ئۆتكۈر خارەكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى

ئۆتكۈر بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى

ھەر خىل سەۋەبلەردىن بۆرەك ئۇيۇل ماددىسى بىلەن سۈيدۈك كانىلىنى تۇتاشتۇرغۇچى ۋارونكىسىمان توقۇلما ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا قىزىش، توڭۇپ تىترەش بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەەلىك.

ئۆتكۈر بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر خارەكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性肾盂性肾炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەر خىل سەۋەبلەردىن بۆرەك ئۇيۇل ماددىسى بىلەن سۈيدۈك كانىلىنى تۇتاشتۇرغۇچى ۋارونكىسىمان توقۇلما ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا قىزىش، توڭۇپ تىترەش بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەەلىك.

ئۆتكۈر خارەكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى ھەۋزى كۈليە شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.


ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل جاراسىملار بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەپرا خىلىتى كۈچلۈك ھارارەت تەسىرىدە كۆيۈپ ئۆتكۈرلەشكەندە غىدىقلاش، ئىچىشتۇرۇش، قىزىش تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان سەپرا خىلىتى پەيدا قىلىدۇ.

كۆيگەن سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش ۋە يۇقۇملاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ قانلىق ئىششىق پەيدا قىلىپ، جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

سۈيدۈك يولى ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سۈيدۈك يولى ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ، بۆرەك جامىغا تەسىر قىلىشى بىلەن بۆرەك جامىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللاردىكى جىنسىي يول ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى سۈيدۈك يولىغا يېقىن بولغاچقا ئاسانلا جىنسىي يول ياللۇغى يۇقىرىغا يامراپ سۈيدۈك يولىغا تەسىر قىلىپ، بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بادامسىمانبەز ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بادامسىمانبەز ياللۇغىدىكى ياللۇغلۇق سىرغىتما سۇيۇقلۇقلار قانغا قوشۇلۇپ، قان ئېقىمى ئارقىلىق بۆرەك جامى توقۇلمىلىرىغا بارغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داس بوشلۇقىدىكى ئەزالار ياللۇغىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

داس بوشلۇقىدىكى ئەزالار ياللۇغلانغاندا يەرلىك ئورۇندىكى ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار لىمفا يولى ئارقىلىق بۆرەك جامىغا تەسىر قىلىپ، بۆرەك جامى ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل زەخىملىنىش، ئۆرۈلۈش، سوقۇلۇش سەۋەبىدىن بۆرەك جامىدىكى توقۇلمىلار زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىنىڭ پاتوفىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىدە ئېغىرلىرىدا بۆرەك ئىششىيدۇ، كەسمە يۈزىگە قان تولۇپ يارا، يىرىڭ شەكىللىنىدۇ. بەزىلىرىدە توقۇلمىلار نىكروزلىنىپ، سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىدۇ. سوزۇلما بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىدا بۆرەك نورمالدىن سەل كىچىك بولۇپ، ئىككى تەرەپ، سىممىتىرىك بولمايدۇ. شىللىق پەردىلىرىدە قېلىنلاش بولىدۇ. ئېغىرلىرىدا غەيرىيلىك يىگىلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بىر قىسىم ئايرىم بىمارلاردا بۆرەك كىچىك شارچىلىرى تالالىشىدۇ. بۆرەك قان تومۇرلىرى قاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

 پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر

ئۆتكۈر بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىكېسەلنىڭ باشلىنىشى تېز بولۇپ، يۇقىرى قىزىتما بولۇش، توڭۇپ تىترەش، باش ۋە پۈتۈن بەدەن ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسۇش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى

ئۆتكۈر بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىغا كۆپىنچە دوۋساق ياللۇغى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. شۇڭا سۈيدۈك قىستاش، پات-پات سىيىش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق دوۋساق غىدىقلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈكنىڭ مىقدارى ئازلايدۇ، بەل ئاغرىيدۇ ياكى قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ، بۆرەك رايونىنى چېكىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىش بولىدۇ، سۈيدۈك نەيچىسى نۇقتىسىنى ياكى قوۋۇرغا بەل نۇقتىسىنى باسقاندا ئاغرىش بولىدۇ. ئاخىرىدا سۈيدۈك توشۇش نەيچىنى بويلاپ، دوۋساققا قاراپ تارقايدۇ. بىر قىسىم بىمارلاردا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىدە قانلىق سۈيدۈك بولىدۇ.

باشقا ئالامەتلەر

بىمارلاردا ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قوسۇش، ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ. بالىلاردا بولسا سۈيدۈك ئاجىرىتىش سىستېما ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولماي يۇقىرى قىزىتما بىلەن تارتىشىش، جۆيلۈش بولىدۇ.

