ئاق قان كېسىلى

ئاق قان كىسىلى

ئاق قان كېسىلى قىسقارتىلىپ قان راكى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ قان ئىشلەپچىقارغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ يامان سۈپەتلىك كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك. بىمارنىڭ يىلىكىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى زور بىر تۈركۈم يېتىلمىگەن، نورمال قان ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقارغانلىقتىن، نورمال بولغان قان پلاستىنكىلىرى، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىپ كېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاق قان كىسىلى
ئىنگلىزچە leukaemia
خەنزۇچە 白血病
باشقىچە نامى قان راكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1847-يىلى گېرمانىيەلىك پاتولوگ رۇدلوف ۋىرچوۋ (Rudolf Ludwig Karl Virchow)  تۇنجى قېتىم ئاق قان كېسىلىنى بايقىدى. ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان سۇيۇقلىقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە يېتىلمىگەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى بايقىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭ قان سۇيۇقلىقى بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئاق قان كېسىلىنىڭ سەۋەبى ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى DNA دا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىلىكتىكى غول ھۈجەيرە ھەركۈنى بىر كۇب مىللىمېتىر\5 مىليون 400 مىڭ دانە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە بىر كۇب مىللىمېتىر\7400 دانە ئاق قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ئاق قان كېسىلى بىمارلىرى ئارتۇق مىقداردا يېتىلمىگەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقارغانلىقتىن، يىلىكنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ باشقا قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئاق قان كېسىلى لىمفا تۈگىنى، تال، جىگەر، مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى ۋە باشقا ئەزالارغا تارقىلىدۇ. ئاق كېسىلى بالىلار بۆلۈمىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ قوزغىلىشى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بالىلار ۋە 35 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئاق قان كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. دائىم قوللىنىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن خىمىيىلىك داۋالاش، رادىئاتسىيىلىك داۋالاش، ھورمونلۇق داۋالاش، يىلىك كۆچۈرۈش قاتارلىقلار بار. ساقىيىش نىسبىتى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالىلار چوڭلارغا قارىغاندا ئاسان ساقىيىدۇ.

ئاق قان كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى يەنىلا تەتقىقات باسقۇچىدا. ئادەتتە غول ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى DNA نىڭ ئۆزگىرىشى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رادىئاتسىيە، راكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە باشقا ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېرسىي ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭمۇ ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار.

1990-يىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ دائىم ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ۋە ئاق قان كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلىقى توغرىسىدا تېخىچە ئېنىق ھۆكۈم چىقىرالمىغان.

ئاق قان كېسىلىنىڭ كۆپ خىل تۈرى بار بولۇپ، ئاق قان كېسىلىنىڭ تۈرى ئاساسلىقى قان سۇيۇقلۇقىدىكى نورمال بولمىغان قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ تۈرىگە ئاساسەن ئايرىلىدۇ، ئىلمىي ساھەدە كۆپ خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بار بولۇپ، دائىم قوللىنىلىدىغان تۈرلەرگە ئايرىش ئۇسۇلىدىن FAB تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن WHO تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى بار. بۇ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇللىرى بىمارلارنى كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەيدۇ. كېلىنكىدا، ئادەتتە جىددى خاراكتىرلىك ۋە ئاستا خاراكتىرلىك ئاق قان كېسىلىگە بۆلىنىدۇ.

جىددى خاراكتېردىكى لىمفا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (ALL)

جىددى خاراكتېردىكى يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (AML)

ئاستا خاراكتېردىكى لىمفا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (CLL)

ئاستا خاراكتېردىكى يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (CML)

ياش تىپتىكى يىلىك يەككە ھۈجەيرە ئاق قان كېسىلى (JML)

چوڭلاردىكى T ھۈجەيرىسى لىمفا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (ATL)

چوڭلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلدىغىنى AML ۋە CML، بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغىنى ALL.

جىددى خاراكتېرلىك ئاققان كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى يېتىلمىگەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بولۇپ، ئادەتتە بۇ يېتىلمىگەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىلىكتە ئىگەللىگەن نىسبىتى %5 دىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇ خىل يېتىلمىگەن ئاق قان ھۈجەيرىلىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىش ئەھۋالى يىلىكنىڭ ساغلام بولغان قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلاردا بىرقەدەر ئومۇملاشقان. يامان خاراكتېرلىك ھۈجەيرىلەر تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ تارقالغانلىقتىن، جىددى خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىنى تېز سۈرئەتتە داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاستا خاراكتېرلىق ئاق كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، كۆپ مىقداردا يېتىلگەن بىراق نورمال بولمىغان قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ، بۇ خىل ھۈجەيرىلەر قان سۇيۇقلىقىدا كۆپ مىقداردا ساقلىنىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ئادەتتە چوڭلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بالىلاردا ئاز كۆرۈلىدۇ. دوختۇر ئاۋۋال ئاستا خاراكتېرلىق كېسەلگە دىئاگىنوز قويىۋېلىپ ۋە تۈرىنى بېكىتىۋېلىپ، ئاندىن دىئاگىنوز ۋە كېسەلنىڭ تۈرىگە ئاساسەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى بېكىتسە بولىدۇ.

