پلانېر

پلانېر ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ياسىغان ھاۋادا شۇڭغۇش ئەسۋابى، ئۇنىڭ تاشقى شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ بىر جۈپ تار ۋە ئۇزۇن قانىتى تۈز ئېچىلغان، گەۋدىسى سوزۇنچاق ئاقما لىنىيىلىك بولۇپ، مۇقىم قاناتلىق پلانېر دېيىلىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ قانىتى ئېچىلغان كۈنلۈكسىمان بولۇپ، بىرنەچچە تۇرۇبا چېتىلىپ پلانېر گەۋدىسى قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاسما كۈنلۈكسىمان قاناتلىق پلانېر دېيىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى پلانېر
خەنزۇچە نامى 滑翔机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پلانېرپلانېر ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ياسىغان ھاۋادا شۇڭغۇش ئەسۋابى، ئۇنىڭ تاشقى شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ بىر جۈپ تار ۋە ئۇزۇن قانىتى تۈز ئېچىلغان، گەۋدىسى سوزۇنچاق ئاقما لىنىيىلىك بولۇپ، مۇقىم قاناتلىق پلانېر دېيىلىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ قانىتى ئېچىلغان كۈنلۈكسىمان بولۇپ، بىرنەچچە تۇرۇبا چېتىلىپ پلانېر گەۋدىسى قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاسما كۈنلۈكسىمان قاناتلىق پلانېر دېيىلىدۇ. 

پلانېرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇرۇلمىسى بولمايدۇ. ئۇنى ئۇچۇرۇش لەگلەك ئۇچۇرغانغا ئوخشايدۇ، پلانېر تەنھەرىكەتچىسى يانتۇ تاغ باغرىدىن تۆۋەنگە بىرنەچچە قەدەم يۈگۈرۈپ، ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچىدۇ، بەزىلىرى چىغرىق بىلەن ياكى ئاپتوموبىلنىڭ سۆرىشى بىلەن ئۇچىدۇ، ئايروپىلان سۆرەپ ئۇچۇرىدىغانلىرىمۇ بار. يېقىنقى زاماندىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك پلانېرلارغا كىچىك ياردەمچى ماتور ئورنىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى سۆرىمىسىمۇ ئۆزى كۆتۈرۈلەلەيدۇ، بەلگىلەنگەن ئېگىزلىككە چىققاندا ماتور ئۆچۈپ، ئۆزى شۇڭغۇپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. 

پلانېر ھاۋادا ئۇچقاندا، يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمى بولماي، ئۇنىڭ ئۆز ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئىلگىرىلىمە تەشكىل قىلغۇچى كۈچلىرىگە تايىنىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق ئەھۋالدا ئېگىزلىكتىن تۆۋەنگە سىيرىلىپ ئۇچۇشى شۇڭغۇش دېيىلىدۇ. پلانېرنىڭ يەر يۈزى ياكى جىلغىدا شەكىللەنگەن يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، بۈركۈتكە ئوخشاش قانىتىنى تەكشى يېيىپ ياكى يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇچۇشى پەرۋاز قىلىش دېيىلىدۇ. شۇڭغۇش بىلەن پەرۋاز قىلىش پلانېرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە پلانېرنىڭ ئىقتىدارىنى «شۇڭغۇش نىسبىتى» بىلەن ئۆلچەيدۇ. شۇڭغۇش نىسبىتى شۇڭغۇش جەريانىدا ئىلگىرىلەش ئارىلىقى بىلەن تۆۋەنلەش ئېگىزلىكىنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.

پلانېر ھازىرقى ئالىي پلانېرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى شۇڭغۇش نىسبىتى 50 تىن ئېشىپ كېتىدۇ. 1849 -يىلى ئەنگلىيىلىك كېللى ئەڭ بۇرۇن بىر پلانېر ياساپ، بىر بالىنى بىرنەچچە مېتىر ئېگىزلىككە ئېلىپ چىققان. 1853-يىلى ئۇ يەنە ئادەم ئولتۇرىدىغان يېڭى شەكىلدىكى بىر پلانېرنى ياساپ، ئۆزىنىڭ ھارۋىكىشىنى بىرنەچچە يۈز مېتىر ئۇچۇرغان. مەشھۇر گېرمانىيە ئۇچقۇچىسى لىلىنتال 1891-يىلى مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان ئاسما شەكىللىك پلانېر ياسىغان. 1964-يىلى يېڭى شەكىلدىكى بىر خىل ئاسما كۈنلۈكسىمان قاناتلىق پلانېر بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، ياساش ئاسان، ياساش ئوڭاي، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ، ئازراق يانتۇلۇق بولسىلا ئۇچقىلى بولىدۇ، ئۇنى ياشلار تولىمۇ ياقتۇردى. 

ھازىرقى پلانېرلار ئاساسەن تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك پلانېر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پلانېر دەپ بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى ئاساسەن ئۇچۇش مەشىقلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ بىر كىشىلىك ۋە ئىككى كىشىلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ؛ كېيىنكىسى ئاساسەن مۇسابىقە ۋە ماھارەت كۆرسىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#