مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى  1996-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 77-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国环境噪声污染防治法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددابۇ قانۇن مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى قوغداپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددابۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت شاۋقۇنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، قاتناش-ترانسپورت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا پەيدا بولغان، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا بولغان مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ھەمدە كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشىگە كاشىلا قىلىدىغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىدىكى شاۋقۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

4-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئاۋاز مۇھىتىنى ئاسراشقا پايدىلىق ئىقتىسادىي سىياسەت، تېخنىكا سىياسىتى ۋە تەدبىرى قوللىنىشى لازىم.

5-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، قۇرۇلۇش تۈرى ۋە رايون بويىچە ئېچىش، ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، فۇنكسىيىلىك رايون ۋە قۇرۇلۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشى لازىم.

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ج خ، قاتناش، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە مەسئۇل تارماقلىرى ۋە پورت ئىشلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، قاتناش-تراسپورت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

7-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاۋاز مۇھىتىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە ئۇلار مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغان ئورۇن ۋە شەخسنى پاش قىلىشقا ھەم شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

8-ماددا دۆلەت مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىلمىي تەتقىقاتى، تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئىلغار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنىڭدەك مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

9-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسنى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

10-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيىلىك رايونلارغا قاراپ، دۆلەتنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن شۇ مەمۇرىي رايونىدىكى ھەر خىل ئاۋاز مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى تەتبىقلىنىدىغان رايونلارنى ئايرىپ چىقىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمى ھەم ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

12-ماددا شەھەر پىلانلاش تارمىقى قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بېكىتىشتە، دۆلەتنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە ۋە پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئاۋاز ئۆتكۈزمەس قىلىپ لايىھىلەش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئىمارەت ۋە قاتناش غول لىنىيىسىنىڭ شاۋقۇننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارىلىقىنى مۇۋاپىق ئايرىيدۇ ھەمدە مۇناسىپ لايىھە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

13-ماددا يېڭىدىن باشلانغان، ئۆزگەرتىلگەن ۋە كېڭەيتىلگەن قۇرۇلۇش تۈرىدە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى مۇھىتىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش شەرت.

قۇرۇلۇش تۈرىدە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى سۇنۇپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى لازىم.

مۇھىت ئاسراش دوكلاتىدا شۇ قۇرۇلۇش تۈرى بار ئورۇننىڭ ۋە ئاھالىنىڭ پىكرى بولۇشى لازىم.

14-ماددا قۇرۇلۇش تۈرىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ سېلىش ۋە تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەرت.

قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا ياكى ئىشقا كىرىشتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى ئەسلىي تەستىقلىغان مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى شەرت؛ دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە يەتمىگەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا ياكى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولمايدۇ.

15-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇن مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ نورماللىقىنى ساقلىشى شەرت؛ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئەسلىھەلەرنى چۇۋۇشقا ياكى بىكار قويۇشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت.

16-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ئورۇن تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى تىزگىنلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇۋېتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئېلىنغان ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇۋېتىش ھەققىنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىش شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

17-ماددا شاۋقۇنغا بوش ئىمارەت مەركەزلەشكەن جايلاردا مۇھىت شاۋقۇنىدىن ئېغىر بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇن سۈرۈك ئىچىدە تىزگىنلىشى لازىم.

سۈرۈك ئىچىدە تىزگىنلىنىدىغان ئورۇن تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇندىشى شەرت. سۈرۈك ئىچىدە تىزگىنلەشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كىچىك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى سۈرۈك ئىچىدە تىزگىنلەشنى قارار قىلىش ھوقۇقى بەرسە بولىدۇ.

18-ماددا دۆلەت مۇھىت شاۋقۇنىدىن ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان قالاق ئۈسكۈنىلەرنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرۈك ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان، مۇھىت شاۋقۇنىدىن ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ياكى ئىمپورت قىلغۇچىلار گوۋۇيۈەن ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن سۈرۈك ئىچىدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش ياكى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.

19-ماددا شەھەر دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشتا تاسادىپىي كۈچلۈك شاۋقۇن چىقىرىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن چىقىرىشقا بولىدۇ. شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنى ئۇنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

20-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇھىت شاۋقۇنىنى كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كۆزىتىش قائىدىسىنى بېكىتىشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىش تورىنى تەشكىللىشى كېرەك.

