تۇرپان مۇزېي
تۇرپان مۇزېي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى نىڭ ئىدىقۇت يولىغا جايلاشقان بۇلۇپ، 1965-يىلى قۇرۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇرپان مۇزېي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى نىڭ ئىدىقۇت يولىغا جايلاشقان بۇلۇپ، 1965-يىلى قۇرۇلغان.
ھازىرقىسى يېڭىدىن سېلىنغان. يەر كۆلىمى 7000 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا. كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 3000 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا.
مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 5000 خىلدىن ئاشىدۇ. ئاساسىي كۆرگەزمىلەردىن «تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» نۇرغۇنلقىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق تۇرپاننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىنى نامايەن قىلىدۇ.
«قەدىمكى جەسەتلەر كۆرگەزمىسى» تۇرپاننىڭ ئالاھىدە ئىقلىم شارائىتى ئاستىدا شەكىللەنگەن تەن ئەۋرىشكىلىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.
«كەركىدان كۆرگەزمىسى» دە بىر دانە كەركىداننىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى بىلەن يۇرا دەۋرىدىكى قۇرۇقلۇق زومىگىرى دىنازاۋۇرنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى قۇيۇلغان بۇلۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 70 مىليون يىل ۋە 24 مىليون يىل بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.