سانائەت ئىلمى

سانائەت ئىلمى

سانائەت ئىلمى ئاساسلىق قۇرۇلۇش پەنلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، ئېنىرگىيە مەنبەسى، توك ۋە ھاۋا ئۇچۇرلىرى، قاتناش ترانسىپورتى،دېڭىز قۇرۇلۇشى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، ئاۋىئاتسىيە، كۈچ ئىلمى، بىئولوگىيە قۇرۇلۇش ئىلمى، يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىك تېخنىكىسى، ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشى، كان، ماتېرىيال، يېمەكلىك، سۇ ئىشلىرى، مۇھىت ۋە بىخەتەرلىك، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا ياساش قاتارلىق ھەر خىل كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە سانائەت ئىلمى
خەنزۇچە 工学

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانائەت ئىلمى ئاساسلىق قۇرۇلۇش پەنلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، ئېنىرگىيە مەنبەسى، توك ۋە ھاۋا ئۇچۇرلىرى، قاتناش ترانسىپورتى،دېڭىز قۇرۇلۇشى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، ئاۋىئاتسىيە، كۈچ ئىلمى، بىئولوگىيە قۇرۇلۇش ئىلمى، يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىك تېخنىكىسى، ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشى، كان، ماتېرىيال، يېمەكلىك، سۇ ئىشلىرى، مۇھىت ۋە بىخەتەرلىك، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا ياساش قاتارلىق ھەر خىل كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سانائەت ئىلمى ئىنچىكە ئۈسكۈنە-ئەسۋابلارنى لاھىيەلەش ۋە ئۆلچەش، كونتىرول قىلىش قاتارلىق جەھەتتىكى ئاساسىي بىلملەرنى، نەزەرىيە ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش، دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئىقتىسادىي تارماقلىرىدىكى ئۆلچەش ۋە كونتىرول قىلىش قاتارلىق  ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تېخنىكىلىق شەرتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان ئىلىم تۈرلىرىنىڭ بىرى.

 بۇ كەسىپ نازۇك ئەسۋابلارنىڭ نۇر ئىلمى، ماشىنا ۋە ئېلىكتىرون ئىلمىنىڭ ئاساسىي نەزىرىيىلىرى، ئۆلچەش ۋە كونتىرول قىلىش نەزىرىيىسى قاتارلىق ئىلىملەر بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇپ، ھازىرقى زامان ئۆلچەش-كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى بىلەن قۇراللىنىپ، كەسىپكە دائىر قۇراللارنى ئىشلىتەلەيدىغان ۋە سانائەت ساھەسىدىكى بوشلۇقلارنى ئاچالايدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ھازىرلىيالايدۇ.

   سانائەت كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر تۆۋەندىكىدەك كەسپىي ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە نامايان قىلالايدۇ:

  •  بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تەبىئىي پەن ئاساسىي بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولالايدۇ، ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي پەن ئاساسىي بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، توغرا ئىشلىتەلەيدۇ، ئىپادىلەش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ.
  •  سانائەت ئىلمى ساھەسىدىكى ماشىنىسازلىق ئىلمى، ئېلىكتىرون ئىلمى، نۇر ئىلمى، ئۆلچەش ۋە كونتىرول قىلىش، بازار ئىگىلىكى ۋە كارخانا باشقۇرۇش ئاساسىي بىلىم، نەزىرىيە ۋە تېخنىكىلارنى سىستېمىلىق ھالدا ئىگىلىيەلەيدۇ.
  • نۇر، ماشىنا، كومپىيۇتىر ماس ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆلچەش-كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى، تەجرىبە-تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئېچىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئىقتىدار-ساپالارنى ئۆزىدە ھازىرلىيالايدۇ.
  •  چەتئەل تىلىنى راۋان ئىشلىتەلەيدۇ.
  • يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ھەر خىل ئۇنىۋېرسال بىلىملەر بىلەن قۇراللىنالايدۇ.
  • [0]

    ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

    asd

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    0.

    بەشتاش تورى:سانائەت ئىلمى 

    http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18546.html

    مەنىداش سۆزلۈك:

    ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

    5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
    • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
      100%
    • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
      0%
    • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
      0%
    • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
      0%
    • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
      0%

    يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

    تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

    چىكىنىش

    #title

    #video#