مۇھىت شاۋقۇنى كۆزەتكۈچى ئاپپارات گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇھىت شاۋقۇنى كۆزىتىش نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى باشقا تارمىقى ۋە ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتى بويىچە، باشقۇرۇش دائىرىسىدە، مۇھىت شاۋقۇنى چىقارغۇچى ئورۇننى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى ھەمدە تېگىشلىك ماتېرىيالنى بېرىشى لازىم. تەكشۈرگۈچى تارماق ۋە ئاپپارات تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

تەكشۈرگۈچىلەر نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

3-باب سانائەت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

22-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سانائەت شاۋقۇنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا تۇراقلىق ئۈسكۈنە ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

23-ماددا شەھەر دائىرىسىدە ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا چىقىرىلغان سانائەت شاۋقۇنى دۆلەت بەلگىلىگەن سانائەت كارخانىلىرى دائىرىسىدە مۇھىتقا شاۋقۇن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

24-ماددا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا تۇراقلىق ئۈسكۈنە ئىشلىتىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغان سانائەت كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تۈرى، سانى ۋە نورمال مەشغۇلات شارائىتىدا چىقىرىلىدىغان شاۋقۇن قىممىتى، شۇنىڭدەك مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئۈسكۈنە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى ھەمدە شاۋقۇننىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى بېرىشى لازىم.

مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈرى، سانى، شاۋقۇن قىممىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ھەمدە تېگىشلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

25-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلغان سانائەت كارخانىلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان تەسىرىنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

26-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان سانائەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئاۋاز مۇھىتىنى ئاسراش تەلىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، مەھسۇلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن ش اۋق ۇن چ ې كىنى تەدرىجىي بېكىتىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە چىقىرىلغان شاۋقۇن قىممىتىنى ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىياللىرىدا ئەسكەرتىش كېرەك.

4-باب بىناكارلىق قۇرۇلۇشى شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

27-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش شاۋقۇنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى سېلىۋاتقاندا پەيدا بولغان، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

28-ماددا شەھەر رايونى دائىرىسىدە ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا چىقىرىلغان بىناكارلىق قۇرۇلۇش شاۋقۇنى دۆلەت بەلگىلىگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش دائىرىسىدە مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

29-ماددا شەھەر رايونى دائىرىسىدە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش جەريانىدا ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىسى ئىشلەتكەندە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن 15 كۈن ئىلگىرى شۇ قۇرۇلۇش جايلاشقان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا شۇ قۇرۇلۇشنىڭ نامى، قۇرۇلۇش قىلىش ئورنى ۋە مۆھلىتى، پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان مۇھىت شاۋقۇنى قىممىتى، شۇنىڭدەك مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

30-ماددا شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا بوش ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن جايلاردا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان كېچىلىك قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى مەنئى قىلىنىدۇ، لېكىن جىددىي رېمونت قىلىش ۋە خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش مەشغۇلاتى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيىسى جەھەتتە تەلەپ ياكى ئالاھىدە ئېھتىياج بولۇپ، ئۇدا مەشغۇلات قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن ئۇدا مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ ئىسپاتى بولۇشى شەرت.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېچىلىك مەشغۇلاتنى ئەتراپتىكى ئاھالىگە ئېلان قىلىش شەرت.

5-باب قاتناش-ترانسپورت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

31-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قاتناش-ترانسپورت شاۋقۇنى ماتورلۇق ماشىنا، پاراۋوز، ماتورلۇق كېمە، ئۇچقۇ قاتارلىق قاتناش-ترانسپورت قوراللىرىنى ئىشلەتكەندە پەيدا بولغان، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

32-ماددا شاۋقۇن چېكى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ماشىنىلارنى ياساش، سېتىش ياكى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

33-ماددا شەھەر رايونى دائىرىسىدە مېڭىۋاتقان ماتورلۇق ماشىنىلارنىڭ ئاۋاز يوقاتقۇچىسى ۋە كانىيى دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ماتورلۇق ماشىنىلارنىڭ رېمونتى ۋە ئاسرىلىشىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىلىق ھالىتىنى ياخشى ساقلاپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شەرت.

34-ماددا ماتورلۇق ماشىنىلار شەھەر رايونى دائىرىسىدە، ماتورلۇق كېمىلەر شەھەر رايونىدىكى ئىچكى دەريا سۇ يوللىرىدا ماڭغاندا، پاراۋۇز شەھەر رايونى، ساناتورىيە رايونىدىن ئۆتكەندە ياكى بۇ جايلارغا كىرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە ئاۋاز قۇرۇلمىسى ئىشلىتىشى شەرت.

ساقچى ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، قۇرۇلۇش قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، كېسەل قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قاتارلىق ماتورلۇق ماشىنىلارغا ئورنىتىلغان ۋە ئىشلىتىلگەن سىگنال بەرگۈچ گوۋۇيۈەن ج خ تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ جىددىي بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشتا سىگنال بەرگۈچ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

35-ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى شۇ جايدىكى شەھەر رايونىنىڭ ئاۋاز مۇھىتىنى ئاسراش ئېھتىياجىغا قاراپ، ماتورلۇق ماشىنىلارنىڭ مېڭىشى ۋە باشقا ئاۋاز قۇرۇلمىسى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان يول ۋە ۋاقىتنى ئايرىپ چىقسا ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ.

