ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى

ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» 1997-يىلى 7–ئاينىڭ 3–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1997-يىلى 7–ئاينىڭ 3–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1998-يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国动物防疫法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó dòng wù fáng yì fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2013-يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىسمانىي ساغلاملىق، جامائەت ساغلاملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (17–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» 2007–يىلى 8–ئاينىڭ 30–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 29–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى. 2008–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2007–يىلى 8–ئاينىڭ 30–كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» 1997-يىلى 7–ئاينىڭ 3–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2007–يىلى 8–ئاينىڭ 30–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 29–يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماقۇللانغان.

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-سانلىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ماقۇللانغان.

54-ماددا 1-تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «دۆلەت كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، مال دوختۇرلۇققا دائىر كەسىپتە ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرسىدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار، كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ، ھايۋانات داۋالايدىغانلار شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى ئېلىش ۋە رويخەتكە ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ كادىرلار ئىشلىرى ھۆكۈمەت تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ».

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىسمانىي ساغلاملىق، جامائەت ساغلاملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ.

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان ھايۋانات ئۆسۈملۈك كارانتىن قانۇنى» تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى ۋە قولدا بېقىلغان، قانۇنلۇق تۇتۇلغان باشقا ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ھايۋاناتنىڭ گۆشى، تېرىسى، يۇڭى، تىۋىتى، ئىچكى ئەزاسى، يېغى، قېنى، ئىسپېرمىسى، تۇخۇمى، تۆرەلمىسى، ئۇستىخىنى، تۇيىقى، بېشى، مۈڭگۈزى، سىڭىرى شۇنىڭدەك ھايۋانات يۇقىمى تارقىتىش ئېھتىمالى بولغان سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات يۇقۇمى ھايۋاناتتا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى، پارازىت قۇرت كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا باشقۇرۇلىدىغانلىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمى باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ:

(1) 1-خىل يۇقۇم ئادەم ۋە ھايۋاناتقا ئېغىر خەۋپى بولغانلىقتىن، جىددىي، كەسكىن ھالدا مەجبۇرىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، يوقىتىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

(2() 2-خىل يۇقۇم زور ئىقتىسادىي زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن، قاتتىق تىزگىنلەش-يوقىتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

(3) 3-خىل يۇقۇم دائىم ئۇچرايدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان، زور ئىقتىسادىي زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن، تىزگىنلەش ۋە تازىلاشقا توغرا كېلىدىغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى 1–، 2–، 3-خىل ھايۋانات يۇقۇمىغا ياتىدىغان كونكرېت كېسەل نامى تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

5-ماددا دۆلەت ھايۋانات يۇقۇمىدا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى، ئاساسىي قاتلام ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە يولغا قويۇشى كېرەك.

يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەردىكى كوچا باشقارمىلىرى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئاممىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

7–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا تارماقلىرى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ھايۋانات ساقلىقىنى نازارەت قىلىدىغان فۇنكسىيىلىك تارمىقى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئۆزى بېقىپ ئىشلىتىدىغان ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرغان ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتى ۋە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشقا دائىر باشقا خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال ئاپپارات قۇرۇش پرىنسىپىغا بىنائەن، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى قۇرىدۇ. بۇ ئاپپارات ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇش، ئېپىدېمولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، يۇقۇمنى مەلۇم قىلىش خىزمىتى شۇنىڭدەك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە ئوخشاش باشقا تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

10–ماددا دۆلەت ھايۋانات يۇقۇمىغا دائىر پەن تەتقىقاتىغا شۇنىڭدەك خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالاقىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ. ئىلغار ھەم ياراملىق پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىدۇ. ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ئىلمىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

11-ماددا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىدە ۋە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە پەن تەتقىقاتىدا نەتىجە ياراتقان، تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ھايۋانات يۇقۇمى خەۋپ -خەتىرىنى باھالايدۇ. باھالاش نەتىجىسىگە قاراپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھايۋانات يۇقۇمىغا، باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىغا قاراپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكا قائىدىسىنى ۋاقتىدا تۈزىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

13–ماددا دۆلەت باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىنىدىغان ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ تۈرى ۋە رايونىنى بېكىتىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ھايۋانات يۇقۇمى بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنى تۈزىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ھايۋانات يۇقۇمى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە شۇ مەمۇرىي رايوندا ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىنىدىغان ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ تۈرى ۋە رايونىنى كۆپەيتىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

14–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ھايۋانات يۇقۇمى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەر كوچا باشقارمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ھايۋانات باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

ھايۋانات باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ھايۋانات يۇقۇمىنى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىتىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلانغان ھايۋاناتقا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىممۇنىتېت ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، چارۋا -قۇش بەلگىسى سېلىپ، سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇشى كېرەك.

