تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭى

باي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى (60 كىلومېتىر يىراقلىقتا) كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان بىر تەبئىي داۋالاش ئورنى بار. بۇ مەشھۇر سەيلىگاھ _ تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭىدۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭى
تەۋە رايون شىنجاڭ باي ناھىيەسى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 铁热克温泉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭىباي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى (60 كىلومېتىر يىراقلىقتا) كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان بىر تەبئىي داۋالاش ئورنى بار. بۇ مەشھۇر سەيلىگاھ _ تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭىدۇر. ئەقىل - پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز خېلى زامانلار ئىلگىرىلا تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭىنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى ئالاھىدە رولىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. 

تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭىدا ئون نەچچە كۆر بۇلاق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگەللىگەن ئورنى ئىككى كۋادرات كېلومىتر كېلىدۇ. چىقىدىغان سۇ مىقدارى 691 توننا، سۇنىڭ تېمپۇراتورىسى قىش-ياز 65 سېلىتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.2000-يىلى باي ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ يەردە تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭى ئارامگاھىنى قۇرۇپ، بۇلاق سۈيىنى تۇربا ئارقىلىق يۇيۇنۇش كۆلچەكلىرى، ئايرىمخانا ۋە ياتاقلارغىچە يەتكۈزگەن. شۇڭا بۇ يەرگە ھەر قانداق چاغدا كېلىپ داۋالانغىلى بۇلىدۇ.

مۇز تاغ باغرىدىكى گۈزەل مەنزىرە، ساپ ھاۋا، سۈپسۈزۈك ئاسمان، شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتقان تاغ سۈيى ... سىزگە ھۇزۇر ۋە راھەت بېغىشلايدۇ. 

تېرەك ئىسسى سۇ ئارشىڭىغا  بارىدىغان يوللار ئاسفالتلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەرگە كۈندە ئاپتوبۇس قاتنايدۇ. 

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى باي ناھىيە پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، تېرەك ئىسسىق سۇ ئارشىڭىنى ئىلمى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ باي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى تېرەك كۆمۈرلىكىدە تەبئىي شەكىللەنگەن ئىسسىقلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، بۇلاقتىن چىققان ئىسسىق سۇنىڭ تەركىبىدە گۈڭگۈرت، زەمچە، فوسفور قاتارلىق مېنرال ماددىلارنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ تېرە كېسەللىرى، رېماتىزىم، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#