36-ماددا قۇرۇلۇش شاۋقۇنىغا بوش ئىمارەت مەركەزلەشكەن رايوندىن ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە شەھەردىكى كۆۋرۈك يول، يېنىك تۆمۈريوللارنى ياسىغاندا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولسا، ئاۋاز توسىقى ئورنىتىش ياكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەيدىغان باشقا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

37-ماددا شەھەر قاتنىشى غول لىنىيىسىنىڭ ئىككى چېتىگە شاۋقۇنغا بوش ئىمارەت سېلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم ئارىلىق قويۇشى ھەمدە قاتناش شاۋقۇنىنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

38-ماددا ۋوگزال-بېكەت، تۆمۈريول گۇرۇپپىلاش پونكىتى، پورت، پرېستان، ئاۋىئاپورت قاتارلىق جايلاردا مەشغۇلاتقا قوماندانلىق قىلىشتا رادىئو كانىيى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئاۋازىنى تىزگىنلەپ، شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان تەسىرىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

39-ماددا شەھەر ئاھالە رايونى، مەدەنىيەت-مائارىپ رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريوللاردا پاراۋوزنىڭ مېڭىشى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلسا، شۇ جايدىكى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى تۆمۈريول تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىش پىلانى تۈزۈشى كېرەك. تۆمۈريول تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار پىلاندىكى تەلەپ بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىشى لازىم.

40-ماددا ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇشى ياكى قانۇن بويىچە بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۇقراۋى ئۇچقۇلارنىڭ شەھەر رايونى ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچقۇنىڭ ئۇچۇش-قونۇش بوشلۇقى ئەتراپىدا قۇرۇلۇش شاۋقۇنىغا بوش ئىمارەت رايونلىرىنى ئايرىپ چىقىشى كېرەك؛ شۇ رايوندا قۇرۇلۇش شاۋقۇنىغا بوش ئىمارەت سېلىشتا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۇچقۇنىڭ ئۇچۇشىدىن پەيدا بولغان شاۋقۇننىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. خەلق ئاۋىئاتسىيە تارمىقى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىشى

6-باب ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

41-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنى سانائەت شاۋقۇنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇش شاۋقۇنى ۋە قاتناش-ترانسپورت شاۋقۇنىدىن باشقا سۈنئىي ھەرىكەتتىن پەيدا بولغان، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

42-ماددا شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا بوش ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن جايلارنىڭ سودا تىجارىتىدە تۇراقلىق ئۈسكۈنە ئىشلىتىشتە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلغان سودا كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئەسلىھە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

43-ماددا يېڭىدىن قۇرۇلغان تىجارەت خاراكتېرلىك مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ سىرتقا چىقىدىغان شاۋقۇن دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىغا مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ مەدەنىيەت تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىشىگە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

تىجارەت قىلىۋاتقان مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ تىجارەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سىرتقا چىقىدىغان شاۋقۇننى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى لازىم.

44-ماددا سودا تىجارەت پائالىيىتىدە يۇقىرى ئاۋازلىق رادىئو كانىيى ئىشلىتىش ياكى باشقا يۇقىرى ئاۋازلىق شاۋقۇن چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

سودا تىجارەت پائالىيىتىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، سوۋۇتۇش مۇنارى قاتارلىق مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشتە، تىجارەت باشقۇرغۇچىلار تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىدىغان شاۋقۇنىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

45-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا بوش ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن جايدا يۇقىرى ئاۋازلىق رادىئو كانىيى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

شەھەر رايونىدىكى كوچا، مەيدان، باغچا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرى كۆڭۈل ئېچىش، يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەندە ئىشلىتىدىغان ياڭراتقۇ ئاۋازى ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا زىيادە كاشىلا قىلىش ئېھتىمالى بولسا، شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

46-ماددا ئائىلە ئېلېكتر سايمىنى ۋە مۇزىكا ئىشلىتىش ياكى ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا، ئاۋازنى كونترول قىلىش ياكى باشقا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەتراپتىكى ئاھالە ئارىسىدا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

47-ماددا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان تۇرالغۇ بىناسىنى بېزەش ئىشلىرىدا مەشغۇلات ۋاقتىغا چەك قويۇپ ھەمدە باشقا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەتراپتىكى ئاھالە ئارىسىدا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك.

