ئەڭ دەسلەپكى ئۆي قۇرۇلۇشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە غارنى ئۆي قىلىۋالغان ياكى شاخ-شۇمبىدىن ئۇۋا ياسىۋالغان. غار سۈنئىي ئەمەس، تەبئىي بولىدۇ. ئۇۋا سۈنئىي ياسالسىمۇ، لېكىن تەبئەتتىن كۆپرەك پايدىلىنىپ ياسىلىدۇ. غار بىلەن ئۇۋا ئۆيلۈك رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ھەقىقىي ئۆي قۇرلۇشى دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى غار بىلەن ئۇۋىدىن تەرەققى قىلىپ چىققان. چېخوسلۇۋاكىيىنىڭ دونىۋىستونىس دېگەن يېرىدىكى بۇنىڭدىن 27000يىل ئىلگىرى سېلىنغان قۇرۇلۇشنىڭ خارابىلىرى ئۆينىڭ بەلگىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇ يەردە ھايۋانلارنىڭ قاتار كەتكەن نۇرغۇنلىغان يۇمۇلاق چوڭ سۆڭەكلىرى بار، كىشلەر بۇلارنى ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ماتىريالى قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا. 

ئۆي قۇرۇلۇشىنى مەملىكىتىمىزنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يۈيياۋ دېگەن جاينىڭ خېمۇ كېچىكىدە بۇنىڭدىن 700يىل بۇرۇن سېلىنغان بىنانىڭ خارابىسدىن چېخوسلوۋاكىيىدىكى خارابىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ يەردە قاتار-قاتار كەتكەن قوزۇقلار ۋە كۆپلىگەن تۇرۇملار، تۈۋرۈكلەر، لىملار ھەمدە ياپسالاشتۇرۇلغان تاختايلار بار، بۇ يەرنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ خارابىسى ئىكەنلىكى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. خېمۇ كېچىكىدىكى خارابىدە ئېلىپ بېرىلغان گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ بىنا ئەسلىدە سازلىقنىڭ چېتىدە بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى پەس ۋە زەي بولغان، قاتار كەتكەن قوزۇقلاردىن قارىغاندا، بۇ بىنا بىر خىل ۋادەكلىك بىنا بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىنانى سېلىشتا ئۇنىڭ ئۇلى ياغاچ(ياكى بامبۇك) بىلەن يەر يۈزىدىن ئېگىز كۆتىرىپ، ئاندىن ئۆي سېلىنغان بولسا كېرەك. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نەملىك قىزىتمىسىدىن، شۇنىڭدەك ھاشارەت، يىلان ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالغان بولسا كېرەك. ۋادەكلىك قۇرۇلۇش شەكلى بىر ۋە كۆپ تېرەكلىك ئۇۋىدىن تەرەققى قىلىپ چىققان. مەملىكتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىدىكى بۇيى، جۇاڭزۇ، جىڭپو، ئەينى، دەيزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر مۇشۇنداق بىنا شەكلىنى ھېلىمۇ قوللىنىپ كەلمەكتە. (دېڭ ۋېيچى، خۇۋېيمىڭ) 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#