شەھەر ئەدەبىياتى

شەھەر ئەدەبىياتى

 شەھەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئەسىر بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى ئايرىپ تۇرغان ئەڭ دەسلەپكى پىروزا ئېقىمى بولۇپ، 15-ئەسىردىن باشلاپ فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدە گۈللىنىپ تەرەققى قىلغان، كېيىنكى كىلاسسىزىم ۋە رومانتىزىم، رىيالىزىم قاتارلىق ئەدەبى ئېقىملارغا چوڭقۇر ئاساس سالغان،  مۇھىم ئەمما پىشمىغان ئەدەبىيات ئېقىمى.

ئۇيغۇرچە شەھەر ئەدەبىياتى
ئىنگىلىزچە city literature
خەنزۇچە 城市文学
تۈرى ئەدەبىيات ئىقىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەھەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئەسىر بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى ئايرىپ تۇرغان ئەڭ دەسلەپكى پىروزا ئېقىمى بولۇپ، 15-ئەسىردىن باشلاپ فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدە گۈللىنىپ تەرەققى قىلغان، كېيىنكى كىلاسسىزىم ۋە رومانتىزىم، رىيالىزىم قاتارلىق ئەدەبى ئېقىملارغا چوڭقۇر ئاساس سالغان،  مۇھىم ئەمما پىشمىغان ئەدەبىيات ئېقىمى.

     ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ياۋروپادا ئىشلەيچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن سودا ئىشلىرىمۇ پەيدىنپەي جانلىنىپ، سودا ـ سېتىق ئىشلىرىغا قۇلايلىق ياتىپ بېرىدىغان شەھەرلەر مەيدانغا كەلگەن. بۇ چاغدا ئىجتىمائىي زىدىيەت تېخخمۇ ئۆتكۈرلەشكەن: دېھقانلار بىلەن يەر ئىگىلىرىنىڭ زىددىيىتىگە يەنە سودىگەرلەر ۋو ئاقسۆگەكلەرنىڭ زىددىيىتى، دېھقانلار بىلەن يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سودىگەرلەرنىڭ زىددىيىتى قوشۇلغان. شەھەر ئەدەبىياتى مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن، روھانىيلار ئەدەبىياتى ۋە رېتسارلار ئەدەبىيەتىغا ئوخشىمىغان ھالدا شەھەر ئەدەبىياتى شەھەر خەلقى مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلەيدىغان ئەدەبىيات ئىدى. ئۇ مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا، روشەن ھالدا دىنىي جەمىيەتكە، فېئوداللىققا قارشى خاھىشقا ئىگە ئىدى.

   شەھەر ئەدەبىياتى ياۋروپادا كاپىتالىستىك شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن،  ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا شەھەر خەلقى تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان بولغانلىقتىن شەھەر ئەدەبىياتى دەپ ئاتالغان. شەھەر ئەدەبىياتى  ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا شەھەر تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىدىيە ـ ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، كۈچلۈك رېئالىستىك تۈسكە ئىگە ئىدى. ئۇ غايىنى قەدىرلەيدىغان، خام خىيالغا كۆپرەك بېرىلىدىغان، رېتسارلار ئەدەبىياتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە ئىدى. شەھەر ئەدەبىياتنىڭ تىلى ئاممىباب، جانلىق بولۇپ، ھەمىشە ھەجۋىي ئۇسۇل قوللىنىلاتتى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ژانىرلىرى قاپىيىلىك ھېكايەتلەر، ساتىرىك داستان، كومېدىيە، مەسەل ۋە ياپما شېئىر قاتارلىقلار. 

    شەھەر ئەدەبىيات فرانسىيىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەر: «ئامىس پوپ» ، « دېھقان، دوختۇر»، «بادران»، «تۈلكە رىنات»، «ئەتىرگۈل ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىقلاردۇر.

    ئوتتۇرا ئەسىر شەھەر ئەدەبىياتى ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ ئويغىنىش دەۋرىدىكى يازغۇچىلارغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە كلاسسىزمغا ئاساس  سالغان. ئەمما، شەھەر ئەدەبىياتنىڭ روشەن كەمچىلىكلىرى بار ئىدى: پېرسوناژلار خاراكتېرى بىرلا خىل، قېلىپلىشىپ قالغان بولغاچقا، رەڭگارەڭ تۇرمۇشنى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان مۇرەككەپ ھالەتلەرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيتتى. مەسىلەن، روھانىيلار ۋە مۇناخلار ھەمىشە ئالدامچى، ئاقسۆڭەكلەر ھەمىشە زوراۋان ۋە ئەخمەق، بايلار ھەمىشە ئاچكۆز، ھىيلىگەر قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، مۇستەسناسىز ھالدا پۈتۈنلەي ئوخشاش قىلىپ قويۇلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەشتاش تورى:شەھەر ئەدەبىياتى 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18491.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#