ئاۋىيتان بازىرى

ئاۋىيتان بازىرى

ئاۋىيتان بازىرى ئورنى ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1000 كىۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋىيتان بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 1000 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿苇滩镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى
نوپۇسى 12 مىڭ
تېلېفون رايون نومۇرى 0906

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋىيتان بازىرىئاۋىيتان بازىرى ئورنى ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 14 كىلومېتىر، 216-دۆلەت يولى لىنىيەسى چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، ئالتاي شەھىرىدىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان نۇقتىلىق بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ، «ئالتاينىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى» دېگەن نامى بار. ئومۇمىي كۆلىمى 1000 كىۋادرات كىلومېتىر، يەر بايلىقى مول، 100 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 48863 مو، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور.

ئاۋىيتان بازىرىئاۋىيتان بازىرى تەۋەسىدە شىڭىراۋ كەنتى، ئاۋىتەن كەنتى، كۇبۇ كەنتى، ساققۇلاق كەنتى، لودېرو كەنتى، دۆڭ قىرمان كەنتى، جاڭاتام كەنتى، ئاقتۆيە كەنتى، ئاققۇدۇق كەنتى، كۆكتال كەنتى، ساسىقباستاۋ كەنتى، جايىلما كەنتى، قاراتېرەك كەنتى، قىزىل ئۈيىنكى كەنتى، قاراتاش كەنتى، ئاققارىن كەنتى، ئاقكۆڭۈل كەنتى، ئايدارتال كەنتى، ئاقئارال كەنتى، شىلقىدى كەنتى، قاراغاندى قورۇ كەنتى قاتارلىق  26 مەمۇرىي كەنت بار، ئومۇمىي نوپۇسى 12 مىڭ ئادەم، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 14 ئاز سانلىق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بۇنىڭ ئىچىدە قازاق 6943 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %58.1 ئىگىلىگەن.

ئاۋىيتان بازىرى ئاۋىيتان بازىرى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يېرى مۇنبەت، بايلىقى مول، ئاشلىق، مايلىق دان، گۆش مەھسۇلاتلىرى ئالتاي شەھىرى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاۋىيتان بازىرىئاۋىيتان بازىرى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە قوغۇن، مايلىق ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا، مىۋە-چىۋە قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ، 10 مىڭ مو قوغۇنلۇق بازىسى، بۇغداي، كۆممىقوناق بازىسى بار.

قىزىلتاش بازىرى بولسا مۇھىم چارۋىچىلىق تەرەققىيات رايونى، قوي، كالا، ئات، تۆگە ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق تۈرلىرىدىن ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى، چىڭگىل تىۋىتلىك ئۆچكىسى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، سمېنتال كالىسى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى قاتارلىقلار بار. 

ئاۋىيتان بازىرىئاۋىيتان بازىرىدا يېزا-بازار كارخانىلىرى كېيىنرەك باشلانغان، لېكىن تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان. يېقىندىن بېرى، بىر تۈركۈم يېزا- بازار كارخانىلىرى كەسپى بەس-بەستە تەرەققىي قىلىپ، ئۇن زاۋۇتى، تاشچىلىق مەيدانى، خىش زاۋۇتى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى كارخانىلار كەينى كەينىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن ھەمدە مەلۇم كۆلەمگە ئىگە بولغان.

ئاۋىيتان بازىرىنىڭ قاتنىشى قۇلايلىق، دۆلەت يولى 216 ـ لىنىيەسى بازار چېگرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. 3 ئاسفالتلىق بېتون ئاساسىي غول يولى گىرەلىشىپ بازار-كەنت تاشيولى نەچچە ئون، رايـونـدىكى كـەنتلـەرنىڭ ھەممىسىگە ئاپتوموبىل، يولۇچى توشۇيدىغان نۆۋەتچى ئاپتوموبىل قاتنايدۇ. بازار-كەنت تىرانسپورت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

ئاۋىيتان بازىرىنىڭ ئالاقە تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. پروگراممىلىق قاچىلاش ماشىنىسى 1000دىن ئارتۇق، ئورنىتىش نىسبىتى 40 % كە يەتكەن، سىملىق تېلېۋىزىيە كىرگەن ئائىلە 420، قاپلىنىش نىسبىتى % 31. كۆچمە تېلېفون ئاللىبۇرۇن كەڭ ئومۇملاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#