نىكوزىيە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سپروسنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم دىنىي مەركىزى. ئاھالىسى 120 مىڭدىن ئاشىدۇ(1982). نىكوزىيە سىپروسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مىسائولىيا تۈزلەڭلىكىدىكى پېدخېئوس دەريا بويىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 150 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ، شىمال ۋە جەنۇبتىكى ئىككى تاغ ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى.
نىكوزىيە بۇ جايغا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 9-ئەسىرلەردە گرېك خەلقلىرى كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادىيە 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرى سىپروسنىڭ مەمۇرىي مەركىزىگە ئايلانغان. 13-، 14-ئەسىرلەردە مۇھىم شەھەر بولۇپ شەكىللەنگەن. 1489-يىلى ۋىنس خەلقلىرى سىپروسنى ئىگىلىگەندىن كېيىن دۈگىلەك شەكىلدىكى شەھەر تېمى ۋە قەلئە سېلىنغان. بۇلارنىڭ قالدۇقى ھازىرقى قەدەر ساقلانماقتا. نىكوزىيە شەھىرى 20-ئەسىردىن باشلاپ سېپىلنىڭ سىرتىغا قاراپ كېڭەيگەن. تامنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن نىكوزىيە شەھىرى گرېك مىللىتى ئولتۇرۇشلۇق شەھەر رايونى ۋە تۈرك مىللىتى ئولتۇرۇشلۇق شەھەر رايونى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
شەھەردە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، تاماكا، ئۇن، ھاراق، سوپۇن، خۇرۇم، فارفۇر، ستانوك ۋە ئاپتوبۇس قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، پراۋوسلاۋىيە چېركاۋلىرى ۋە مەسچىتلەر بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.