بۆرە

بۆرە دۆلەتنىڭ 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان. جەمئىي 46 تۈرى، جۇغى ئوتتۇرىھال، مەشىقلەندۈرۈلگەن، ئاغ بارمىقى بىلەن ماڭىدىغان، تېز يۈگۈرىدىغان ھايۋان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بۆرە
خەنزۇچە ئىسمى
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى
ئائىلىسى ئىت ئائىلىسى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Canis lupus laniger، wolf
تارقالغان رايونلار ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقى ۋە شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار ئەترىتى
ئۇرۇقداشلىرى ئىت ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرەبۆرىنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم تار، تەخمىنەن 42 تال چىشى بار. بۆرە چىشى بەش خىل بولىدۇ، كۈرەك چىش، مەرگەن چىش، قوش ئېزىق، ئۆتكۈر چىشى ۋە ئېزىق چىشى بولىدۇ. ئۇنىڭ قوزۇق چىشىدىن تۆتى بار، ئۇلار ئاستى - ئۈستىدە ئىككىدىن، ئولجىنىڭ تېرىسى ئارقىلىق تىشىپ غايەت زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

بۆرىنىڭ تۆت ئۆتكۈر چىشى بار، ئېزىق چىشىمۇ گۆشخورلار تۈرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كەسكۈر چىشلىقلار گۆش ئىشلىتىلىدۇ. 12 دانە ئاستى - ئۈستى ۋە ئالتە دانە چىشى بىر قەدەر كىچىك، بىر نەرسىلەرنى چىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. 

بۆرەكۈل رەڭ بۆرە شىمالىي ئامېرىكا رايۇنلىرىغا بۇرۇن تارقالغان، لېكىن شىمالىي ئامېرىكا پەقەت ئالياسكىدا، ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شىتاتى ۋە چوڭ برىتانىيە كولومبىيىە ئۆلكىسى، چوڭ تۈزلەڭلىك قاتارلىق جايلاردىكى سوغۇق بەلباغ ئوتلاق ۋە ئورمان ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانى. 

جۇڭگو موڭغۇلىيە بىپايان يايلاقلىرىدا يايلاق بۆرىسى بۇرۇن ياشىغان، لېكىن نەچچە يىل ئىلگىرى « بۆرە يوقىتىش ھەرىكىتى » سەۋەپلىك كۆپ قىسىمى تاشقى موڭغۇلىيەگە كۆچۈپ كەتتى. 

بۆرە توپىنىڭ ئوزۇقلۇقى چوڭ تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بولۇپ، تەتقىقاتلاردا مۇنۇلارنى دىيىلدى : بۆرىلەرنى تىزگىنلەش شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىكى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، كۈشەندىسى ئاساسلىق ئىنسانىيەت. 

بۆرەھەر يىلى 2 - ئايلاردىن 4 - ئايلارغىچە بۆرە  چېتىشىشقا باشلايدۇ، بۆرىنىڭ بوغاز بولۇش ۋاقتى تەخمىنەن 63 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغان رايۇنلاردا بۆرە ئىككى ئاي جۈپلىشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىز بولغان رايۇنلاردا بۆرە بولسا تۆت ئاي جۈپلىشىدۇ . كىچىك بۆرە بىر ھەپتە ئەتراپىدا كۆزىنى ئېچىپ، بەش ھەپتىدىن كېيىن سۈتتىن ئايرىيدۇ، سەككىز ھەپتىدىن كېيىن بۆرە توپىغا قۇشۇلىدۇ.  

بۆرە توپ بولۇپ ياشايدۇ، چىشى ئەركەك دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ئەركەك بۆرە بىلەن چىشى بۆرە خىيالىغا كەلگەننى قىلىپ كۆپىيىدۇ، تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان بۆرىلەرنىڭ يەككە ئەركىن تاللاش ھۇقۇقى بولمايدۇ لېكىن بۆرىنىڭ ئادەتتە بىرلا جورىسى بولىدۇ. پەقەت جورىسى ھاسىل بولغان جۈپ بۆرە يەنە، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولىدۇ. ئەگەر بۆرە جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ ناھايىتى تېزلا يېڭى جۆرىلىك مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرىدۇ. چىشى بۆرە بالىلىرىنى يەر ئاستى ئۆڭكۈرىدە تۇغىدۇ، چىشى بۆرە 63 كۈن بوغاز بولۇش مەزگىلى ئارقىلىق، ئۈچ تالدىن توققۇز تالغىچە كىچىك بۆرە تۇغىدۇ، ھەم نەچچە ئون تال تۇغىدۇ. 

بۆرەبۆرە قەدىمكى جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، گۆشخور ھايۋانلار ئىچىدىكى تەدرىجىي تەرەققىياتى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئۈچ خىل ئالىي دەرىجىلىك ھايۋان بولۇپ، تېتا قۇش، شەمشەر چىشلىق يولۋاس، بۆرە، بۈگۈن بىز پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۆرىنىلا كۆرەلەيمىز، ئەمما، تېررورلۇق قۇش ( تېتا قۇشى )، خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5 مىليون يىل ئىلگىرىكى يېڭى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بۆرە چوڭ قۇرۇقلۇقتا يېڭىدىن پەيدا بولغان، ھەمدە بىر مىليون 500 مىڭ يىل ئىلگىرىكى يېڭىلىنىش دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارچىلىنىپ تەرەققى قىلغان. 

