ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكلىرى

ئۇيغۇرلار بۇرۇنراق شەھەرلەشكەن، بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويغان خەلقلەرنىڭ بىرى. بازار سودىسىنىڭ جانلىنىشى تەبىئىي ھالدا تاۋار ئالماشتۇرۇشتىكى ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۆلچەملەر ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مېتىرولوگىيىلىك ناملارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان.



ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكلىرى
خەنزۇچە ئىسمى 传统计量单位

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلار بۇرۇنراق شەھەرلەشكەن، بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويغان خەلقلەرنىڭ بىرى. بازار سودىسىنىڭ جانلىنىشى تەبىئىي ھالدا تاۋار ئالماشتۇرۇشتىكى ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۆلچەملەر ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مېتىرولوگىيىلىك ناملارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تۇرمۇشىدىكى ئەنئەنىۋى ئۆلچەملەرنى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، ئېغىرلىق ئۆلچىمى، سۇيۇقلۇق ئۆلچىمى، چېچىلىپ-تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئۆلچەش ئۈچۈن قوللىنىلدىغان ئۆلچەملەر، كۆلەم بىلەن ھەجىمگە بۆلۈش مۇمكىن. 

ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىنىڭ چوڭ بىر قىسمى ئادەم ئەزالىرىنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تەققاس قىلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى لېكسىكا-سېمانىتىكىلىق جەھەتتە بىرەر نەرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەش، مۇساپە ۋە ئارلىقنى ئۆلچەش بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى، ئادەمنىڭ بىرەر ئەزالىرىنىڭ نامى ئارقىلىق ياسالغان، مەسىلەن، غېرىچ(بويى بىر غېرىچ) ، غۇلاچ(بىر غۇلاچ ئارغامچا) ، چامدام(بىر چامدام يەر) ، سويام(بىر سويام رەخت) ، ئادەم بويى(قوناق ئادەم بويى ئۆستى) ، تىرناق(تىرناقچىلىك جاي) ، تۇتام(بىر تۇتام چۆپ) ، تاپان(بىر تاپان يەر) دېگەنگە ئوخشاش، ئىككىنچىسى، ئۆلچەم سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان نەرسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئاتالغۇلار بولۇپ، ئۇ ئاساسەن، مەلۇم بىر ۋاقىت كەسمىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. مەسىلەن، ئارغامچا بوي، نەيزە بوي، دەرەخ بوي، گەز، بىر باغلام، بىر قۇچاق، بىر كاپام، بىر ئورام، بىر كەتمەن، بىر گۈرجەك دېگەنگە ئوخشاش. 

خەلق ئارىسىدىكى مۇساپىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇلارمۇ ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى دائىرسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن، چاقىرىم، بىر ياغاچ يەر، كۆز يېتىم يەر، ئوق يېتىم يەر، بىر رابات يەر، بىر بېكەت يەر، ئات چاپتۇرۇم يەر، ئېڭەك ئاستى يەر، بىر كۈنلۈك يول، بىر پوتەي يول، بىر ئاش پىشىم يەر، بىر ئۈن يېتىم يەر ۋە باشقىلار. 

ئېغىرلىق ئۆلچىمى

ئۇيغۇرلار ئېغىرلىق ئۆلچىمى سۈپىتىدە، كۈرە، پاتىمان، چارەك، يېرىم چارەك، ئىشىشەك، نىمىشەك، جىڭ، سەر، مىسقال، فۇڭ قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەيدىغان جىڭىمۇ مۇشۇ ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. 

كۆلەم، ھەجىم ئۆلچىمى 

ئۇيغۇرلار سۇيۇقلۇق ۋە چېچىلىپ-تۆكۈلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆلچەش ئۈچۈن، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل كۆلەم، ھەجىم ياكى مۆلچەردىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆلچەم بىرلىكىگە ئايلاندۇرغان. مەسىلەن، بىر ھارۋا يۈك، بىر قاپ ئۇن، بىر قاپاق سۇ، بىر شېشە ياغ، بىر قاچا تېرىق، بىر ئېرىق سۇ دېيىلسە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ قانچىلىك مىقدارنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە قانچىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كىشىلەر كۆڭلىگە ئايان ئىدى.

ۋاقىت ئۆلچىمى

ۋاقىت ئۆلچىمىمۇ يۇقىرىقى ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە ئوخشاش بىرەر ھەرىكەت نامى بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن، بىر ئاش پىشىم، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە، ھەش-پەش دېگۈچە، . . . دېگەنگە ئوخشاش.

بۇ خىل ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ ئىپادىلەنگەن مەزمۇنىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى گەرچە مۇتلەق بولمىسىمۇ، لېكىن خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە بۇ ئۆلچەم بىرلىكلىرى نىسپىي تۇراقلىق مەنەگە ئىگە بولغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە قوللىنىلىپ ئادەتكە ئايلانغان بۇنداق ئۆلچەم بىرلىكى نامىلىرى خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا خېلى قويۇق ئىز قالدۇرغاچقا، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيەتلىرىگىمۇ سىڭىپ كىرگەن. بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى، ماقال-تەمسىللىرى ۋە ھېكايە، چۆچەكلىرىدە بۇنداق ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكى ئاتالغۇلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇلارنى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ھەمدە ھازىرقى زامان مېترولوگىيىلىك ناملار بىلەن سېلىشتۇرۇش تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم تېما ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۈچۈن خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن مېترولوگىيىلىك ناملار(كىلومېتر، مېتر، سانتىمېتر، توننا، كىلوگرام، لىتر قاتارلىقلار) نى قوللىنىدۇ. لېكىن يۇقىرىقى ناملارنىڭ بەزىلىرى خەلق ئارىسىدا ھازىرمۇ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#