رەڭلىك كىيىم

ھازىرقى زامان ئۇرۇش فىلىملىرىدا يوشۇرۇنۇپ بۇيرۇق كۈتۈۋاتقان قىسىمدىكىلەرنىڭ ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز، مانا بۇ «رەڭلىك كىيىم» دۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھازىرقى زامان ئۇرۇش فىلىملىرىدا يوشۇرۇنۇپ بۇيرۇق كۈتۈۋاتقان قىسىمدىكىلەرنىڭ ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز، مانا بۇ «رەڭلىك كىيىم» دۇر. بۇ خىل كىيىم مۇھىتى ئۆزگىرىشچان ئورمانلاردا «ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى»، «لازېرلىق رازۋېدكا ئەسۋابى» نىڭ كۆزىنى غۇۋالاشتۇرۇپ، ئۇلارنى «كۆزى ئوچۇق قارىغۇ» غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

ھەربىي فورما رېڭى رەڭلىك كىيىمنىڭ رازۋېدكىغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ. بۇ تۈرلۈك رەڭلەر ئىچىگە بىر خىل پەۋقۇلئاددە خىمىيىۋى ماددا ئارىلاشتۇرۇلغان، بۇ خىل بوياق ئىشلىتىلگەن كىيىملەرنىڭ ئىنفرا قىزىل نۇر دولقۇنىنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئەتراپتىكى تەبىئىي شەيئىلەرنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رەڭلىك كىيىمگە ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، ھەربىي فورمىنىڭ رېڭى ئەتراپتىكى تەبىئىي مۇھىتنىڭكىگە ئاساسەن يېقىنلىشىدۇ. 

2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم رەڭلىك كىيىمنى ئىشلەتكەن، ئەينى چاغدا «ئۈچ رەڭلىك كىيىم» دەپ ئاتالغان. كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسىگىمۇ «تۆت رەڭلىك كىيىم» سەپلەپ بېرىلگەن. ھازىر دۇنيادا «ئالتە رەڭلىك كىيىم» ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا يەنە ئوخشاش بولمىغان قىسىم تۈرلىرىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان رەڭلىك كىيىم نىقابلىنىش گۈللىرىنى بەلگىلەپ چىقتى ھەم يېڭى تىپتىكى رەڭلىك كىيىمنى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ جەڭ فورمىسى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#