يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ( مارالبېشى ناھىيەسى)
  2. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (كونا شەھەر ناھىيەسى)
  3. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى )
  4. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (چەرچەن ناھىيەسى )
  5. يېڭىئۆستەڭ يېزىسى (قەشقەر شەھىرى )
مارالبېشى ناھىيەسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى

يېڭىئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ جەنۇب تەرىپگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 110 كىلومېتىر، يېزىنىڭ يەر كۆلىمى 309.7 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار
كود 653130207
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英吾斯塘乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭىئۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ جەنۇب تەرىپگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 110 كىلومېتىر، يېزىنىڭ يەر كۆلىمى 309.7 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە سېرىقبۇيا بازىرى، جەنۇبىي تەرىپى مەكىت ناھىيەسى، غەربتە ئاۋات بازىرى ۋە يوپۇرغا ناھىيەسى، شىمالىي بىلەن چوڭقۇرچاق يېزىسى بىلەن قوشنا. بۇ يېزىغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يېزا بويىچە جەمئىي 5459 ئائىلە، 22 مىڭ ئادەم بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 21928 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.6، خەنزۇ مىللىتى 68 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.3، باشقا مىللىي مىللەتلەر 4 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.1 نى ئىگىلەيدۇ. 

يېڭىئۆستەڭ، ئۇيغۇر تىلىدا «يېڭى ئۆستەڭ»، چىڭ سۇلالىسىنىڭ 25-يىلى (1820-يىلى) نىڭ ئالدى-كەينىدە بىر يېڭى ئۆستەڭ قېزىش، بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بىنا قىلغان كىشىلەر تەرپىدىن نام بېرىلگەن. 1961-يىلى ئاۋا رايونى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا يېڭىئۆستەڭ قاتارلىق تۆت گۇڭشې بولغان. رايونلۇق ھۆكۈمەت يېڭىئۆستەڭ بازار تەسىس قىلىنغان، 1984-يىلى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېڭىئۆستەڭ يېزىسىغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، ئۇلار: جاغدا كەنتى، چىگە قۇدۇق كەنتى، قۇمۇشكۆل كەنتى، چىدىر كەنتى، شېكەرباغ كەنتى، زەيكۆل كەنتى، تېرەكلىك كەنتى، كونا ئۆستەڭ كەنتى، ئورمان كەنتى، ئاتچاپار كەنتى، يېڭىئۆستەڭ كەنتى، قۇمكۆل كەنتى، غىشلىق ئۆستەڭ كەنتى، بەشتام كەنتى، يۇمىلاقچۆل كەنتى،  قارائۈجمە كەنتى، ئاقدۆڭ كەنتى، يەتتە مەھەللە كەنتى، باش ئۆتەڭ كەنتى قاتارلىقلار.

يېڭىئۆستەڭ يېزىسىيېقىنقى يىللاردىن بېرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈنۈمنى مەركەز، پەن-تېخنىكىدا باشلامچى قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى شەكىللەندۈرگەن. چىلاننى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىكى تاۋۇز-قوغۇن، ئۆرۈك ئاساس قىلغان مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىش، دولان قويى، ئۆي توخۇسى، كەپتەر ئاساس قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا  چۈچۈكبۇيا، موگو ئاساس قىلغان ئۆزگىچە كەسىپلەر ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى 20 خىلغا يېقىن بۇلۇپ، ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىمۇ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. كەسىپ ئالاھىدىلىكى كۈندىن-كۈنگە روشەن، كۆلىمى، ئۈنۈمى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆرىنەرلىك ئاشۇرغان.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#