ماركو پولو

ماركو پولو

ماركو پولو ( 1254 ~ 1324 ) ئىتالىيەلىك ساياھەتچى، «ماركو پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ياكى («شەرقتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئاسىيا ئەللىرىدە كۆرگەنلىرىنى ئاغزاكى بايان قىلىپ، شەرق ئەھۋالىنى ياۋروپاغا تونۇشتۇرۇپ تارىختا داڭ چىقارغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماركو پولو
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1254-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马可·波罗
مىللىتى گېرمان
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1324-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركو پولوماركو پولو (Marco Polo) ئىتالىيەلىك ساياھەتچىسى، «ماركو پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ياكى («شەرقتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئاسىيا ئەللىرىدە كۆرگەنلىرىنى ئاغزاكى بايان قىلىپ، شەرق ئەھۋالىنى ياۋروپاغا تونۇشتۇرۇپ تارىختا داڭ چىقارغان. ئۇنىڭ دادىسى نىكولاي پولو ۋە تاغىسى مادو پولولار ۋېنىتسىيە سودا ساھەسىدىكى ئاتاق-ئابرۇيلۇق زاتلاردىن ئىدى. ئۇ ئىككىيلەن 1253-يىلىدىن 1254-يىلىغىچە ئىتالىيىدىن ئايرىلىپ ۋىزانتىيەگە بېرىپ سودىگەرلىك قىلىدۇ، 1260-يىلى بۇ ئىككى سودىگەر ئىستانبۇلدىن يولغا چىقىپ، قىپچاق خانلىقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى قۇبلايخاننى زىيارەت قىلىپ 1269-يىلىغىچە تۇرۇپ يۇرتىغا قايتقان. 

بۇ چاغدا نىكولاينىڭ خوتۇنى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن تۇغۇلغان، 15 ياشقا كىرگەن ماركو پولونى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. 1271-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىردا 17 ياشلىق ماركو پولو دادىسى ھەم تاغىسىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئاگاھ شەھرىدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگوغا قاراپ يول ئالغان. ئۇلار توپ-توغرا ئۈچ يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سۈرىيە، ئىراق، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرگەن. 1275 -يىلى يازدا يۈۋەن سۇلالىسى پادىشاھلىقىنىڭ يازلىق ئوردىسى يۇقىرىقى ئوردىغا يېتىپ كېلىپ، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايۇنى دولۇن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، قۇبلايخاننى تاۋاپ قىلغان. ماركو پولو موڭغۇلچە ھەم خەنزۇچىنى ناھايىتى تېزلىكتە ئۈگۈنۋالدى، سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، يازالايدىغان بولدى ۋە يەرلىكنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرى بىلەن پىششىق تونۇشتى. ئۇنىڭ "بىلىمى مۇكەممەل، چىراي تۇرقى كېلىشكەن" بولغاچقا قۇبلايخاننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن . ئۇ يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئون نەچچە يىل خىزمەت قىلدى. ھەم پۈتكۈل جوڭگۇنى دېگۈدەك ئارىلاپ چىقتى. يەنە ئەلچى بولۇپ، ۋيېتنام، فىلىپپىن، جاۋا، سۇماترا قاتارلىق جايلارغىمۇ بارغان، بارغانلا جايلارنىڭ ئۆرپ -ئادىتى، ماددى مەھسۇلاتى، ھەم بىناكارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەپسىلى خاتىرە قالدۇرغان.

ماركو پولو1292-يىلىنىڭ بېشىدا، پولونىڭ ئائىلىسىدىن ئۈچەيلەن يۇرت-ماكانىنى سېغىندى، پېرسىيگە ياتلىق قىلىنغان موڭغۇل ئاق سۆڭەكنىڭ قىزى كوكوقېننى قوغداپ ئاپىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مالايسىيا، ھىندىستان ئارقىلىق،پېرسىيگە يېتىپ باردى. ئاندىن غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، 1295-يىلى يۇرتى ۋېنىتسىيەگە قايتىپ كېتىشتى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا توپ توغرا 26 يىل بولغان ئىدى. 1298-يىلى ۋېنىتسىيە بىلەن گىنۇيا ئوتتۇرسىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز سودىسىغا بولغان زومىگەرلىكنى تالىشىش ئۇرۇشىدا ۋىنىس پاراخوتلىرى مەغلۇپ بولۇپ، ماركو پولو پۇل چىقىرىپ قوراللاندۇرغان بىر ئۇرۇش پاراخوتى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى ۋە ئۆزى گىنويا تۈرمىسىگە قامالغان.

ماركو پولوكىشىلەر دۇنيادا ئەڭ يىراق جايلارنى كۆرگەن ماركو پولۇنىڭ گىنويا تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى زىيارەت قىلدى. ماركا پولومۇ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. شۇڭا ماركو پولو ئۆزىنىڭ شەرقتە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى تۈرمىدىكى سەبدىشى روسىتكىئانوغا ئېيتىپ بەردى، روسىتكىئانو ئۇنى فىرانسۇزچە خاتىرىسىگە ئاساسەن رەتلەپ كىتاب قىلدى."ماركو پولونىڭ مەشھۇر ساياھەت خاتىرسى"دېگەن تارىختىكى مەشھۇر ئەسەر مانا شۇ ئىدى. بۇ كىتاب جەمىئىي 4 جىلىد بولۇپ، بېشىغا قىسقىغىنە بىر سۆز بېشى يېزىلغان. [1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#