15–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھايۋانات يۇقۇمىنى تەكشۈرۈش تورى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك.

ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ھايۋانات يۇقۇمى پەيدا بولۇش، تارقىلىشتەك ئەھۋاللارنى كۆزىتىشى كېرەك؛ ھايۋاناتنى باقىدىغان، سويىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئايرىۋېتىدىغان، توشۇيدىغان شۇنىڭدەك ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، پىششىقلايدىغان ۋە ساقلايدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر رەت قىلماسلىقى ياكى توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

16–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش ئەھۋالىغا دائىر مۆلچەرگە ئاساسەن، ھايۋانات يۇقۇمىدىن ۋاقتىدا سىگنال بېرىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھايۋانات يۇقۇمى سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

17–ماددا ھايۋاناتنى باقىدىغان، سويىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئايرىۋېتىدىغان، توشۇيدىغان شۇنىڭدەك ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، پىششىقلايدىغان ۋە ساقلايدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىممۇنىتېتلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

18–ماددا نەسىللىك، سۈتلۈك ھايۋانلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلار گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ساغلاملىق ئۆلچىمىگە توشۇشى كېرەك. نەسىللىك، سۈتلۈك ھايۋانلارنى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا قەرەللىك تەكشۈرتىش كېرەك؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

19–ماددا ھايۋاناتنى باقىدىغان (كۆپەيتىدىغان) ۋە ئايرىۋېتىدىغان، سويىدىغان شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرىدىغان سورۇنلار تۆۋەندىكى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) سورۇننىڭ ئاھالىلەر تۇرمۇش رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە توشقان بولۇش؛

(2) ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ قامال قىلىپ ئايرىۋېتىلىشى، قۇرۇلۇش لايىھىسى ۋە تېخنولوگىيىلىك تەرىپى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(3) پاسكىنا سۇ، بۇلغىما، كېسەل تېگىپ ئۆلگەن ھايۋانات، يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرىدىغان ۋە يۇيۇپ دېزىنفېكسىيىلەيدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(4) ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛

(5) مۇكەممەل ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە تۈزۈمى بولۇش؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىگە دائىر باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇش.

20–ماددا ھايۋاناتنى باقىدىغان (كۆپەيتىدىغان) ۋە ئايرىۋېتىدىغان، سويىدىغان شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرىدىغان سورۇن قۇرۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىگە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتى لاياقەتنامىسى بېرىشى؛ ئۆتەلمىگەنلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىلىدىغانلىرىدا، ئىلتىماس قىلغۇچى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتى لاياقەتنامىسىنى ئېلىپ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتى لاياقەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامى، فېرما (زاۋۇت) ئادرېسى قاتارلىقلارنى يېزىش كېرەك.

ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى بازىرى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتىنى ھازىرلىشى ھەمدە ھايۋانات ساقلىقىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

21–ماددا ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قورالى، سېلىنچىسى، ئورۇسى، قاچىسى قاتارلىقلار گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ھايۋانات ۋە ئۇلارنىڭ چىقىرىندىسى، يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ھايۋانات مەھسۇلاتى، كېسەل تېگىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋانات تاپى، توشۇش قورالىدىكى ھايۋانات چىقىرىندىسى شۇنىڭدەك سېلىنچا، ئورۇ، قاچا قاتارلىقلاردىكى بۇلغىمىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خالىغانچە بىر ياقلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

22-ماددا ھايۋاناتنىڭ كېسەللىك ماتېرىيالىنى ياكى كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش شۇنىڭدەك كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار بويىچە تەتقىق قىلىش، ئوقۇتۇش، تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇشتا، دۆلەتنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزمنى تەجرىبىخانىدا باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

23–ماددا ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھايۋاناتنى داۋالىسا شۇنىڭدەك ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ھايۋاناتنى باقسا، سويسا، تىجارەت قىلسا، ئايرىۋەتسە، توشۇسا بولمايدۇ.

ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

24–ماددا دۆلەت ھايۋانات يۇقۇمىنى رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمى يوق رايوننى پەيدىنپەي قۇرىدۇ. بەلگىلىگەن ھايۋانات يۇقۇمى يوق رايون گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئۇ، گوۋۇيۈەن مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمى يوق رايون تەبىئىي توساق بولغان ياكى تەدبىر قوللىنىلغانلىقتىن، بەلگىلەنگەن بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل ھايۋانات يۇقۇمى مەلۇم مەزگىلگىچە پەيدا بولمىغان ھەمدە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان رايوننى كۆرسىتىدۇ.

25–ماددا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھايۋاناتنى سويۇش، تىجارەت قىلىش، توشۇش ۋە تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھايۋانات مەھسۇلاتىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) قامال قىلىنغان يۇقۇم رايونىدا كۆرۈلگەن ھايۋانات يۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى؛

(2)يۇقۇم رايوندا ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلار؛

(3) قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىنىدىغان بولسىمۇ كارانتىن قىلىنمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەنلىرى؛

(4) يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىرى؛

(5) كېسەل تېگىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلىرى؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىگە دائىر باشقا بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى.

3-باب ھايۋانات يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىش، خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش

26–ماددا ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىدىغان، پرىيوم-كارانتىن قىلىدىغان، يۇقۇملۇق كېسەلنى تەتقىق قىلىدىغان، داۋالايدىغان شۇنىڭدەك باقىدىغان، سويىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئايرىۋېتىدىغان ۋە توشۇيدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ھايۋاناتقا يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىغانلىرى شۇ جايدىكى مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى، ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ياكى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئايرىۋېتىش قاتارلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر ھايۋاناتقا يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىسا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ھايۋانات يۇقۇمى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇن ۋاقتىدا زۆرۈر تىزگىنلەش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

27–ماددا ھايۋانات يۇقۇمىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بېكىتىشىگە يوللايدۇ.

28–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىدىن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى، ئارمىيىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى شۇنىڭدەك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛ ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ۋە سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بىر -بىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلىتىمىز تۈزۈشكە ياكى قاتناشقان شەرتنامە، كېلىشىم بويىچە، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ياكى سودا قىلىۋاتقان تەرەپلەرنى ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

29–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ھايۋانات يۇقۇمىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارماقلىرىغا شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ھايۋانات يۇقۇمىنى ئېلان قىلىشقا ھوقۇق بەرسىمۇ بولىدۇ. باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

30–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ھايۋانات يۇقۇمىنى يوشۇرسا، يالغان مەلۇم قىلسا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلسا، چالا مەلۇم قىلسا ياكى باشقىلارنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشىغا يول كۆرسەتسە ۋە ھايۋانات يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ.

4-باب ھايۋانات يۇقۇمىنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش

31–ماددا 1-خىل ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە تۆۋەندىكى تىزگىنلەش، يوقىتىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك:

(1) شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى نەق مەيدانغا دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان رايوننى ئايرىپ ۋە يۇقۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىشنى ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. يۇقۇم رايونى ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە بولسا، ئالاقىدار مەمۇرىي رايونلار قارايدىغان بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىدۇ ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي رايونلارنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇم رايونىنى بىرلىكتە قامال قىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنى يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

(2)ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارنى دەرھال تەشكىللەپ، قامال قىلىش، ئايرىۋېتىش، ئۆلتۈرۈۋېتىش، كۆيدۈرۈۋېتىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، زىيانسىزلاشتۇرۇش، جىددىي ئىممۇنىتېتلىق ئەملەش قاتارلىق مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنى تېزدىن يوقىتىشى كېرەك.

