سۈيدۈك يولى ياللۇغى

سۈيدۈك يولى ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىپ سىيگەندە ئېچىشىش، ئاغرىش، سۈيدۈك قىستىغاندەك سېزىم بولۇش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك .

غەرب تېبابىتى نامى سۈيدۈك يولى ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 尿道炎
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى سىيگەندە ئېچىشىش، ئاغرىش، سۈيدۈك قىستىغاندەك سېزىم بولۇش
كېسەللىك ئورنى سۈيدۈك يولى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كلىنىكىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان سۈيدكۈ يولى سىستېمىسىدىكى ناھايىتىكى مۇھىم كېسەللىكنىڭ بىرى بولۇپ، توغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشى ئەرلەرگە قارىغاندا 10.8 ھەسسە كۆپ. تەخمىنەن %20-%30گىچە ئاياللار ئۆمرىدە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش بىلەن ئاغىرىدىكەن، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىك ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۈستۈنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ۋە ئاستىنقى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش دەپ 2 تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۈستۈنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈك توشۇش نەيچە ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش بولسا دوۋساق ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش يەنە كلىنىك ئىپادىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئاشكارىلانماسلىقىغا ئاساسەن ئالامەتلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە ئالامەتسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى 2 تۈرگە بۆلىنىدۇ، ھەرقايسى سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدىكى ئەزالارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك قوغدىنىش ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن جاراسىملار بولسىمۇ، لېكىن بۇلار سۈيدۈك تەركىبىدىكى جاراسىملارنى چەكلەيدىغان تەركىبلەر بىلەن سۈيدۈكنىڭ ئېقىتىش رولى بولغاچقا كېسەللىك قوزغىتالمايدۇ. لېكىن سۈيدۈك يولى تاش كېسەللىكى، سۈيدۈك يولى تارىيىش، زەخمىلىنىش، قوشنا ئەزالاردىكى ئۆسمە، مەزى بېزى چوڭىيىش، ھامىلىدارلىق، سۈيدۈك يولىغا نەيچە سىلىش، دوۋساق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ھەرخىل سەۋەبلەردىن سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىپ سىيگەندە ئېچىشىش، ئاغرىش، سۈيدۈك قىستىغاندەك سېزىم بولۇش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

1. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى سۈيدۈك يولى توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلىدۇ، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى سۈيدۈك يولىغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سۈيدۈك يولىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سۈيدۈك يولى تېشى، سۈيدۈك يولىدىكى ئۆسمە، سۈيدۈك يول تارىيىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن سۈيدۈكنىڭ نورمال چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، سۈيدۈك يولىنىڭ قوغدىنىش كۈچى ئاجىزلايدۇ، جاراسىملار ئۆسۈپ كۆپىيىپ يەرلىك ئورۇننى يۇقۇملاندۇرۇپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئاياللاردىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى جىنسىي يولغا يېقىن بولغاچقا تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىدىكى كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى جاراسىملار سۈيدۈك يولىغا بۆسۈپ كىرىپ، سۈيدۈك يولىدىمۇ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئادەت مەزگىلىدىكى تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، دوختۇرخانىدا كاتىتېر سېلىش مەشغۇلاتىنىڭ توغرا بولماسلىقى ۋە مەشغۇلات جەريانىدا تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن سۈيدۈك يولى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتىسىيگەندە ئېچىشىدۇ، ئاغرىيدۇ، سۈيدۈك قىستىغاندەك سېزىم بولىدۇ، قىزىيدۇ، جۇغ-جۇغ پەيدا بولىدۇ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. سۈيدۈكىدە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. بىر قىسىم بىمارلاردا كېسەللىك ئالامىتى يەڭگىل بولۇپ، ھەتتا بەزىلىرىدە ھېچقانداق كلىنىكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلمەيدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سىيگەندە ئىچىشىش، ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سۈيدۈك قىستاش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان رايىنى تەكشۈرۈش: ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.

2) سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش: سۈيدۈكىدە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆرۈلىدۇ ياكى ئۈچ ئىستاكان سۈيدۈك ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. يەنى بىرىنچى ئىستاكانغا دەسلەپكى سۈيدۈك، ئىككىنچى ئىستاكانغا ئوتتۇرىدىكى سۈيدۈك، ئۈچىنچى ئىستاكانغا ئاخىرقى سۈيدۈك ئېلىنىدۇ. ئەگەر دەسلەپكى ئىستاكاندىكى سۈيدۈكتە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆرۈلسە سۈيدۈك يولى ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئۈچىنچى ئىستاكاندا قان ھۈجەيرىلرىى كۆرۈلسە كېسەللىك دوۋساقتا بولىدۇ. ئەگەر ئۈچ ئىستاكاننىڭ ھەممىسىدە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆرۈلسە بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان قان سىيىش بولىدۇ.

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلكەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. سۈيدۈك ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلىغۇچى دورىلردىن ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 505مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈم، ئۆشبە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كاكىنەج قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 5~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈم، كاكىنەج، كەرەپشە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپۇ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىرىدن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، نېلۇپەر، گۈلبىنەپشە 10گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى 15گرام، مامىرەنچىنىدىن يەتتە گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قەمبىل، مامىرەنچىنى، شاھتەررە، كەرەپشە ئۇرۇقى 20گرامدىن، ئاق شېكەر 150گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، كاكىنەج 10گرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 30گرام، شۇمشا، سېمىزئوت ئۇرۇقى، سەرپىستان، روم بەدىيان 12گرامدىن، گۈلبىنەپشە، بەدىيان، خەشخاش ئۇرۇقى، ئەفتىمۇن ئۇرۇقى 15گرامدىن، سوزاپ ئۇرۇقى تۆت گرام، شېكەر 240گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 40مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سېرىقئوت ئۇرۇقى، سەرپىستان، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان، خەشخاش ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، رۇم بەدىيان 10گرامدىن، پىرسىياشان، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، كەرەپشە يىلتىزى، ئىتئۈزۈمى، ئۆشبە گۈلبىنەپشە، سېرىقئوت 15گرامدىن، كاكىنەج 30گرام، شېكەردىن 200گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئىسپىغۇل شىرىسى، بېھى ئۈرۈقى شىرىسى، بىنەپشە شەربىتى، كوكنار شەربىتى، چىلان شەربەتلىرىنى قوشۇپ، ھەر كۈنى 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 1~2 قوشۇقتىن ئىچىلىدۇ.

كەرەپشە ئۇرۇقى 150گرام، ئارپىبەدىيان، نانىخۇا، كاسىنە ئۇرۇقى 20گرامدىن، كاكىنەج، ئەنجۈر، قوغۇن ئۇرۇقى 30گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 400مىللىلىتىردىن ئېچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن؛ كاكىنەج شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاكىنەج كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن؛ قۇرسى كاكىنەج كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن؛ قۇرسى بانادۇق كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا بەش دانىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەجۇنى سۆئىلەپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ جاۋارىش زەرئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ ماددەتۇل ھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ لوبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، ھارارەت پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، ھاراق، قورۇلغان تاماقلار.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مۇۋاپىق مىزاجىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. كۆپ ھەىركەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشىتن ھەمدە زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىش، ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

4. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=850

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#