دېپىكا پادۇكون
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دېپىكا پادۇكوننىڭ ئانا تىلى كونكانى تىلى (ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان 2 مىليون نوپۇسقا ئىگە مىللەت كونكانى مىللىتى) ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دېپىكانىڭ پەي توپ ئويناش سەۋىيەسى دۆلەتلىك دەرىجىگە يېتىدىغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تەنھەرىكەتچى بولۇشتىن ۋاز كېچىپ مودېل ساھەسىگە كىرگەن ۋە ناھايىتى تېزلا بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىققان.
2007-يىلى ئۇ مىسلىسىز ھالدا تۇنجى فىلىمىدىلا بوللىۋود خانى شاھرۇھخان بىلەن ھەمكارلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇدا «ئاج كالنى ياخشى كۆرۈش» قاتارلىق بىرقانچە چوڭ فىلىملەردە رول ئېلىپ چولپانلىق ئاساسىنى تىكلىگەن. لېكىن 2010-يىلى 2011-يىلىغىچە ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ ئىشلىگەن فىلىملەر ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ كەسپىدە كىرىزىس پەيدا بولغان، بەختكە يارىشا دېپىكا 2012-يىلى «كوكتىل ھارىقى» بىلەن كۈچلۈك ھالدا قايتىپ كەلگەن.
2013-يىلى بولسا پۈتۈنلەي دېپكا يىلى بولۇپ قالغان. بۇ يىلى ئۇ ئەڭ بازارلىق ئون فىلىمنىڭ تۆتىدە رول ئالغان، «مۇسابىقە 2»، « تەلۋە ياشلىق»، «چېنناي تېز پويىزى»، «رام لېلا» قاتارلىق. ئۇ شاھرۇھخان بىلەن قايتا ھەمكارلاشقان فىلىم «چېنناي تېز پويىزى» شۇ ۋاقىتتا ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور بېلەت كىرىمى ياراتقان فىلىم بولۇپ قالغان.
2014-يىلى ئۇ يەنە شاھرۇھخان بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ بېلەت كىرىمى رېكورتلىرىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن 2015-يىلى تارىخىي فىلىم «باجىراۋ مەستانى»دە خانىش مەستانىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك رول ئېلىش ماھارىتىنى قايتا نامايان قىلغان.
2008-يىلى 3-ئايدا، دېپىكا، رانبىر كاپور بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، 2009-يىلى ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى ئاشكارىلاپ باقمىغان.
بوللىۋودتا ئاللىقاچان ئايال ئارتىسلارنىڭ كەسپىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى ياراتقان دېپىكا ھازىر نەزىرىنى خەلقئاراغا يۆتكىدى، نەچچە كۈن بۇرۇن يېڭىدىن قويۇلغان «ئالاھىدە خادىم 3: قايتىش»تا ئۇ خەلقئارالىق چولپان ۋىن دېسل، جېن زىدەن بىلەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق رول ئالدى. كەسپىدىكى بۇ يېڭى يارقىن نۇقتا بىلەن دېپىكا ھەقىقىي دۇنياۋى چولپان بولۇپ قالغۇسى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.