ئېغىر ئۇيقۇ

ئېغىر ئۇيقۇ

ئېغىر ئۇيقۇ ھەرخىل ئامىللارنىڭ مېڭە ۋە نېرۋىلارغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە روھ، قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلىشىپ كلىنىكىدا ئۇيقۇنىڭ نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن ئارتۇق بولۇش ۋە كۈچلۈك غىدىقلىنىشلارغىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى
خەنزۇچە نامى 睡 眠 过 多
جۇڭيى تىبابىتى نامى ئېغىر ئۇيقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېغىر ئۇيقۇھەرخىل ئامىللارنىڭ مېڭە ۋە نېرۋىلارغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە روھ، قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلىشىپ كلىنىكىدا ئۇيقۇنىڭ نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن ئارتۇق بولۇش ۋە كۈچلۈك غىدىقلىنىشلارغىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سۇبات»دەپ ئاتىلىدۇ.

1. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات مېڭە ۋە نېرۋىلارغا تەسىر قىلىپ، مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئېغىر ئۇيقۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتى ئۆزىنىڭ ھۆل سوغۇق كەيپىياتى ئارقىلىق مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭە ۋە نېرۋىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

3. قان خىلىتىنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قان خىلىتى سۇيۇلۇپ كەتكەندە مېڭە ۋە نېرۋىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېڭە ۋە نېرۋىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

4. سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل سىرتقى زەربە تۈپەيلىدىن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئېغىر ئۇيقۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئېغىر ئۇيقۇئۇيقۇ ۋاقتى نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن كۆپ بولىدۇ. يەنى 12~9 سائەتتىن ئارتۇق بولىدۇ، سىرتقى غىدىقلىنىشلارغىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ، ئويغاتماق ناھايىتى قېيىن بولىدۇ ياكى ئويغاتقىلى بولمايدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتى سۇسلىشىدۇ، ئۇنۇتقاقلىق بولىدۇ، بېشى ئېغىر بولىدۇ، باش قايىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل خىلىتنىڭ غالىبلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۇيقۇ پەرقلەندۈرۈلىدۇ، نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن ئارتۇق بولۇش، كۈچلۈك غىدىقلىنىشلارغا ئىنكاسى بولماسلىق، ئويغاتماق قىيىن بولۇش، ئەقلىي قابىلىيىتى سۇسلىشىدۇ، ئۇنۇتقاقلىق ئېغىر بولۇش، باش ئاغرىش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

ھوشسىزلىنىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ھوشسىزلىنىشتىكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىش، قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسلەلىكنىڭ ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىش، شۇنداقلا ھوشسىزلىنىش تۇيۇقسىز يۈز بېرىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل مىزاج ۋە خىلىتقا قارىتا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشقا قارىتا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

جىنتىيانا، ھەببۇلغار، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە 20 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسىدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە تەرياق تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 1~0.5 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.

سوزاپ، ئاقىر قەرھا، سەمغى ئەرەبى، قىچا قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈل يېغى، سوزاپ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلىنىپ باشقا چېپىلىدۇ.

قۇندۇز قەھرىنى يۇمشاق سوقۇپ، سوزاپ يېغى، گۈل يېغى ۋە بابۇنە يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باش ۋە پۇت ياغلاپ بېرىلىدۇ.

ئىپار، قۇندۇز قەھرى، ئىگىر پۇراپ بېرىلىدۇ.

شەھمەنزەل ئىككى گرام، غارىقون، ئەفتىمۇن 1.5 گرامدىن، تۇربۇت ئۈچ گرام، مۇقەل بىر گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە ھەب ياساپ، كۈندە بىر قېتىم، ئەتىگەندە تاماقتىن كېيىن بىر دانىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

تۇز بىلەن تېرىقنى قورۇپ باش ساھەسىگە تېڭىلىدۇ.

ئۈچ گرام قۇندۇز قەھرى بىلەن بىر گرام شەھمەنزەلنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن بىر دانىدىن مائۇل ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئۇد سەلىب ئاسارۇن، ئاقىر قەرھا قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى  قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قاننى جانلاندۇرۇش، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىلىشنى تېزلىتىش، قاننىڭ نورمال يېپىشقاقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ماددەتۇل ھايات كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەنجىباھار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ سۇفۇپى خونسىياۋشان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قۇرسى كەھرىۋا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن؛ ئانار چىچىكى گۈلقەننى كۈندە ئۈچ قېتىم، 20 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن؛ مەجۇنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم؛ تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ ئىتىرىفىل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ماددەتۇل ھايات كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

كۆپ ئۇخلاشتىن، سوغۇق سۇ ئىچىشتىن، مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يېيىشتىن، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، كۆپ چارچاشتىن، مەست قىلغۇچى بۇيۇملارنى ئىستېمال قىلىشتىن، غەم-ئەندىشە ۋە ئاچچىقلىنىشتىن، سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن، سوغۇق مۇھتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىش، ھاۋالىق، يورۇق ئۆيدە مۇۋاپىق ئارام ئېلىش لازىم.

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: كەكلىك گۆشى، قۇچقاچ گۆشى، باچكە گۆشى، پاقلان گۆشى، كىيىك گۆشى، يارما ئاش، نوقۇت ئېشى، ئۈگرە، پىننە، دارچىن، زەنجىۋىل، چامغۇر، سەۋزە، پالەك، پەمىدۇر، قىزىلچا، ياڭاق، خورما قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=762

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#