دىنازاۋۇر

دىنازاۋۇر بولسا ئوتتۇرا ھايات ئېراسى دەۋرىدە پەيدا بولغان قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋان. دىنوزاۋرنىڭ يەر شارى قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا بۆلۈنگىنىگە بىر يۈز 60 مېليون يىللاردىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى.


ئۇيغۇرچە ئىسمى دىنازاۋۇر
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ئۆملىگۈچىلەر سىنىپى
خەنزۇچە ئىسمى 恐龙
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    دېنازاۋۇر نىڭ سۆڭەكلىرى ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىكى، ئۇلارنى دەسلەپكى ئاساسلىق ئەجدىھا تۈرىنىڭ ئاتا بوۋىللىرى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كېيىنكى مەزگىللەردىكى دىنوزاۋرلار ئىچىدە، بۇ ئالامەتلەر تېخىمۇ كۆپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتكەن.

   بەدەن شەكلى جەھەتتىن : دىنوزاۋر ئومومەن بەدەن شەكلى ناھايىتى چوڭ. ئۇزاق تارىخقا ئىگە دىنوزاۋر دەۋردە، بەدەن شەكلى ئەڭ كىچىك بولغان كەسلەنچۈك پۇتلار تۈرىدىكى دىنوزاۋرلارمۇ  ئۇلارنىڭ قونالغۇ دائىرىسىدىكى باشقا ھەر قانداق ھايۋانلاردىن  چوڭ،  ئەڭ چوڭ كەسلەنچۈ پۇتلار تۈرىدىكىللىرىمۇ يەر يۈزىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ھايۋانلار دىن نەچچە دەرىجە چوڭ. دېنازاۋۇرنىڭ باشقا ئۆملىگۈچى ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا ئۇنىڭ تۇرۇش قىياپىتى، يەنى دېنازاۋۇر تىك ھالەتتە تۇرىدۇ ،

     ئوتخور دىنازاۋۇر ۋە گۆشخور دىنازاۋۇر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ 

 ئوتخور دىنوزاۋر يېيەلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى تەرىپىدىن چەكلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا بەزى كىچىك تىپتىكى ئوتخور دىنوزاۋر ئېگىز جايدىكى ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى يېيىش ئۈچۈن، ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. گۆشخور دىنوزاۋر ئوت چۆپلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان دېنوزاۋرلار ۋە باشقا ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ھەر خىل  دېنازاۋۇرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان  ئوزۇقلىنىش شەكلى بولىدۇ.

ئۆتكۈر چىشى ۋە تىرنىقى گۆشخور دىنازاۋۇرلارنىڭ ئاساسلىق قورالى، ئوتخور دىنازاۋۇرلار ئادەتتە ئالاھىدە بولغان قوراللىرى ئارقىلىق گۆشخور دىنازاۋۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىدۇ ،يەنى مۇستەھكەم بولغان تېرىسى، سۆڭەك تايىقى ياكى سۆڭەك مىخى، بەزىدە كۈچلۈك قۇيرۇقى قاتارلىقلار.

20-ئەسىرنىڭ  70 -يىللىرىدىن بۇيان، نۇرغۇن تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى قۇشلار بەلكىم دېنازاۋۇرنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن  دېگەن قىياسنى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بەزى ئاز ساندىكى ئالىملار ئۇلار بەلكىم بىر سىنىپقا تەۋە بولۇشى مۇمكىن دېگەن. دىنوزاۋر بولسا قۇرۇقلۇقتا  ياشايدىغان ئۆمىلىگۈچى ھايۋان

بەزى ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مۇنداق دەپ قارىدى، 66 مېليون  يىل ئىلگىرى كىچىك سەييارە يەر شارىغا سوقۇلغان ۋاقىتتا،  دەل دىنوزاۋر ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى بىر قەدەر ئاجىز مەزگىلى بولۇپ ، كىچىك سەييارىلەر سوقۇلۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مۇھىتتىكى  زور ئۆزگىرىش، دىنوزاۋر  160 مىليون يىل ياشىغاندىن كېيىن  يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

 ھازىر بار بولغان قاتمىسى ئىچىدە بىرقەدەر ياخشى بولغانلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ ئېغىر دېنازاۋۇر بولسا ئۇزۇن بويۇۇنلۇق دېنازاۋۇر، ئۇزۇن بويۇنلۇق دېنازاۋۇرنىڭ تاش قاتمىسى 1907 –يىلدىن 1912 –يىلغىچە بولغان ئارلىقتا تانزانىيەدە ھازىر بېرلىن ھومبولد موزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ، ئىگىزلىكى 12 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 22 مېتىر بولۇپ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 30 توننىدىن 60 توننىغىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان. ئەڭ ئۇزۇن دېنازاۋۇر بولسا دىپلودوكس دېنازاۋۇرى بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 27 مېتىر، 1907 –يىلى ئامرېكىدا بايقالغان، ھازىر پېنسىلۋانىيە پىتتىسبۇرگنىڭ كارنىگ تەبىئەت تارىخى موزىيىدا.