(3) قامال مەزگىلىدە يۇقۇملۇق كېسەل، گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ۋە ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ھايۋانات، ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ يۇقۇم رايونىدىن چىقىپ كېتىشى، يۇقۇمسىز رايوندىكى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ھايۋاناتنىڭ يۇقۇم رايونىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ ھەم ھايۋانات يۇقۇمىنى يوقىتىش ئېھتىياجىغا قاراپ، يۇقۇم رايونىغا كىرىدىغان چىقىدىغان ئادەم، توشۇش قورالى شۇنىڭدەك ئالاقىدار بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە باشقا چەكلەش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.

32–ماددا 2 -خىل ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە تۆۋەندىكى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك:

(1) شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان رايوننى ئايرىشى كېرەك.

(2) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئايرىۋېتىش، ئۆلتۈرۈۋېتىش، كۆيدۈرۈۋېتىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، زىيانسىزلاندۇرۇش، جىددىي ئىممۇنىتېتلىق ئەملەش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار بۇيۇملارنى چىقىرىش كىرگۈزۈشنى چەكلەش قاتارلىق تىزگىنلەش، يوقىتىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

33 -ماددا يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونى، تەھدىتكە ئۇچرىغان رايوننى بىكار قىلىش ۋە يۇقۇم رايونىنى قامال قىلىش قارارىنى بىكار قىلىشنى ئەسلىي قارار قىلغان ئورگان گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم ۋە تەرتىپ بويىچە باھالىغاندىن كېيىن قارار قىلىدۇ ۋە جاكارلايدۇ.

34–ماددا 3 -خىل ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە شۇ جايدىكى ناھىيىلىك، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە تازىلاشقا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

35–ماددا 2 -، 3 -خىل ھايۋانات يۇقۇمى بىردىنلا ئەدەپ كەتكەندە، 1 -خىل ھايۋانات يۇقۇمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

36–ماددا ھايۋانات يۇقۇمىنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن، ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى شۇ جايدا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا ئادەم قاتناشتۇرۇشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ھايۋانات ساقلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان ۋاقىتلىق پونكىت قۇرۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

37–ماددا ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلگەندە، سەھىيە مەسئۇل تارمىقى يۇقۇم رايونىدىكى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەرنى كۆزىتىشنى تەشكىللىشى ھەم ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

38–ماددا يۇقۇم رايونىدىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ھايۋانات يۇقۇمىنى تىزگىنلەش، يوقىتىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە چىقارغان بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە ئايرىۋېتىلگەن، پېچەتلەنگەن، بىر تەرەپ قىلىنغان ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتىنى يوشۇرۇشىغا، يۆتكىۋېتىشىگە، ئوغرىلىقچە قېزىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

39–ماددا ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە، ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى قاتارلىق ترانسپورت تارماقلىرى يۇقۇمنى تىزگىنلەش، يوقىتىش خادىملىرىنى ۋە ئالاقىدار ماددىي ئەشيالارنى ئاۋۋال توشۇشى كېرەك.

40–ماددا 1-، 2 -ۋە 3 -خىل ھايۋانات يۇقۇمى تۇيۇقسىز كۆرۈلۈپ، تېز تارقىلىپ، باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان، ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جامائەتنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

5-باب ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش

41–ماددا ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى مۇشۇ قانۇن ۋە گوۋۇيۈەن مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كارانتىن قىلىدۇ.

ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىدىكى ھۆكۈمەت مال دوختۇرلىرى كونكرېت كارانتىن قىلىدۇ. ھۆكۈمەت مال دوختۇرلىرى بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىدىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھۆكۈمەت مال دوختۇرلىرى بەلگىلەنگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىغان ھەم مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى تەيىنلىگەن، كارانتىن ئىسپاتى قاتارلىق ئىسپاتلارنى بېرىدىغان دۆلەت مال دوختۇرلۇق خادىملىرىنى كۆرسىتىدۇ.

42–ماددا ھايۋاناتنى سويۇش، سېتىش ياكى توشۇش، شۇنىڭدەك ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ياكى توشۇشتىن ئىلگىرى، مال ئىگىسى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شۇ جايدىكى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا كارانتىن قىلدۇرۇشى كېرەك.

ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى كارانتىن قىلدۇرۇش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت مال دوختۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئەۋەتىپ، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى نەق مەيداندا كارانتىن قىلىشى كېرەك؛ كارانتىندىن ئۆتكەنلىرىگە كارانتىن ئىسپاتى بېرىشى، كارانتىن بەلگىسى قويۇشى كېرەك. نەق مەيداندا كارانتىن قىلغان ھۆكۈمەت مال دوختۇرى كارانتىن ئىسپاتى ۋە كارانتىن بەلگىسىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى ھەم كارانتىن نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

43–ماددا سويىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، توشۇيدىغان شۇنىڭدەك كۆرگەزمىگە، ئويۇن قويۇشقا ۋە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان ھايۋاناتنىڭ كارانتىن ئىسپاتى بولۇشى كېرەك؛ تىجارەت قىلىدىغان ۋە توشۇيدىغان ھايۋانات مەھسۇلاتىنىڭ كارانتىن ئىسپاتى ۋە كارانتىن بەلگىسى بولۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ كارانتىن ئىسپاتى ۋە كارانتىن بەلگىسىنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەكشۈرسە، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرسە بولىدۇ، لېكىن تەكرار كارانتىن قىلىپ ھەق ئالسا بولمايدۇ.

44 -ماددا ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولى ئارقىلىق توشۇشتا توشۇتقۇچى كارانتىن ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ كارانتىن ئىسپاتى بولمىغانلىرىنى توشۇغۇچى توشۇماسلىقى كېرەك. قاچىلاشتىن بۇرۇن ۋە چۈشۈرگەندىن كېيىن، توشۇش قوراللىرىنى ۋاقتىدا يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

45–ماددا بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمى يوق رايونغا ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشتە، مال ئىگىسى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمى يوق رايوندىكى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا كارانتىن قىلىشنى مەلۇم قىلىشى، كارانتىندىن ئۆتكەنلىرىنى كىرگۈزۈشى كېرەك؛ كارانتىن خىراجىتىنى بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمى يوق رايوندىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

46–ماددا باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن سۈتلۈك، نەسىللىك ھايۋانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسپېرمىسى، تۆرەلمىسى، تۇخۇمىنى كىرگۈزۈشتە، كىرگۈزىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىپ تەستىق رەسمىيىتى ئۆتەش ھەم مۇشۇ قانۇننىڭ 42–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كارانتىن ئىسپاتى ئېلىش كېرەك.

باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن كىرگۈزۈلگەن سۈتلۈك، نەسىللىك ھايۋانلار كىرگۈزىدىغان جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، مال ئىگىسى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كىرگۈزگەن سۈتلۈك، نەسىللىك ھايۋانلارنى ئايرىپ كۆزىتىشى كېرەك.

47–ماددا تۇتۇۋېلىنغان، ھايۋانات يۇقۇمى تارقىتىش ئېھتىمالى بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇۋېلىنغان جايدىكى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا كارانتىن قىلدۇرۇپ، كارانتىندىن ئۆتكەنلىرىنى بېقىش، تىجارەت قىلىش ۋە توشۇش كېرەك.

48–ماددا كارانتىندىن ئۆتەلمىگەن ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنىڭ ئىگىسى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ نازارىتىدە گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى مال ئىگىسى چىقىرىدۇ.

49–ماددا قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىپ ھەق ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭ تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە باھا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

6-باب ھايۋانات داۋالاش

50–ماددا ھايۋانات داۋالاش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1)ھايۋانات داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەم ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سورۇنى بولۇش؛

(2) ھايۋانات داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كەسپىي مال دوختۇرى بولۇش؛

(3)ھايۋانات داۋالاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان مال دوختۇرلۇق ئەسۋابى ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(4) مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش.

51–ماددا ھايۋانات داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەرگە ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسى بېرىشى؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى ھەم سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ئۆتەپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن ھايۋانات داۋالىسا بولىدۇ.

52–ماددا ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسىگە داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ نامى، داۋالاش دائىرىسى، ئورنى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى (مەسئۇل) قاتارلىقلارنى يېزىش كېرەك.

ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسىگە يېزىلغان مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىدىغانلار ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىپ ياكى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەم قانۇن بويىچە سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

53–ماددا ھايۋانات داۋالاش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، داۋالاش داۋامىدىكى ساقلىقنى ساقلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئايرىۋېتىش، داۋالاش تاشلاندۇقىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

54–ماددا دۆلەت كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. مال دوختۇرلۇققا ئائىت كەسىپتە ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرسىدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغانلار كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرگە گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ؛ ھايۋانات داۋالايدىغانلار شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىشنىمۇ ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. كەسپىي مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى ئېلىش ۋە رويخەتكە ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ تۈزىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كەسپىي مال دوختۇرى ھايۋانات داۋالاش، ھايۋانات ساقلىقىنى ساقلاشقا ئوخشاش تىجارەت بىلەن، شۇغۇللىنىدىغان مال دوختۇرىنى كۆرسىتىدۇ.

55 -ماددا رويخەتكە ئېلىنغان كەسپىي مال دوختۇرلىرى ھايۋانات داۋالىسا، ھايۋانات دورىسى رېتسېپى يازسا بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 57–ماددىسىدا يېزا مال دوختۇرلىرى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

كەسپىي مال دوختۇرلىرى، يېزا مال دوختۇرلىرى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىشقا قاتنىشىشى كېرەك.

56–ماددا ھايۋانات داۋالاشتا ھايۋانات داۋالاشقا ئائىت مەشغۇلات تېخنىكا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھايۋانات دورىسى ۋە مال دوختۇرلۇق ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

57–ماددا يېزا مال دوختۇرلىرى يېزىلاردا ھايۋانات داۋالىسا بولىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

7-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

58–ماددا ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھايۋانات بېقىش، سويۇش، تىجارەت قىلىش، ئايرىۋېتىش، توشۇش، شۇنىڭدەك ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، پىششىقلاش، ساقلاش ۋە توشۇش قاتارلىقلاردا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

59–ماددا ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر رەت قىلسا ياكى توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ:

(1)ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش؛

(2) يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ھايۋانات، ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئايرىۋېتىش، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛

(3) قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىنىدىغان بولسىمۇ، كارانتىن قىلىنمىغان ھايۋاناتنى تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش؛

(4)قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىنىدىغان بولسىمۇ، كارانتىن قىلىنمىغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىدىن تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرىنى تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش، تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىش؛

(5) كارانتىن ئىسپاتى، كارانتىن بەلگىسى ۋە چارۋا-قۇش بەلگىسىنى تەكشۈرۈش؛

(6) ئالاقىدار سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېتىلىش؛

ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا قاراپ شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن بېكەت، ۋوگزال، پورت، ئايرودروم قاتارلىق ئالاقىدار سورۇنلاردا ھۆكۈمەت مال دوختۇرى تۇرغۇزسا بولىدۇ.

60–ماددا ھۆكۈمەت مال دوختۇرى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، بىرلىككە كەلگەن بەلگە تاقىشى كېرەك.

ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىجارەتلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ھەق ئالماسلىقى كېرەك.

61–ماددا كارانتىن ئىسپاتى، كارانتىن بەلگىسى ياكى چارۋا-قۇش بەلگىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ياسىۋېلىش ياكى ئۆزگەرتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

كارانتىن ئىسپاتى، كارانتىن بەلگىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇلۇق مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ.

8-باب كاپالەت تەدبىرى

62–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

63–ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەنت دەرىجىلىك يۇقۇم مۇداپىئە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ يېزا بازار ياكى مۇئەييەن رايوندا مال دوختۇرلۇقى ئاپپاراتى قۇرسا بولىدۇ.

64–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيىسى بويىچە، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش، يوقىتىش، كارانتىن قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزىدۇ.

65–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھايۋانات يۇقۇمىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك يۇقۇم مۇداپىئە ئەشياسىنى زاپاس ساقلىشى كېرەك.