7-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

48-ماددا بۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش تۈرىدە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ياساشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشقا توغرا كەلسىمۇ ئورناتماي ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن تەلەپكە يەتكۈزمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە ئىشقا كىرىشتۈرگەنلەرنى شۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تەستىقلىغان مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

49-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىدىكى مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئىلتىماسىنى مەلۇم قىلمىغان ياكى يالغان مەلۇم قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

50-ماددا بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇپ ياكى بىكار قويۇپ، مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش ئۆلچىمىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

51-ماددا بۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

52-ماددا بۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئورۇندىمىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئېلىنىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ھەققى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قوشۇپ ئېلىنغاندىن سىرت، ئۇلار پەيدا قىلغان خەۋپلىك ئاقىۋەتكە قاراپ جەرىمانە قويۇشقا ياكى ئىش توختىتىش، كۆچۈپ كېتىش ۋە تاقاپ قويۇشقا بۇيرۇلسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جەرىمانىنى مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قارار قىلىدۇ. ئىش توختىتىش، كۆچۈپ كېتىش ۋە تاقاپ قويۇشقا بۇيرۇشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىدۇ.

53-ماددا بۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان ۋە ئىمپورت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولغانلىرى ئۈستىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى پىكرىنى قويۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش توختىتىش ۋە تاقىۋېتىشكە بۇيرۇشىغا مەلۇم قىلىدۇ.

54-ماددا بۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تاسادىپىي كۈچلۈك شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلارغا ج خ ئورگىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى جەرىمانە قويىدۇ.

55-ماددا مۇھىت شاۋقۇنى چىقارغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت شاۋقۇنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان باشقا تارماق ۋە ئاپپاراتنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ياكى تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا ساختىپەزلىك قىلغانلىرىغا مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت شاۋقۇنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان تارماق ۋە ئاپپارات ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

56-ماددا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇننىڭ 30-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا بوش ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن جايدا ئىشلەش مەنئى قىلىنغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىدىغان ئىمارەت سېلىش كېچىلىك مەشغۇلاتى قىلغانلارنى قۇرۇلۇش بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

57-ماددا بۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماتورلۇق ماشىنىغا ئاۋاز قۇرۇلمىسى ئىشلىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارغا شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى جەرىمانە قويىدۇ.

ماتورلۇق كېمىلەر ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلسا، پورت ئىشلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى جەرىمانە قويىدۇ.

پاراۋوز 1-تارماقتا ئېيتىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلسا، تۆمۈر يول مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

58-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) شەھەر رايونىدىكى شاۋقۇنغا بوش ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن جايدا يۇقىرى ئاۋازلىق رادىئو كانىيى ئىشلەتكەنلەر؛

(2) شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر رايونىدىكى كوچا، مەيدان، باغچا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىدا كۆڭۈل ئېچىش، يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەندە ئاۋاز ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىپ، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان زىيادە يۇقىرى ئاۋاز چىقارغانلار؛

(3) تەدبىر قوللىنىشتا بۇ قانۇننىڭ 46-47-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆي ئىچىدە ئەتراپتىكى ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر كاشىلا قىلىدىغان شاۋقۇن چىقارغانلار.

59-ماددا بۇ قانۇننىڭ 43-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ۋە 44-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

60-ماددا بۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا قىلغانلارنى ج خ ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا ھوقۇقى يۈرگۈزۈشىنى قانۇن بويىچە قارار قىلغان بولسا، شۇ قارار بويىچە بولىدۇ.

61-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش خەۋپىگە ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخس خەۋپ يەتكۈزگۈچىدىن خەۋپنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ زىيان سالغانلار زىياننى قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ.

تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم سوممىسىغا دائىر ماجىرالارنى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان باشقا تارماق ۋە ئاپپارات مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

62-ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ئۇ ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

63-ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) «شاۋقۇن چىقىرىش» شاۋقۇن مەنبەسىدىن ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا شاۋقۇن قويۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

(2)«شاۋقۇنغا بوش ئىمارەتلەر» دوختۇرخانا، مەكتەپ، ئورگان، پەن-تەتقىقات ئورنى، تۇرالغۇ قاتارلىق تىنچلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىمارەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(3) «شاۋقۇنغا بوش ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن رايون» داۋالاش رايونى، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات رايونى ۋە ئورگان ياكى ئاھالە تۇرالغۇسى ئاساس قىلىنغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.

(4) «كېچە» كەچ سائەت 22 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

(5)«ماتورلۇق ماشىنا» ماشىنا ۋە موتسىكلىتنى كۆرسىتىدۇ.

64-ماددا بۇ قانۇن 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1989-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/19/c_131538477_7.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#