    دىئامېتىرى 10 مىڭ مېتىر كېلىدىغان كىچىك بىر سەييارە يۇلتۇز قۇياش سىستېمىسى ئوبىتىسىنى بويلاپ ئايلىنىپ تۇراتتى، كېيىن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئەسلىدىكى ئوربىتىسىدىن چەتنەپ كېتىپ يەر شارىغا ئۈسكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور پارتلاش يۈز بەرگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ قېتىمقى پارتلاشنىڭ كۈچى 1 مىليون توننىلىق 100 مىليون ۋودورود بومبىسىنىڭ پارتلاش كۈچىگە باراۋەر ئىكەن. چوڭ پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت ئۇششاق سەييارە يۇلتۇزلارنى ئۆزلۈكىدىن پارتلىتىپ چاڭ-توزانغا ئايلاندۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، ئەتراپتىكى قىيا تاشلارنىمۇ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتكەن، قىيا تاشلارنىڭ توزۇندىلىرى ھاۋا ئېقىمى بىلەن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، قېلىن چاڭ-توزانلىق قارا بۇلۇت قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ بۇلۇت قاتلىمى يەر شارىنى ئۇدا بەش يىل ئايلىنىپ يۈرگەن، ئۇ كۈن نۇرىنى توسۇۋالغان بولغاچقا، يەر شارى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇدا بەش يىل قاراڭغۇچىلىقتا قالغان. كۈن نۇرى بولمىغاچقا، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن، ئاقىۋەت ئالدى بىلەن ئۆسۈملۈكلەر زىيانغا ئۇچراپ زور كۆلەمدە قۇرۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان دىنوزاۋرلار يەر شارىدىن غايىب بولغان. 

      ئىنسانلارنىڭ بايقىغان دىنوزاۋر  تاشقاتمىسى تارىخى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. دىنوزاۋر بايقىلىشتىن بۇرۇن، ياۋروپالىقلار ئاللىبۇرۇن يەر ئاستىدا نۇرغۇن شەكلى غەيرى بولغان  غايەت زور  سۆڭەك تاش قاتمىسى بارلىقىنى بىلىپ بولغان. تاكى پالېئونتولوگ مانتېل دىنوزاۋر بايقاپ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغانغا قەدەر، ئىلىم ساھەسى ئاندىن بۇ بىر توپنىڭ ئاللىبۇرۇن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ئىكەنلىكىىنى جەزىملەشتۈرگەن.  

 ئىنسانلار ئەگەر مۇشۇ تاش قاتمىدىن پايدىلانمىسا، دىنوزاۋردىن ئىبارەت بۇ سىرلىق تۈرگە نىسبەتەن  ھېچنېمە بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا دېنازاۋۇر تەتقىقاتى، يەنى دىنوزاۋر تاش قاتما تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ، دىنوزاۋر تاش قاتمىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ھايات ئېراسى دەۋرلەردە شەكىللەنگەن چۆكمە جىنسلاردا ئارىسىدا ساقلانغان، دىنوزاۋرلارتاش قاتمىلار شەكىللىنىشى مۇرەككەپ، ئۇزاق ھەم سىرلىق بولغان جەريان، ئۇ  دېنازاۋۇرلارنىڭ  ئۆلۈشى ۋە نەسلى قۇرۇپ كېتىشىگە چېتىلىدۇ، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ مىليون يىللىق ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھالبۇكى ئۇنىڭ بايقاپ ۋە قېزىپ چىقىش ئوخشاشلا ئاسان ئەمەس، ئالىملار تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاشقا ئايلانغان دىنوزاۋرغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئىزدىگەن، زامانىۋى يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈگەن  ھەمدە تەتقىق قىلغان، خىزمەت جەريانى  ئارقىلىق، بىز ئاستا - ئاستا دىنازاۋۇرلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە تۇرمۇش ئادىتى توغرسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق، ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دىنوزاۋر توغۇرسىدىكى يېڭىدىن بايقاش ۋە يېڭى قاراش توغرىسىدا، قايتا - قايتا تۈزۈتىش ئېلىپ بېرىپ  ئەسلىدە بېكىتكەن دىنوزاۋر ئوبرازى ئارقىلىق، ئۇلارنى تېخىمۇ  يېقىنلىشىپ، پاكىتلار ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشقا يېتەكلەيمىز.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#