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 50 مىليون  يىل يېڭى ھايات ئېراسى دەسلەپكى يېڭىلىنىشى، ھازىرقى زامان گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇششاق چىشلىق ھايۋاننىڭ پەيدا بۇلۇشى، گۆشخور ھايۋانلار ئۇزاق تەدرىجىي تەرەققىيات يولىغا رەسمىي قەدەم قويدى . 

بۆرەدۇنياۋى كەڭ تارقالغان، بىراق نۆۋەتتە بۆرە تارقالغان رايون زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن، بولۇپمۇ شىمالىي ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا. بۆرە مەملىكەت ئىچىدە تەيۋەندە تارقالغان، خەينەن ئارىلى ۋە باشقا بىر قىسىم ئاراللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قايسى ئۆلكە، لېكىن ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇل ۋە شىزاڭ ئاھالىنىڭ نوپۇس زىچلىقى بىر قەدەر كىچىك بولغان رايونلارغا تالقالغان. ياشاش مۇھىتى ۋە ئادىتى بۆرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. ياشاش دائىرسى، ئوتلاق، ئورمانلىق، چۆللۈك، چۆل - باياۋان، ئېتىز، نەم يەر قاتارلىق كۆپ خىل ياشاش مۇھىتى بار. 

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان رايونلارغىمۇ بۇ گۆشخورلار تۈركۈمى ئەڭ كەڭ تارقالغان، ھەتتا بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى پەقەت ئادەم ۋە باشقا ئاز ساندىكى بىر قانچە خىل ھايۋانلار ئاز بولغان رايۇن. شىمالىي يېرىم شارنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، ئوتلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۇندار، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ۋە يوپۇرماق تاشلايدىغان ئورمانلىق، سازلىق ۋە قۇملۇقلاردا ئۇلارنىڭ سايىسى بار. لېكىن بۇنىڭ ئارقىسىدا كۈل رەڭ بۆرە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى : كۆپ ساندىكى رايونلاردا ئۇلار نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. 

 ئىت ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەرمەك ھايۋانلار، ئۇلار كۆندۈرۈلگەن، بۆرە ئەۋلادلىرىدۇر. 

ئىتنىڭ ئەجدادى شەرقىي ئاسىيا بۆرىسى بولۇشى مۇمكىن.

بۆرىلەر توپى خۇددى ئىنسانلارنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشىشىدۇ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ.

لېكىن، باشقا-باشقا جەمەتتىن بولغان ئىككى بۆرە ئۇچرىشىپ قالسا قاتتىق ئېلىشىدۇ. دەسلەپتە، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەچكە، بىر-بىرىگە ھەيۋە قىلىدۇ. ئەگەر ئىككىلا بۆرە بىر-بىرىگە بوي بەرمىسە، ئاخىر قاتتىق ئېلىشىش ئارقىلىق كىمنىڭ كۈچلۈك، كىمنىڭ ئاجىر ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىدۇ.

قاتتىق ئېلىشىش باشلانغاند، ئىككى تەرەپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلغىنىچە ئەڭ ياخشى ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى كۈتۈپ ئۇيان-بۇيان ئايلىنىدۇ. بىر نەچچە رەت ئېلىشىشتىن كېيىن، ئاجىز كېلىپ قالغىنى تېخىمۇ چوڭ زىيان ترتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىرىس قىلىشتىن توختاپ، يېلىنىپ غىڭشىشقا ئۆتىدۇ-دە، قارشىلىشىشتىن توختىغانلىقىنى ۋە يالۋۇرۇپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يەردە ئوڭدىسىغا يېتىپ رەقىبىگە ئاسان زەربىگە ئۇچرايدىغان يېرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ، بۇ چاغدا، ھۇجۇم قىلغۇچىمۇ دەرھال توختاپ، تەسلىم بولغۇچىنىڭ ئالدىدا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە غادىيىپ تۇرىدۇ، لېكىن رەقىبىنى ھەرگىز ئۆلتۈرۈپ قويمايدۇ.

ئاخىر، غەلىبە قىلغۇچى بۇ جەڭدە ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەرگە تازا بىر سىيىۋېتىدۇ، مەغلۇپ بولغان بۆرە قۇيرۇقىنى قىسقان پېتى كېتىپ قالىدۇ.[0]

بۆرە كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان ھايۋان ، يېرىم كېچىدە بىپايان يايلاقلاردا كىشىلەر بۆرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلارپ تۇرىدۇ ھەمدە يىراقتىن خۇددى ياپيىشىل ياقۇتلاردەك جۈپ -جۈپ يېشىل نۇرلارنى كۆرىدۇ . ئۇ ئەسلىدە بۆرىنىڭ كۆزىدىن چىققان نۇردۇر . نېمە ئۈچۈن بۆرىنىڭ كۆزىدىن يېشىل نۇر چىقىدۇ ؟ ئەسلىدە بۆرىنىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ ئاستى قىسمىدا نۇرغۇن ئالاھىدە كرىستال چېكىتلەر بولۇپ ،ناھايىتى كۈچلۈك نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە . بۆرە كىچىسى ھەرىكەت قىلغاندا ، بۇ كرىستال چېكىتلەر ناھايىتى ئاجىز ،تارقاق نۇرلارنى يىغىپ ،ئاندىن نۇر دەستىسى قىلىپ قايتۇرىدۇ ،شۇڭا بۆرىنىڭ كۆزى چاقنىغاندەك كۆرۈنىدۇ .[1]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#