66 -ماددا ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش، يوقىتىش جەريانىدا مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانات، مەجبۇرىي كۆيدۈرۈلگەن ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. تولۇقلىما بېرىشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ھايۋانات ئۈچۈن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. تولۇقلىما بېرىشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

67–ماددا ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، كارانتىن قىلىدىغان، نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان، يۇقۇمنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىدىغان شۇنىڭدەك خىزمەتتە ھايۋانات يۇقۇمى پاتوگىنى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلارغا ئالاقىدار ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۈنۈملۈك سەھىيە مۇھاپىزەت تەدبىرى ۋە سالامەتلىك ئاسراش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

9-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

68–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

69–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، يوقىتىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانمىغانلار؛

(2) شەرتكە توشمايدىغانلارغا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتى لاياقەتنامىسى، ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسى بەرگەنلەر ياكى شەرتكە توشىدىغانلارغا ھايۋانات يۇقۇمى مۇداپىئە شەرتى لاياقەتنامىسى، ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسى بەرمىگەنلەر؛

(3) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

70–ماددا ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) نەق مەيداندا كارانتىن قىلىنمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتمىگەن، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتىغا كارانتىن ئىسپاتى بەرگەن، كارانتىن بەلگىسى قويغانلار ياكى كارانتىندىن ئۆتكەن ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتىغا كارانتىن ئىسپاتى بەرمىگەن، كارانتىن بەلگىسى قويمىغانلار؛

(2) كارانتىن ئىسپاتى، كارانتىن بەلگىسى بار ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتىنى تەكرار كارانتىن قىلغانلار؛

(3) ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار تىجارەتلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلار ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى، باھا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدىن سىرت ئۈستىلەپ ھەق ئالغان ۋە تەكرار ھەق ئالغانلار؛

(4) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

71–ماددا ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1)ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار ياكى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلار؛

(2) ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دىئاگنوز قويمىغانلار، تەكشۈرمىگەنلەر؛

(3) مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

72–ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن ھايۋانات يۇقۇمىنى مەلۇم قىلمىغان، يالغان مەلۇم قىلغان، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان، چالا مەلۇم قىلغان ياكى باشقىلارنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى مەلۇم قىلماسلىقى، يالغان مەلۇم قىلىشى، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشىغا يول كۆرسەتكەنلىرى شۇنىڭدەك ھايۋانات يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

73–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىدۇ، بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا چىقارغۇزىدۇ، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

(1) بېقىۋاتقان ھايۋاناتنى ھايۋانات يۇقۇمى بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىغا بىنائەن ئىممۇنىتېتلىق ئەملىمىگەنلەر؛

(2)نەسىللىك، سۈتلۈك ھايۋانلاردىن تەكشۈرۈتۈلمىگەنلىرى ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(3) قاچىلاشتىن بۇرۇن ۋە چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قورالىنى ۋاقتىدا يۇمىغان، دېزىنفېكسىيە قىلمىغانلار.

74–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلانغان ھايۋاناتقا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىممۇنىتېتلىغانلىق ئارخىپى تۇرغۇزمىغان، چارۋا قۇش بەلگىسى قويمىغانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چارۋىچىلىق قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

75–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ھايۋانات ۋە ئۇنىڭ چىقىرىندىلىرىنى، يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى، كېسەل تېگىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھايۋانات تاپلىرىنى، توشۇش قورالىرىدىكى ھايۋانات چىقىرىندىسىنى، شۇنىڭدەك سېلىنجا، ئورۇ، قاچا قاتارلىق بۇلغىمىلارنى، كارانتىندىن ئۆتمىگەن باشقا ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر ياقلىق قىلمىغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى زىيانسىزلاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىغا چىقارغۇزىدۇ، 3000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

76–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 25–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھايۋانات سويغان، تىجارەت قىلغان، توشۇغان ياكى ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغان، پىششىقلىغان، ساقلىغان ۋە توشۇغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە، ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ۋە ھايۋاناتنى، ھايۋانات مەھسۇلاتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، كارانتىندىن ئۆتكەن شۇ خىلدىكى ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتى قىممىتى سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئۇلاردىن قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىنىدىغان بولسىمۇ، كارانتىن قىلدۇرمىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 78–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

77 -ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. 1000يۈەندىن يۇقىرى، 10مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1)ھايۋانات باقىدىغان (كۆپەيتىدىغان)ۋە ئايرىۋېتىدىغان، سويىدىغان، شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى زىيانسىزلاندۇرىدىغان سورۇن قۇرۇشتا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتى لاياقەتنامىسى ئالمىغانلار؛

(2)تەستىقلاتماي تۇرۇپ باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن سۈتلۈك، نەسىللىك ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسپېرمىسى، تۆرەلمىسى، تۇخۇمىنى كىرگۈزۈلگەنلەر؛

(3) كارانتىن قىلدۇرماي تۇرۇپ بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمى يوق رايونغا ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈلگەنلەر.