بۆرەككە يىرىڭ يىغىلىش

سۈيدۈك نەيچىسى كۆرۈنەرلىك توسۇلسا يىرىڭ بۆرەك جامى بۆرەك چاشكىسىغا يىغىلىپ، بۆرەككە يىرىڭ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق

ياللۇغلىنىش ئېغىر بولغاندا، بولۇپمۇ سۈيدۈك يولىدا توسۇلۇش بولغاندا ياللۇغ ئاسانلا بۆرەك ئۇيۇل ماددىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، بۆرەك ئۇيۇل ماددىسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك نېكروزلىنىشى بىلەن بۆرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۆرەك ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى

بۆرەك پوستلاق قىسمىدىكى كېسەللىك ئوچىقى بۆرەك قېپىغا كېڭىيىپ تېشىپ چىقىپ، بۆرەك ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان چىرىش

ئورگانىزمنىڭ تەبىئەت كۈچى ئاجىزلىغاندا جاراسىملار قانغا ئۆتۈپ قان چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۆتكۈر بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىقىزىش، توڭۇپ تىترەش، بەل ئاغرىش، چېكىپ تەكشۈرگەندە ئاغرىش، سۈيدۈك نەيچە نۇقتىسى ياكى بەل نۇقتىسىنى باسقاندا ئاغرىش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە جىنسىي يولى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلىق ياكى زەخىملىنىش تارىخى بولىدۇ. بەل ساھەسىگە مۇشلىغاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ.

 قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) سۈيدۈك تەكشۈرۈش: كۆپىنچە سۈيدۈكنىڭ رەڭگى نورمال بولىدۇ. بەزىلەردە سۈيدۈك دۇغلىنىش بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا شۆۋىگۈرۈچتەك ياكى تىپىك يىرىڭلىق سۈيدۈك بولىدۇ. ئارىلاپ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، قانلىق سۈيدۈك بولىدۇ. سۈيدۈكتە ئاقسىلنىڭ مىقدارى 0.2g دىن ئاز بوىلدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ ئىستاكانلىق سۈيدۈك تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ.

2) قان تەكشۈرۈش: قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە نېيترال ھۈجەيرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.

3) رېنتگېندە ۋە B چاۋ ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش: بۆرەك جامىنى سايلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

مەزكۇر كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئانچە قىيىن ئەمەس، بۇ كېسەلدە كۆرۈلىدىغان بەل قورساق ئاغرىشنى ئوت ياللۇغى، سازاڭ ئۆسۈك ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بۆرەك خالتىسىنىڭ ئىششىقى قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر. بۇ كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا بولۇپمۇ ئاياللاردا قىزىش، بەل ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلسە كېسەللىك ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، ئاساسلىقى پەرقلەندۈرۈدىغان كېسەللىكلەردىن:

 بۆرەك سىلىدىن پەرقلەندۈرۈش 

بۇ كېسەلگە سىلىنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ، بۆرەك ئۇيۇل ماددىسى بۇزۇلىدۇ، بەزىلىرى نېكروزلىنىدۇ، بۆرەك جامى ۋە بۆرەك چاچكىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىدۇ، سۈيدۈك تەكشۈرگەندە سىل جاراسىمىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %90كە يېتىدۇ.

بۆرەك ياللۇغى

بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغىدا ئاقسىللىق سۈيدۈك كۆرۈلمەيدۇ ياكى 2 گرامدىن ئاشمايدۇ. بۆرەك ياللۇغىدا 3 گرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دوۋساق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى ئانچە روشەن بولمايدۇ.

 ئۆتكۈر مەزى بېزى ياللۇغى

ئۆتكۈر مەزى بېزى ياللۇغىدىمۇ قىزىش ئالامەتلىرىدىن باشقا بەل ۋە ئارىلىق قىسىم قاتتىق ئاغرىشىدىن باشقا دوۋسۇن غىدىقلىنىش ئىپادىلىرى بولىدۇ. ئاققان دانچىسى مۇسبەت چىقىدۇ، بەزىدە يىرىڭ كۆرۈلىدۇ. جىنسىي ئاجىزلىق ئىپادىلىرى ۋە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىكى نەتىجىلەرگە ئاساسلىنىپ دىئاگنوزىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.

ۋاقتىدا مۇۋاپىق چارە قىلىنسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا مۇۋاپىق چارەقىلىنمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

1. قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش، تازىلىققا رىئايە قىلىش.

2. ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، سۈيدۈك راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

3. ئوزۇقلىنىشنى تەڭشەش، تەرتىپكە سېلىش، تۈز تەركىبى تۆۋەنلەپ تاماقلارنى بېرىش.

رەڭگەر سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، كەرەپشە يىلتىزى، كەرەپشە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، كاكىنەج قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

一、ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىتتىرىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 رامدىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ بېرىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان كاكىنەج شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان كەرەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان بۇزۇرى شەربىتى نۇسخىسى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ قۇرسى كاكىنەج كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھر قېتىمدا 7~5 دانىدىن، قۇرسى بانادۇق كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىېسمتېال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

شەربىتى كاكىنەج نۇسخىسى: كاكىنەج 30 گرام، ئىتئۈزۈم، كەرەپشە ئۇرۇقى، شاھتەررە، سېمىزئوت ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى 15 گرامدىن، ئارپىبەدىيان، بىنەپشە گۈلى 10 گرام، سۇ بىر لىتىر، شېكەردىن 300 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

كەرەپشە شەربىتى نۇسخىسى: كەرەپشە ئۇرۇقى 190 گرام، ئارپىبەدىيان، نانخۇا، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرام، كاكىنەج، ئەنجۈر، قوغۇن ئۇرۇقىدىن 30 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

بۇزۇرى شەربىتى نۇسخىسى: بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى 60 گرامدىن، ئارپىبەدىيان، تۈز تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى 30 گرامدىن، شېكەردىن 300 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىن ھەزىم ياخشىلاش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئامىلەنۇشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن؛ جاۋارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى سۆلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=848

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=848

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#