا تېز ھەم تۇيۇقسىز زەربە بېرەلەيدۇ ، ئۇنىڭدىن سىرىت قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا ئىلغار ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۈسكىنىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ ، نىشانلارنى كەڭ دائىردە تۇتالايدۇ ھەم كېچە كۈندۇز جەڭ قىلالايدۇ . 

قوراللىق تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ ئەۋزەللىكى يەنە جەڭ مەيدانىدا جەڭچىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاش ، ئۇنىڭ 

ئۇچۇش ئېگىزلىكى 6000 مېتىرغا يىتىدىغان بولۇپ ، دۇشمەننىڭ ھاۋا مۇداپىيە زەمبىرىكىدىن ئۆزىنى .ۈنۈملۈك دالدىغا ئالالايدۇ . ئايرۇپىلان گەۋدىسىگە بىرىكمە ماتىرىيال ئىشلىتىلگەنلىكتىن ، يوشۇرۇن ۋە ئوقتىن مۇداپىيەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە . بەزى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرىغا يەنە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ۋە ئوق تەككەن جەڭچىلەرنىڭ ھاياتىنى 

قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قاتارلىقلار ئورنىتىلغان .


تىك ئۇچار ئايروپىلان 1907-يىلى، ئاكا-ئۇكا برېيگلار يېڭى ئايروپىننى سىناق قىلدى. بۇ خىل ئايروپىلان قاراشتا باشقا ئايروپىلانلارغا ئوخشاشمايتتى، ئۇنىڭغا گورىزونتال يۆنىلىشتە ئايلىنىدىغان تۆت دانە ئايلانما قانات ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ قاناتلارنىڭ ئايلىنىشى ئارقىلىق يېتەرلىك كۆتۈرۈلۈش كۈچى ھاسىل قىلىناتتى. بىراق برېيگ ئاكا-ئۇكىلار يېڭى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-ئۇچالماسلىقى ۋە بىخەتەر ئۇچۇش-ئۇچالماسلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئايروپىلانغا چىقماي، يەردە ئايروپىلاننى بىر تال ئارغامچا بىلەن تارتىپ تۇردى. نەتىجىدە، ئايروپىلان 5.1 مېتىر ئېگىزلىككە تىك كۆتۈرۈلدى. بۇ ئېگىزلىك گەرچە يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما تىك ئۇچار ئايروپىلان تەتقىقاتى ۋە تەرەققياتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى.

ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا، روتورلۇق ئايروپىلان تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. روتورلۇق ئايروپىلاننىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، ياسىلىش تەننەرخى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش تەننەرخى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن، مەشغۇلات قىلىش ئوڭاي، ئۇچۇش بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولغاچقا بەزىلەر روتورلۇق ئايروپىلان ئاۋىئاتسىيە سەھنىسىگە قايتا چىقىدىغان بولدى، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئاممىباب ئۇچۇش قورالىغا ئايلىنىشتىن ئۈمىد بار، دەپ قاراشماقتا.

ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن، ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، ئۇنىڭغا پىلمۇت، ئاپتۇماتسىمان زەمبىرەك، راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىق ھەر خىل قوللار ئورنىتىلىپ، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتلارغا قارشى تۇرۇش، مىنا تازىلاش، رازېدكا قىلىش، ترانسىپورت قاتارلىق كۆپ خىل ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن «ھاۋا بوشلۇقىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئايروپىلان» دەپ ئاتالدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#