شيۇڭ شۈەنگو

شيۇڭ شۈەنگو

 شيۇڭ شۈەنگو، ئەر، خەنزۇ، 1964-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن چاڭدېدىن، 1986-يىلى 6-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1991-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.

ئىسىم-فامىلىسى شيۇڭ شۈەنگو
مىللىتى خەنزۇ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
پارتىيگە كىرگەن ۋاقتى 1986-يىلى 6-ئاي
خەنزۇچە ئىسمى 熊选国
تۇغۇلغان ۋاقتى 1964-يىلى 12-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى
خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتى 1991-يىلى 7-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شيۇڭ شۈەنگو

 شيۇڭ شۈەنگو، ئەر، خەنزۇ، 1964-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن چاڭدېدىن، 1986-يىلى 6-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1991-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.

1981-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 8-ئايغىچە غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن كەسپىدە تولۇق كۇرس، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

1988-يىلى 8-ئايدىن 1991-يىلى 7-ئايغىچە ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى كەسپىدە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

1991-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 8-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرى بولغان (بېيجىڭ شەھىرى خۇەيرۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە چېنىققان).

1992-يىلى 8-ئايدىن 1995-يىلى 1-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى سوتچىسى بولغان (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك).

1995-يىلى 1-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سوتچىسى، جىنايى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (1998-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەركىزىي كومىتېت، دۆلەت ئورگانلىرى شۆبىسىدە ئوقۇغان).

1998-يىلى 11-ئايدىن 2002-يىلى 2-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

2002-يىلى 2-ئايدىن 2002-يىلى 4-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 2-سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

2002-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 8-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، جىنايى ئىشلار 2-سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

 (2003-يىلى 4-ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ چېنىققان).

2005-يىلى 8-ئايدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

 (2010-يىلى 5-ئايدىن 2010-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

2011-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەكومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#