جىن شۇرېن

جىن شۇرېن (1941-1879)، تەخەللۇسى دى ئەن، گەنسۇ خېجۇ يۈنجىڭلىق. جۇڭخۇا مىنگو مىللىي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي، ھەربىي  ئىشلار رەھبىرى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جىن شۇرېن
خەنزۇچە ئىسمى 金树仁
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
كەسپى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار رەھبىرى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1879-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1941-يىل
مىللىتى خەنزۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىن شۇرېن بىلەن ياڭ زېڭشىن كونا تۇنۇش، ياڭ زېڭشىن خېجۇدا ئەمەلدار بولۇپ مەكتەپ باشقۇرغان مەزگىلدىن باشلاپ بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان، جۈملىدىن ياڭ زېڭشىن خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرى مەكتەپنىڭ باش مۇپەتتىشلىكىگە ئۆسكەندە، جىن شۇرېننى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئۆستۈرگەن. جىن شۇرېن 1909-يىلى (مىڭ سۇلالىسى شەنتۇڭ 1-يىلى) يەرلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئەلە نەتىجىگە ئېرىشكەن. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن (1913-يىلى) داۋخى ناھىيەسىدىكى يۇقىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر ۋە پىداگوگىكا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان.

1914-يىلى ياڭ زېڭشىن نىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ھەربى ئىشلار نازارىتىنىڭ كاتىپى ھەم بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولۇپ، ياڭ زېڭشىن ئۈچۈن مەخسۇس ھەبىي ئاخبارات توپلىغۇچى بولغان. 1915-يىلى شىنجاڭدىكى ھاكىملار ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ياڭ زېڭشىن نىڭ ئېتىبار بېرىشى نەتىجىسىدە ئېمتىھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ ئاقسۇنىڭ ھاكىمى بولغان. 1921-يىلى ئۆلكە مەركىزى (دىخۇا) گە يۆتكىلىپ كېلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1928-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، ھۆكۈمەت ئىشلار نازارىتى خەلق ئىشلار نازارىتىگە ئۆزگەرتىلگەندە، جىن شۇرېن خەلق ئىشلار نازارىتىگە نازىر بولغان.

1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە، جىن شۇرېن ئەسكىرى كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ فەن ياۋنەننى ئۆلتۈرۈپ، قارشى تەرەپنى باستۇردى. ئەتىسى (8-چىسلا) جىن شۇرېن ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى يىغىنىنى چاقىرىپ كېيىنكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلغاندا، دىخۇا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىڭ جېشەننىڭ تەۋسيە قىلىشى بىلەن ئۆلكە باشلىقى بولدى. 7-ئاينىڭ 9-كۈنى جىن شۇرېن ئۆلكىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى نەنجىن ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلدى.

، جىن شۇرېننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ تەستىقلاپ بېرىش ئۈچۈن نەنجىن ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويدى، لېكىن نەنجىن ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپكە جاۋاب بەرمىدى.

1932-يىلى كۈزدە نەنجىن ھۆكۈمىتى جىن شۇرېننى شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسى ۋە قوشۇمچە چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى قىلىپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

1933-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 100 دانە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىگە 1274 سەر ئالتە يېرىم مىسقال ئالتۇن تاپشۇردى. 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يۈز بەرگەن «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دە جىن شۇرېن سىياسىي سەھنىدىن قوغلاندى. 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى جىن شۇرېن دىخۇادىن سانجى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى بانكىنىڭ زاپاس ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ چېگرىدىن ئۆتۈپ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە بېرىپ، ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن تاپشۇرغان 1274 سەر ئالتە يېرىم مىسقال ئالتۇننى قايتۇرۇۋېلىپ، سېبىرىيە ئارقىلىق تيەنجىنگە بېرىۋالدى ۋە شۇ يىلى 10-ئايدا جاڭ جېيىشىنىڭ يېنىغا باردى. 1935-يىلى 5-ئايدا جىياڭنىڭ يەرلىك مەھكىمىسى جىن شۇرېننى سوتلاپ، ئۇنىڭغا جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ۋە بەش يىللىق سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى بەردى. لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي غەربى شىمالدىكى ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلاردىن، بولۇپمۇ دىڭ باۋشەن، لوداچاڭ، ماگوفاڭ، ماخۇيىڭ قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ جىن شۇرېننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ئۇ 1935-يىلى 10-ئۆكتەبىر بايرىمىدا جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىندى دېگەن نام بىلەن قويۇپ بېرىلدى. ئاندىن جىن شۇرېن لەنجۇغا قايتىپ كېلىپ 1941-يىلى 8-ئايدا كېسەل بىلەن 62 يېشىدا ئۆلدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#