پۇت، قول، ئېغىز كېسىلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشى
قول، پۇت، ئېغىز كېسىلىئۇفۇنۇتلەنگەن قان خىلىتى توقۇلمىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، يەرلىك ئورۇنغا نىسبەتەن يات ماددا ھېسابلىنىدۇ. قان ئېقىمى ئارقىلىق بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت تېرە شىللىق پەردىلىرىگە كەلگەندە يەرلىك ئورۇن تېرە توقۇلمىلىرىغا ئۆزلىشەلمەيدۇ، نەتىجىدە توپلىنىپ يەرلىك ئورۇندا ئوفۇنەت پەيدا قىلى بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ كېسەلنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 7~2 كۈنگىچە بولۇپ بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ پەيدا بولىدۇ. ئەسۋە چىقىشتىن بۇرۇن تۆۋەن قىزىتما، باش ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلىرىدا ℃40~38 بولىدۇ. دەسلەپكى تېرە زەخمىسى قىزىل داغلىق ئەسۋە بولۇپ تېز تەرەققىي قىلىپ 4~2 مىللىمېتىرغىچىلىك سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ. قاپارتما تېمى نېپىز، ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق سۈزۈك بولۇپ ئەتراپىدا قىزىل ئايلانما بولىدۇ. يۈز قىسمىدا پەيدا بولغانلىرىدا ئاغرىش ياكى باسقاندا ئاغرىش بولىدۇ. قاپارتما يېرىلغاندىن كېيىن كۈل رەڭ شەلۋەرىگەن تېيىز جاراھەت يۈزى كۆرۈلىدۇ. تېرە زەخمىسى قول، پۇت، ئېغىز قاتارلىق ئورۇنلارغا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ. بەزى ئاز ساندىكى بىمارلاردا تىپىك ئالامىتى روشەن بولمايدۇ. ئېغىز بوشلۇقىنىڭ زەخىملىنىشى 90 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇپ كۆپىنچە كىلىنىك ئالامىتى يەڭگىل بولىدۇ، بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن ئاز قوزغىلىدۇ.
كېسەلنىڭ تارقىلىشچان تارىخى بولۇش، ئېغىز، قول، پۇت قاتارلىق ئورۇنلارغا قىزىل داغلىق سۇلۇق قاپارتمىلارنىڭ پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.
كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ، قاپارتقۇلۇق يۇتقۇنچاق ياللۇغى، سۇچېچەك قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ بولسا ياز، ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ. مەلۇم يېمەكلىك ۋە دورىغا بەدەننىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىشتىن بەدەن تېرىسىدە شەكلى ھەر خىل قىزىل داغ، قىزىل داغلىق سۇلۇق قاپارتما، قىزىل داغ ئوتتۇرىسى ئويمانلاشقان سۇلۇق قاپارتمىلىق تېرە زەخمىسىنىڭ بولۇشىغا ئاساسەن ئېغىز، قول، پۇت كېسىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش، ئوفۇنەتنى تازىلاش، قاننى سوۋۇتۇش قاتارلىق مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.
قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرۇش، ئوفۇنەتنى تازىلاش مەقسىتىدە مەتبۇخى شاھتەررە 40~10 مىللىلىتىر بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ئىترىفىل چۆبچىن 5~2 گرامدىن ئىككى قېتىم، ئەرقى چۆبچىن 40~20 مىللىلىتىردىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، مامران كاپسۇلى ئىككى دانىدىن كۈنىگە بىر قېتىم بېرىلىدۇ.
سىرتىدىن موزا، چۆبچىن، كاكىنەچ، شوخلا، قىزىلگۈل 10 گرامدىن، دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ. قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن زىرىق، كاسىنە ئۇرۇقى، قىزىلگۈل 15 گرامدىن، ئەينۇلا، چىلان 20 گرامدىن، تەمرى ھىندى 30 گرام، تەرەنجىبىن 30 گرام، نېلۇپەر 10 گرام. دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا دەملەپ 50~30 مىللىلىتىر بېرىلىدۇ، مۇرەككەپ دورىلاردىن ئەرقى نېلۇپەر، ئەرقى گۈل، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلارنى تاللاپ 40~20 مىللىلىتىرغىچە بېرىلىدۇ ۋە مۇۋاپىق كۈن نۇرىغا قاقلىنىدۇ.
قاننى قىزىتقۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالاردىن قىيما كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش، ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئۆي ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.