شىريودىنگېر

 شىريودىنگېر (1887-1961) ئاۋسترىيە لىك، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، مىكرو زەررىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىسى − شىريودىنگېر تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلغان مەشھۇر ئالىم.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شىريودىنگېر
دۆلەت تەۋەلىكى ئاۋسترىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1961-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
چەتئەلچە نامى Erwin Rudolf Josef Alexander Schrödinger
خەنزۇچە ئىسمى 埃尔温·薛定谔
تۇغۇلغان ۋاقتى 1887-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى
كەسپى فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئىككى چوڭ بايقاش − نىسپىيلىك نەزەرىيە ى بىلەن كۋانت مېخانىكىسىنىڭ پەن-تېخنىكىنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. كۋانت مېخانىكىسى سۇ مولېكۇلىسى ۋە ھىدروگېن ئاتومىغا ئوخشاش مىكرو زەررىچىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئاۋسترىيە لىك فىزىك شىريودىنگېر (1887-1961) كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، مىكرو زەررىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىسى − شىريودىنگېر تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلىپ، 1933-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مىكرو ئېلېكترونىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئاتوم بومبا، ھىدروگېن بومبىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، تۈرلۈك يېڭى ماتېرىياللارنىڭ تەتقىق قىلىنىپ ئىشلىنىشى. . . كۋانت مېخانىكىسىدىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيىۋى قورالدىن ئايرىلمايدۇ.

 1921-يىلى، 34 ياشلىق شىريودىنگېر سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ ئاۋۋال گاز جىسىم، تەۋرىنىش، ئىسسىقلىق ھادىسىسى قاتارلىقلار ھەققىدىكى نەزەرىيىلەرنى تەتقىق قىلغان. ئۇ يەنە قىزىل-يېشىل رەڭ قارىغۇسى بىلەن كۆك-سېرىق رەڭ قارىغۇسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرغان. 1926-يىلى، كۋانت مېخانىكىسىدىكى مەشھۇر دولقۇن تەڭلىمىسىنى، يەنى كېيىن ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان شىريودىنگېر تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نيۇتون قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، پويىز، ئايروپىلانلارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلالىغىنىمىزغا ئوخشاش، شىريودىنگېر تەڭلىمىسىدىن پايدىلىنىپ مولېكۇلا، ئاتوم، ئېلېكترون قاتارلىقلارنىڭ سۈرئىتى نۇر تېزلىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولغان ئەھۋالدىكى ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلالايمىز.

شىريودىنگېر ھەممىگە قىزىقىدىغان، تەسەۋۋۇرغا باي ئالىم، ئۇ كۋانت مېخانىكىسى، نىسپىيلىك نەزەرىيەسى، كوسمولوگىيە (ئالەم ئىلمى) قاتارلىق مۇھىم پەنلەرنى تەتقىق قىلىپ قالماستىن، يەنە، فىزىكا ئاساسلىرى، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. 1944-يىلى، «ھايات دېگەن نېمە؟ − تىرىك ھۈجەيرىنىڭ فىزىكىلىق قىياپىتى» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىنى ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ھازىرقى زامان خىمىيەسى يېڭى ئىدىيەسى بىلەن چۈشەندۈرمەكچى بولغان. بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەنپىي ئېنتروپىيە، ئىرسىي كود، كۋانتنىڭ سەكرەش شەكلىدىكى توساتتىن ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئۇقۇملار ھازىر كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىندى. شىريودىنگېرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، نۇرغۇن ياش فىزىكلار ھاياتلىق پېنى تەتقىقاتىغا يۈزلىنىپ، فىزىكا ۋە خىمىيىدىكى ئىلغار تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى بىئولوگىيىگە ئېلىپ كىردى، بۇنىڭ بىلەن بىئولوگىيە 50-يىللاردىن كېيىن يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى. شىريودىنگېر مولېكۇلا بىئولوگىيەسىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارالدى.

 30 -40- يىللىرى، شىريودىنگېر گىلېر فاشىستلىرىنىڭ ئاۋسترىيىنى يۇتۇۋېلىشى ۋە ئالىملارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچراپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيە گە كۆچۈپ بارغان. 1956-يىلى ئاۋسترىيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى داغدۇغىلىق قارشى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان دۆلەتلىك مۇكاپات تەسىس قىلغان. 1957-يىلى تارقىتىلغان تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات شىريودىنگېرنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#