تېرموسفېرا
تېرموسفېرا - ئاتموسفېرا سىرتقى قاتلىمقى بىلەن مېزوسفېرانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق تېرموسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېرموسفېرا - ئاتموسفېرا سىرتقى قاتلىمقى بىلەن مېزوسفېرانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق تېرموسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ. تېرموسفېرا قاتلىمىدىكى تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تىز ئۆرلەيدۇ، 500 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى تېرموسفېرانىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃1200 قا يېتىدۇ. تېرموسفېرا دېگەن ناممۇ دەل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. تېرموسفېرا قاتلىمىدا دائىم قۇتۇپ نۇرى كۆرۈلىدۇ، قۇتۇپ نۇرى ھادىسىسى دېگىنىمىز - قۇياشتىن كەلگەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك زەرەتلىك زەررىچىنىڭ 100 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى يۇقۇرى ھاۋا بوشلۇقىدا باشقا زەرەتلىك زەررىچىلەر بىلەن سوقۇلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئوپتىكىلىق ھادىسىدۇر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.