ئۇيقۇسىزلىق

ئۇيقۇسىزلىق

ھەرخىل سەۋەبلەردىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ دائىم قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇشى ۋە نېرۋىلارنىڭ سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشى بىلەن كلىنىكىدا ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۇيقۇسىزلىق ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «بىخوابى، بىيدارى» دەپ ئاتىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى ئۇيقۇسىزلىق
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ
خەنزۇچە نامى 失 眠
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات باشتىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە زىيادە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تەسىرى بىلەن نېرۋىلاردىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇپ، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن مېڭە نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىشى ۋە نېرۋىلارنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات باشتىكى توقۇلمىلارغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ۋە چىقىرىندى ماددىلار تۇرۇپ قېلىپ، نېرۋىلارنى ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە، ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى ئارقىلىق مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ، قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىش ياكى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق مېڭە نېرۋىلارنى غىدىقلاپ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى باشتىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى سۇيۇقلۇقنى قويۇلدۇرۇپ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، مېڭە، نېرۋىلارنى غىدىقلاپ روھىي نەپسانىينىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى كۈچىيىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي، خىلىت يەرلىك ئورۇندىكى ئىنچىكە قان تومۇرلاردا چۆكمىگە چۈشۈپ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، چىقىرىندى ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ چىقىرىندى ماددىلار مېڭە ۋە نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. پاسسىپ روھىي ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىقئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، زىيادە چارچاش قاتارلىق روھىي ئامىللار روھىي نەپسانىينىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقى ۋە چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ، ئۇيقۇدىن يېتەرلىك لەززەت ئالالمايدۇ، كۆپ ئويغىنىدۇ، كۆپ چۈش كۆرىدۇ، چارچايدۇ، ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ئورۇقلايدۇ، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىدۇ، تېرىلەر قۇرغاقلىشىدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتقا ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۇيقۇسى ئاز بولۇش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، كۆپ ئويغىنىش، كۆپ چۈش كۆرۈش، چارچاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاش، تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن ئىلگىرى قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق مۇھىتتا تۇرغانلىق ياكى قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ياخشى داۋالاشقا ئېرىشەلمىسە ھەر خىل روھىي ئەسەبىي كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسىز تۇرغاندا نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ دائىم قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇشى سەۋەبىدىن مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى بۇزۇلۇپ، روھىي نەپسانىينىڭ ئايلىنىشىقالايمىقانلىشىپ روھىي ئەسەبىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىق1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا ھارارەت پەسەيتىش، سوۋۇتۇش، ھۆللۈك يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

گۈلبىنەپشە، نېلۇپەر، ئۇسۇڭنىڭ ھۆل يوپۇرمىقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 20 گرامدىن، كۆكنار شاكىلى 10 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، ئىلىمان ھالەتتە باشنى يۇيۇشقا بېرىلىدۇ.

قاپاق يېغىنى ئوغۇل تۇغقان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.

بابۇنە يېغى، قاپاق يېغى، بادام يېغى بىلەن پېشانە، چېكە ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.

گۈل يېغى، نەرگىس يېغى، سەۋسەن يېغى قاتارلىقلارنى ئايال كىشىنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پېشانىگە چېپىلىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەفتىمۇن، بىنەپشە، قىزىلگۈل ئالتە گرامدىن، بەدىيان 21 گرام، بادىرەنجى بۇيا 9 گرام، گاۋزىبان يوپۇرمىقى 12 گرام، شېكەر 90 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بولىدۇ.

ئاقلانغان ئارپا، بىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، ىەشىاش، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، بابۇنە ئالتە گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، باش يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

بادام يېغى، قاپاق يېغى، بىنەپشە يېغى سەۋسەن يېغى بىلەن چېكە، پېشانە ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.

بادام يېغى، قاپاق يېغى، كۆكنار يېغى ھەربىرىنى 10 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىدىن 20 مىللىلىتىر ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى چىكە ياغلاپ بېرىلىدۇ.

نېلۇپەر، بىنەپشە، گۈلسەۋسەن، بابۇنە، قەلەمپۇرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، باش يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

ئەفتىمۇن، ئىتئۈزۈمى 6 گرامدىن، بادىرەنجى بۇيا 9 گرام، گاۋزىبان يوپۇرمىقى 12 گرام، بەدىيان 3 گرام، سەرپىستان 30 دانە، شېكەر 120 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بولىدۇ.

بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا50 مىللىلىتىردىن؛ خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىتىردىن؛ نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىچىشكە بولىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ يېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن گاۋزىبان، بادىرەنجى بۇيا، ئۇد سەلىب، پەرەنجىمىشكى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن پەرەنجىمىشكى، رەيھان ئۇرۇقى، بادىرەنجى بۇيا قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى  قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا80 مىللىلىتىرىدن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئۇد سەلىب، پەرەنجىمىشكى، رەيھان ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 15~10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ ئارتۇق سەۋدا خىلىتى تازىلىنىدۇ.

مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن؛ دائىلمىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن؛ ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ رەيھان جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا12 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلىدىغان زىيادە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى ھۆل ئىسسىق ۋە ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەر تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، مەسىلەن: باچكا گۆشى، توخۇ گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، كەكلىك گۆشى، پاقلان گۆشى، كىيىك گۆشى، كۆك ماش، ئارپا ئېشى، شويلا، پالەك، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ، سېمىز ئوت، سەۋزە، چامغۇر، پەمىدۇر، كەرەپشە، قاپاق، بېدە، ئالما، ئۈجمە، ئانار، ئەنجۈر، قوغۇن، ئۆرۈك، نەشپۈت، ئامۇت، شاپتۇل، تاۋۇز، بانان قاتارلىقلار تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، كۆپ چارچاش، غەم-ئەندىشە، ئاچچىقلىنىش، ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېچىسى خىزمەت قىلىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لزىم.

4. كۈندۈزى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، ئىلمان سۇدا كۆپرەك يۇيۇنۇش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، دەم ئېلىش بىلەن خىزمەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، چوقۇم دەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=763

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#