ئەنئەنىۋى زىرائەت پەرۋىشى

ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ئۇلار دېھقانچىلىقنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى يارىتىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىش ۋە ئاشلىق ساقلاشنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى ۋە چارە-تەدبىرلىرىنى ئىختىرا قىلغان

ئۇيغۇرچە نامى ئەنئەنىۋى زىرائەت پەرۋىشى
خەنزۇچە نامى 传统的田间管理

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زىرائەت پەرۋىشى—شىنجاڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقى، دېڭىز-ئوكيانلاردىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ رايوندا ئىچكى قۇرۇقلۇققا خاس تىپىك قۇرغاق ئىقلىم شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت پەسىلنىڭ پەرقى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تارىم بوستانلىقى، ئىلى ۋادىسى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرى ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ئاشلىق ماكانلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز رايونىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئىقلىم شارائىتىغا ئاساسەن، زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىش ۋە ئۇنى زىيانداش ھاشارەتلەردىن ساقلاشنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى يەرلىك ئۇسۇللىرىنى يەرلىك ئۇسۇللىرىنى تاپقان.

دېھقانلار زىرائەتلەر يۇمران مايسا مەزگىلىدە ئۇنىڭ يۇپۇرماقلىرى ۋە غولىدا زىيانداش ھاشارەت ئاسان پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، زىرائەتلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا كۈل چاچىدۇ ياكى ئېتىز بېشىغا كۈلنى دۆۋىلەپ، ئۇنى شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ سورۇيدۇ. نەتىجىدە كۈل زىرائەتكە تەكشى قونۇپ، ئۇنىڭدىكى ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا زىرائەتتىكى «دات» چۈشۈش كېسىلىگىمۇ كۈل چېچىش ئۇسۇلى بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ.

يەنە ھاۋانىڭ تاسادىپىي تىنچىق بولۇشى بىلەن زىرائەتلەر ئۈستىدە قاناتلىق ھاشاراتلار پەيدا بولغاندا، شامال يۆنىلىشىدە تۇرۇپ ئادراسمان چاكاندىسىنى كۆيدۈرۈپ شامال كۈچى بىلەن ئېتىزلىقنى ئىسلاپ قۇرتنى يوقىتىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا ياز ئايلىرى كۆپ چىقىدىغان ئىسسىق شامال دەستىدىن زىرائەتلەردە ئاسانلا «ھال كېسىلى» پەيدا بولىدۇ. بۇنداق پەيتتە تېرەك شاخلىرىنى كېسىپ ئېتىزلىقنىڭ شامال كېلىش يولىغا قاداپ قويىدۇ. بۇ ئىسسىق شامالنىڭ ھال كېلىش يولىنى توسىدۇ ھەمدە بۇ شاخلار ئىسسىق شامالنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ. دېھقانلار ئارىسىدا يەنە ئوخشىغان زىرائەتلەرگە «كۆز تەگمىسۇن» (ماھىيەت ھال چۈشمەسلىك ئۈچۈن) تېرەك شاخلىرىنىڭ ئۇچىغا قۇراق لاتىلاردىن تىكىلگەن قورچاق ئېسىپ قويۇش ئۇدۇمىمۇ بار.

چېكەتكە زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغاچقا، دېھقانلار چېكەتكە يوقىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چېكەتكىنىڭ پەيدا بولۇش، كۆپىيىش ۋاقتىنى 9-10 ئايلار دەپ بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ توغۇش ئورنى ئوتلاق ياكى يۇمشاق توپا ئارىلىرى بولغاچقا، چېكەتكە توغۇش مەزگىلىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئۇۋىسىنى قېزىپ يوقىتىدۇ. يوقالمىغان چېكەتكىلەر 4-، 5-ئايلاردا ئۇۋىسىدىن چىقىپ زىرائەتكە ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇنداق چېكەتكىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەر يۈز قەدەمگە بىر غۇلاچ كەڭلىكتە، بىر مېتر چوڭقۇرلۇقتا ئورا كولاپ، كىشىلەر ھەر تەرەپتىن چېكەتكىلەرنى قوغلاپ ئورىغا قامايدۇ. ئاندىن ئورىغا ئوت قويۇپ، چېكەتكىلەرنى ئوتتا ئۆرتەپ يوقىتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#