قومۇش پۆپۈكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى قومۇش. قومۇش كۆپ يىللىق ئېگىز ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 1 ~ 3 مېتىر كېلىدۇ. يەر ئاستى غولى توم، مەزمۇت، يانغا ئۆسىدۇ، بوغۇم ئارىلىقى كاۋاك بولۇپ غولى تىك، يوپۇرماق رېتى بويىچە نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. يوپۇرماق غىلىپى كانايسىمان، يوپۇرمىقى ياپىلاق، ئۇزۇنلۇقى 15 ~ 45 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 1 ~ 3.5 سانتىمىتىر، گىرۋىكى قوپال. گۈل رېتى چوڭ، باشاقسىمان ھەم كونۇسسىمان شەكىلىدە، گۈلى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلىقى 20 ~ 40 سانتىمېتىر بۇلۇپ، ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، ئاستى ساپاقلىق، قولتۇق ئوتتۇرسىنى ئاق رەڭلىك تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ ئادەتتە 4 ~ 7 گىچە گۈلى بار، ئۇزۇنلىغى 10 ~ 16 سانتىمېتىر؛ ئاتىلىق گۈلباشاق تەڭگىچىسى تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى ئوخشاش ئەمەس، سىرتقى قىلتىرىقچىسنىڭ ئىچكى قىسمىدا گۈل چىنىسى بار، ئىككى جىنىسىلىق گۈل، ئاتىلىقى ئۈچ، ئانىلىقى 1 تال، ئانىلىق بوينى 2، ئانىلىق تۇمشۇقى پەيسىمان. قىلتىرىقلىق مېۋىسى ئېللىپىس ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك، مىۋىلەش مەزگىلى 10 ~ 7 ئايلار.
تەمى تاتلىق، تەبئىتى سوغوق، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش ۋە زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قۇسۇش، بۇرۇن قاناش، خۇن تەۋرەشنى توختىتىدۇ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىلدۇ.
مۇكەممەلەشكەن كونۇسسىمان گۈل رېتى ھەم باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 20 ~ 30 سانتىمېتىر. قولتۇق ئاستى ساپاقلىق، ئارلىقلىرىدا ئاق يۇمشاق تۈكچىلەر بار، كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭلىك ھەم بىنەپشە رەڭلىك. كىچىك باشاق ئۇزۇنلىقى 15 ~ 20 مىللىمېتىر. 4 ~ 7 تال كىچىك گۈلى بار، يېڭى ياپرىقى يىپ شەكىللىك، بارغانسېرى چوڭايغاندىن كېيىن تېمىنە شەكىلگە كىرىدۇ، ئۇزۇنلىقى ئوخشاش ئەمەس، سىرتقى قىلتىرىقچە قىسمىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاق يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. يىنىك، ئازراق پۇرقى بار، تەمى سۇس. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.