ئاق قان كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى، ئاساسلىقى يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاق قان دانچىلىرنىڭ توقۇلمىلارغا ئۆتۈش رولى بولغانلىقتىن، بىر قىسىم ئالامەتلىرى بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئالامەتلار

ئىششىق، نۇقتىسىمان قان چىقىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ: قان ئىشلەپچىقارغۇچى قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ زور يادرولۇق ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كەم قانلىق: قىزىل قان ھۈجەيرىلىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئانا ھۈجەيرىلەر ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يول ماڭغاندا، ھەرىكەت قىلغاندا، ئاسانلا دەم سىقىلىش ۋە باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

دائىم قىزىش، يۇقۇملانغان ئورۇن ئۇزۇنغىچە ساقايماسلىق: كۆپ قىسىم ئاق قان ھۈجەيرىلىرى راك ھۈجەيرىلىرى بولغانلىقتىن، نورمال ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ-دە، ئاسانلا يۇقۇملۇنۇپ قالىدۇ.

راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ توقۇلمىلارغا ئۆتىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ئالامەتلىرى

لىمفا تۈگۈنلىرى ئىشىپ قېلىش

سۆڭەك ۋە بوغۇملار ئاغرىش: راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىلىكتە كۆپ مىقداردا كۆپىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چىش مىلكى ئىشىپ قېلىش

جىگەر ۋە تال ئىشىپ قېلىش

باش ئاغرىش ۋە قۇسۇش: راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى

تېرىدە قاتتىق ئۇيۇتمىنىڭ پەيدا بولىشى: قارىماققا سۇس يېشىل رەڭدە كۆرۈنگەنلىكتىن، «يېشىل رەڭلىك ئۆسمە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يۈرەك قېپى پەردىسى ياكى كۆكرەك بوشلىقى پەردىسىدە سۇ يىغىلىپ قېلىش.

ھەر قايسى تۈردىكى ئاق قان كېسەللىرىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلىرى

جىددى خاراكتېردىكى لىمفا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (ALL): «نەپەس قىسىلىش»، ھۆتەل

جىددى خاراكتېردىكى يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (AML): يامراش خاراكتېرلىك قان چىقىش

ئاستا خاراكتېردىكى لىمفا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (CLL): جۇڭگولۇقلاردا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ

ئاستا خاراكتېردىكى يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (CML): كۆپ قىسىم بىمارلارنىڭ ئاق دانچىلىرىنىڭ سانى ئېشىپ، تال ئىشىۋالىدۇ

چوڭلاردىكى T ھۈجەيرىسى لىمفا خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى (ATL): قان تەركىبىدىكى كالىتسىي ئىئونى يوقىرى بولغانلىقتىن، سۇسىزلىنىش، ئېسىنى بىلمەسلىك، ھوشسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئاق قان كېسىلى يىلىكنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن بولغانلىقتىن، يىلىكنى تېشىپ تەكشۈرگەندە ياكى يىلىك پارچىسىنى تەكشۈرگەندىلا، ئاندىن ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. ئاق قان كېسىلىنىڭ تۈرىنى بېكىتىش ئۈچۈن يەنە باشقا ئالاھىدە تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاق قان كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. دائىم قوللىنىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن خىمىيىلىك داۋالاش، رادىئاتسىيىلىك داۋالاش، ھورمونلۇق داۋالاش، يىلىك كۆچۈرۈش قاتارلىقلار بار. ساقىيىش نىسبىتى ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالىلار چوڭلارغا قارىغاندا ئاسان ساقىيىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن دورا بىلەن داۋالاش، رادىئاتسىيە ئارقىلىق داۋالاش، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش، نىشانلىق داۋالاش ۋە جۇڭيىچە داۋالاش قاتارلىقلار بار. بىر قىسىم خەتەرلىك بىمارلارنى يىلىك كۆچۈرۈش ئارقىلىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قان ئىشلەپچىقارغۇچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش ئومۇملىشىۋاتىدۇ.

ئۆتكەن 30 يىلدا ھايات قېلىش نىسبىتى بىر ھەسسە ئاشتى، بىراق بۇ يەنىلا تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ. 1970-يىلىدىكى ساقىيىش نىسبىتى %22، 1990-يىلىدىكىسى %43. يېڭى داۋالاش ئۇسۇللىرى بايقالغانلىقتىن، بىر قىسىم تۈردىكى ئاق قان كېسەللىكلىرىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى بۇنىڭدىن يۇقىرى. ئىستاتىسكىلارغا ئاساسلانغاندا، %67 ئاق قان كېسىلى بىمارى بەدىنىدىكى قان پىلاستىنكىلىرى ئېغىر دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، مىڭىسىدىن قان چىقىپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#