فۇجۇ شەھىرى
فۇجۇ چىن سۇلالىسى دەۋرىدە فۇجيەننىڭ پادىشاھقا قاراشلىق جايى قىلىنغان، كېيىن ئىزچىل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
فۇجۇ چىن سۇلالىسى دەۋرىدە فۇجيەننىڭ پادىشاھقا قاراشلىق جايى قىلىنغان، كېيىن ئىزچىل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ئىككى قېتىم ۋاقىتلىق پايتەخت بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا فۇجۇدا تاشقى سودا راۋاج تاپقان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كېمىسازلىق مەركىزى بولۇپ، يېقىنقى زاماندا «بەش سودا ئېغىزى» نىڭ بىرى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ سېپىل-خەندەكلەر بىلەن ئورالغان، جىن، تاڭ، بەش دەۋر، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە بىرنەچچە قېتىم كېڭەيتىلىپ، ھازىرقى شەھەر رايونىنىڭ ئۈچ تاغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، ئىككى مۇنار بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان ھالىتىگە ئاساس سېلىنغان.
شەھەر رايونىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەردىن: سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇالىن ئىبادەتخانىسى قەسرى، چۇڭفۇ ساڭرامى، ۋۇتا مۇنارى، بەيما(ئاق ئات) مۇنارى، چىگۇڭ ئىبادەتخانىسى، كەييۇەن ساڭرامى قاتارلىقلار بار. شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى گۇشەن تېغىدا يۇڭچۇەن ئىبادەتخانىسى ۋە نەچچە دەۋردىكى قىيا تاش ئويمىلار بار. يەنە ۋاڭ شېنجى قەبرىسى، لىن زېشۈي ئىبادەتخانىسى ۋە قەبرىسى، لىن شياڭچيەن قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. شەھەر رايونىدىكى سەنفاڭچى كوچىسىدا مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پۇقرالار تۇرالغۇلىرى كۆپ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.