78–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سويغان، تىجارەت قىلغان، توشۇغان ھايۋاناتقا كارانتىن ئىسپاتى ئالمىغانلار، تىجارەت قىلغان ۋە توشۇغان ھايۋانات مەھسۇلاتىغا كارانتىن ئىسپاتى ئالمىغان، كارانتىن بەلگىسى قويمىغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. كارانتىندىن ئۆتكەن شۇ خىلدىكى ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتى قىممىتى سوممىسىنىڭ %10ىدىن يۇقىرى، %50ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال ئىگىسىدىن باشقا توشۇغۇچىغا كىرا ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كۆرگەزمىگە، ئويۇنغا ۋە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان ھايۋاناتقا كارانتىن ئىسپاتى ئالمىغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. 1000يۈەندىن يۇقىرى، 3000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

79–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارانتىن ئىسپاتى، كارانتىن بەلگىسى ياكى چارۋا-قۇش بەلگىسى ئۆتۈنۈپ بېرىلسە، ياسىۋېلىنسا ياكى ئۆزگەرتىۋېلىنسا، ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى قىلمىشچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. كارانتىن ئىسپاتى، كارانتىن بەلگىسى ياكى چارۋا-قۇش بەلگىسىنى يىغىۋالىدۇ، قوشۇمچە 3000يۈەندىن يۇقىرى، 30مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

80–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. 1000يۈەندىن يۇقىرى، 10مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى تىزگىنلەش، يوقىتىش ھەققىدە قانۇن بويىچە چىقارغان بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2)قانۇن بويىچە ئايرىۋېتىلگەن، پېچەتلەنگەن، بىر تەرەپ قىلىنغان ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتىنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، ئوغرىلىقچە قېزىۋالغانلار؛

(3) ھايۋانات يۇقۇمىنى ئېلان قىلغانلار.

81–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ھايۋانات داۋالىغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى داۋالاشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 3000يۈەندىن يۇقىرى، 30مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ھايۋانات داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھايۋانات يۇقۇمىنى كېڭەيتىۋەتكەنلىرىنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ھايۋانات داۋالاش ئىجازەتنامىسىنى شۇ ئىجازەتنامىنى بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

82–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە خىلاپلىق قىلىپ، مال دوختۇرلۇق كەسپىنى رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ ھايۋانات داۋالىغانلارنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ھايۋانات داۋالاشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قوشۇمچە 1000يۈەندىن يۇقىرى، 10مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

كەسپىي مال دوختۇرلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ. ھايۋانات داۋالاشنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ رويخەت گۇۋاھنامىسىنى شۇ گۇۋاھنامىنى بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

(1) ھايۋانات داۋالاشقا دائىر مەشغۇلات-تېخنىكا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنى تارقىتىۋەتكەن، يامرىتىۋەتكەنلەر ياكى شۇنداق ئېھتىمالنى پەيدا قىلغانلار؛

(2)دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھايۋانات دورىسى ۋە مال دوختۇرلۇق ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛

(3) ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش، يوقىتىشتا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مال دوختۇرلۇق تارمىقىنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

83-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنى تەتقىق قىلغان، داۋالىغان ۋە ھايۋانات باققان، سويغان، تىجارەت قىلغان، ئايرىۋەتكەن، توشۇغان شۇنىڭدەك ھايۋانات مەھسۇلاتى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغان، پىششىقلىغان، ساقلىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ھايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەندە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇنغا 1000يۈەندىن يۇقىرى، 10مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان شەخسكە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

(1) ھايۋانات يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىگە دائىر ماتېرىياللارنى ئەينەن بەرمىگەنلەر؛

(3) ھەيۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار؛

(4)ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار.

84–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى ۋە يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقىلارنى جىسمانىي جەھەتتە، مال-مۈلۈك جەھەتتە زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

10–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

85–ماددا بۇ قانۇن 2008–يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/84085.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#